ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەسلىمسىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەخپى ھۆججەت ھەققىدە

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

مېنىڭ گېنىرال جاڭ جېجوڭ 张治中 بىلەن ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن جەنۇپقا قىلغان بىر قېتىملىق ساياھىتىم ھەققىدە شۇلارنى قوشۇپ قويىشىم كېرەك. گېنىرال جاڭ جېجوڭ بۇ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا شۇنداق بىر ئىش قىلغان بولۇپ، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. ئۇ كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەندىكى خىتاي قوشۇنلىرىغا شۇنداق بىر مەخپىي نوتۇق سۆزلىگەن. بۇ نوتۇق كېيىنچە بىر كىتاپچە قىلىنىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە مەخپى دەپ يېزىلىپ، ناھايىتى دېققەت بىلەن ئىچكى قىسىمدا تارقاتقان. مەن ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مېنىڭ قولۇمغا بىر تانە تەگدى، ھازىر ئۆيۈمدە بار، مۇۋاپىق پەيىتتە ئۇنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشىردىن چىقىرىمەن ئىنشاللاھ.

ئالدى بىلەن شۇنى دەپ ئۆتىشىم كېرەك. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركسىتاننى خىتايلار باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇ. ئەڭ ئۈستتىكى ۋالىدىن تارتىپ، ناھيە ھاكىمىغىچە ھەممىسى خىتايلار. پۈتۈن دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مەمۇرلارنىڭ ھەممسى يەنە خىتايلار. يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر، بۇ تۈرك خەلقلىرى شۇنداق بىر خەلىقكى، ئۈچ قىتئەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، خىتاي پادىشاھلاىرىدىن باج ئالغان، بەزىدە ياردەن قىلىش ئۈچۈن ئات چاپتۇرغان، خىتاينى قورقۇتۇپ سەددىچىن سېپىلىنى سوقتۇرغان، تۈركسىتاندا چوڭ دۆلەتلەر قۇرغان ۋە باشقۇرغان بىر خەلق ئىدى. تۈركىستان ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى چوڭ بويسۇندۇرغۇچىن، دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە ئىلىم ئەھىللىرى تەربىيەلەپ چىققان بىر يەردۇر. بۇ يەردە دۆلەت قۇرغان تۈركلەر ئۆز ۋەتىنىنى ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئامما خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يەرلەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بىر ناھيەگە ھاكىممۇ بولالمىدى. خىتايلار بۇ مۇسۇلمان تۈركلەرنى قۇلنى باشقۇرغاندەك باشقۇردى، خورلىدى. ئاچچىقى كەلگەندە بىزنى ھايۋان دەپ چاقىراتتى. يېنىدا ئولتۇرۇشقىمۇ ئىجازەت ۋە ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. خىتايلار ئېمپېرىيالىست، مۇتەئەسسىپ، تەكەببۇر بىر مىللەت. بىزنى بەك تۆۋەن كۆرىدۇ. ئەجدادىمىز ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەرناھايىتى مەغرۇر بىر مىللەت، بۇ خىتايلار ئەجدادىمىزغا يېڭىلىپ قالغانلىقىنىڭ ۋە ئەجدادىمىزدىن يىگەن تاياقلىرىنىڭ ئۆچىنى بىزدىن چىقىرىمەن دەيدۇ.

بۇرۇن دىگىنىمىزدەك 1944-يىلى ئىلىدا بىر قوزغىلاڭ بولدى ۋە ئارقىدىنلا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلدى. روسلارنىڭ بېسىمى، بۇيرىقى ۋە تەلىماتلىرى بىلەن بۇ ئىلىدا قۇرۇلغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت خىتايلار بىلەن مەجبۇرى كېلىشىم تۈزدى. بۇ كېلىشىم بويىچە، خىتايلار ئاز بولسىمۇ شەرقىي تۈركسىتانغا بېرىلگەن بەزى ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىتىراپ قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇسۇلمان تۈركلەرمۇ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلەرگە ئېرىشتى. مەسىلەن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، ۋالى، ھاكىم، ساقچى باشلىقى دىگەندەك. دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مەمۇرلارنىڭ 60 پىرسەنتى يەرلىك خەلقتىن بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار چىدىمىدى. تۈنۈگۈنكى قۇلىمىز قانداق بولۇپ بۈگۈن بىزنىڭ باشلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ؟ تېخى تۈنۈگۈنلا ئايىغىمىزنىڭ ئاستىدىكى چۈپرەندىلەر ئەمدى قوپۇپ بېشىمىزغا مىنىدۇ؟ دىيىشتى. باشلىقىم، ۋالىم، ھاكىمىم دىيىشكە چىدىمايتتى. بولۇپمۇ شۇ مۇتەئەسسىپ ھەربىيلەر چىدىمايتتى. گومىنداڭنى ۋە جاڭ جېجوڭنى قاتتىق تەنقىت قىلدى ۋە بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈردى. خىتاينىڭ بەرگەن ھوقۇقى بىر ئاپتونومىيە ھوقۇقىچېلىكمۇ ئەمەس ئىدى. ئىلى ھۆكۈمىتى بولسا مۇنداق بىر ھوقۇق تەلەپ قىلمىغان ئىدى. بىزە بىزنىڭ بېسىملىرىمىز بىلەن بىر چاغدا ئاپتونومىيە بېرىلسۇن دەپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپتە بەك چىڭ تۇرىۋالمىغانىدى. خىتايلارنىڭ بەرگەن ھوقۇقى بولسا ناھايىتى كىچىك بىر نەرسە ئىدى. چوڭ ھوقۇق دىگىلى بولمايتتى.

كېيىنچە ھوقۇق تۇتقان مۇسۇلمان تۈركلەرگىمۇ بىرەر ئىش قىلغىلى قويمايتتى. خىتاي ھەربىيلەر ھەمىشە پۇتلىكاشاڭ بولاتتى. موشۇنداق تۇرۇپمۇ خىتايلار بۇ يېڭى ۋەزىيەتكە پەقەتلا  چىدىمىدى. نېمىشقا سىلەر بۇ قۇللىرىمىزغا مۇنچىۋالا كۆپ ھەق ھوقۇق بەردىڭلار، بېشىمىزغا مىنگۈزدىڭلار؟ بەك ئەركە قىلىۋەتتىڭلار  دەپ ئېغىر تەنقىت قىلدى. موشۇ نارازىلىقلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن گېنىرال جاڭ جېجوڭ شۇ لېكسىيەنى سۆزلىگەن ئىدى.

سۆزلىگەن لېكسىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرسى شۇ: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر مىللىي مەسىلېدۇر. بۇنىڭ بىر مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ئىتىراپ قىلمىدۇق، خىتاي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن.   خىتايلارغا خاس ئىش قىلدۇق. دېپلوماتىك مەسىلە دەپ ئېيتتۇق. چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە قول تىقىشى بىلەن بولغان ئىش دىدۇق، لېكىن مىللىي مەسىلە دىمىدۇق. بۇ مىللىي مەسىلە بولمىسا يەرلىك خەلق نېمىشقا خىتايلارغا قارشى قوزغىلىدۇ دىگەن چاغدا، روسلارنىڭ، ئىڭگىلىزلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن چىققان مەسىلە دىدۇق. بولمىسا يەرلىك خەلق بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ دىدۇق. ھالبۇكى بۇ بىر مىللىي مەسىلېدۇر. بۇ زىمىننىڭ خەلقى خىتاي ئەمەس، بۇ زىمىن خىتاي زىمىنى ئەمەس، شۇڭا بۇ بىر مىللىي مەسىلېدۇر. دېيىلگەن.

بۇ يەردە شۇنى قوشۇپ قوياي، مەن خىتايدا مەجبۇرىي 10 يىل ياشىدىم، بۇ جەرياندا ھىچبىر خىتاينىڭ ئاغزىدىن بۇ بىر مىللىي مەسىلە دېگىنىنى ئاڭلىمىدىم. مەنمۇ ھەيران قالىمەن ئەجىبا بۇلار بۇنى بىلمەمدىغاندۇ دەپ. بىلىدىكەن. كېىينچە بىلدىمكى ئەسلىدە بۇ خىتايلارنىڭ، گومىنداڭچىلار ۋە خىتاي زىيالىلار تەرىپىدىن سىڭدۈرۈلگەن سۈنئىي بىر ئىدىيە ئىكەن. ئىتىراپ قىلمايسەن، مۇشۇنداق دەيسەن دەپ تەلىم تەربىيە قىلىنغانىكەن. بىز بۇ بىر مىللىي مەسىلە دېسەك، ياق بۇ بىر دېپلوماتىك، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان ئىش دەپ تۇرىۋالاتتى. …….

مەنبە: ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنىڭ <<ئەسىر شەرقى تۈركىستان >> ناملىق تۈرۈكچە كىتابنىڭ 500،501-بەتلرى

خەلىقئارا قانۇن ئادۇۋكات روندى دىكسۇن.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى فەيىسبوكتا مەمتىمىن ئەلا، سالى خۇدايا قاتارلىقلار خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۈستىدىن خەلىقئارا سوتقا ئەرىز قىلىش ھەققىدە داڭلىق خەلىقئارالىق قانۇن ئادۋۇكات روندى دىكسۇن بىلەن نەق مەيدان سۆھبىتى ئېلىپ بارغاندا مەن تۈۋەندىكى سۇئالنى سورۇدۇم.

بۇ ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىبەتنى خىتتاينىڭ ئىشخالىيتىدىكى ئاستىدىكى تېروتورىيە دەپ ئدتىدى. بىز مۇشۇ ۋاقىتقىچە دۇنياغا شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسىۋىلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇزالمىدۇق ، سۇئال: 1946 يىلى خىتتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق دىپلاماتىيە ئەمەلدارى بولغان جاڭجىجۇڭ قەشقەر ھەربىي رايۇندا ھەربىيلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋىلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدە  مەخپى ھۆججەت تارقاتقان ، بۇ ھۆججەت ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئارقىلىق چەتئەلگە ئېلىپ چىقىلغان، بىز مۇشۇ مەخپى ھۆججەت بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسىۋىلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى  كۈچكە ئىگە قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى بارمۇ …؟

بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى : بار. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ھازر خەئىقئارا سوتقا سۇنۇۋاتقان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  جىنايىتىنىڭ پاكىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە، خەلىقارالىق جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ زادى كىمنىڭ تېرتورىيسى ئېگەنلىكىگە قارار بىرەلەيدىغان قانۇنىي كۈچى يوق. ئەگەر بىز قىلالىساق، ئۇنى ئايرىم بىر قانۇنىي ئەرزنامە سۈپىتىدە ئايرىم ئەرز قىلساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىز ھەر ۋاقىت قانچىلىك دەرجىدە قىلالىساق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا  تەييار. لېكىن بىز خەلىقارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇلۇپ  كېلىۋاتقان جىنايەت، ئېنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇندۇق . ئېنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەيلى ئۇرۇش بولىۋاتقان جايدا بولسۇن ، ۋە مەيلى بېسىۋېلىنغان زىمىندا ياكى باشقا زىمىندا بولسۇن،  مەيلى تىنىچلىق دەۋرىدە بولسۇن يۈز بېرىشى مۈمكىن، خۇددى بىز ھازر كۈرۈپ تۇرۇۋاتقان تىنىچلىق  مەزگىلدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقىدەك . بىز ھازر مۇشۇ قىرغىنچىلىق ، يەنى ئېنسانىيەتكە قارشى جنايەت ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل جىنايەتكە ھەم بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىغا  كىمنىڭ مەسئۇل بولىشىغا قارتا خەلىقارا جىنايى ئىشلار سوتىغان ئەرز قىلىش  پىلانىغا مەركەزلەشتۇق. ئەلۋەتتە مەن ھازر بۇ ئەرز تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن ،  شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخقا قارايمىز ،  نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى تارىختا نېمىلەر قىلىنغانلىقى ،  نېمىلەر دېيىلگەنلىكىگە شۇنداقلا سوتنىڭ قانداق ھوقۇقى بارلىقىغا قارايمىز . شۇنداق بولغاندا بىز بۇ جىنايەتنىڭ ئارقىسىدىكى مۇددئانى يەنى بىز سوتتا ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك مۇددىئانى ، نېمىلەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى سوت چۈشىنەلەيدىغان دەرجىدە ئىسپاتلاپ چىقالايمىز ھەم شۇنداق قىلىشىمىز زۈرۈر ، لېكىن مەن بۇنى سەپداشلىرىمغا ئېيتىپ ئەرزنىڭ ئىچىگە قوشقۇزسام بولىدۇ ، ئەگەر ئۇلار قوشسا.

دىمەك بۇ بىز جاۋابتىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئېلىپتېكىننىڭ ساقلاپ قويغان گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىگە ئائىت مەخپى ھۆججەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىسپات ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن ئالىپتېكىن ئاكا. مەن گوللاندىيەدنىڭ ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئاخىرى ئىزچىل يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ كىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى.  ئالدىنقى يىلى سىز فەيىسبوكتىكى << مەخپى ھۆججەت ھەققىدىكى >> تالاش-تارتىشلارغا قارىتا بىر يازمىڭىزدا مەن تۈركىيەگە رامىزاندىن كىيىن بېرىپ قالسام شۇ مەخپى ھۆججەتنى تېپىپ بېرىمەن دىگەنتىڭىز. بەلكى خىتاي ۋېرۇسى تەھدىتى سەۋەبىدىن سەپەر قىلشىتىكى قۇلايسىزلىقلار بولغاچقا تۈركىيەگە بېرىپ بولالمىغان بۇلشىڭىز مۇمكىن. تۈركىيەدە قەدىرلىك ئىنىڭىز ئىلغار ئالىپتېكىن، شۇنداقلا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۈمەرقول بولغاندىكىن، ئۇلارغا بۇ مەخپى ھۆججەتنى تېپپىپ چىقىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى. مەرھۇم دادىڭىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۈزنىڭ ئەسلىمسىدە بۇ مەخپى ھۆججەتنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشىر قىلىپ تارقىتىمەن دەپ ئېنىق يېزىپتىكەن. بۇ ھۆججەت تېپىلىپ نەشىر قىلىنسا مەرھۇم دادىڭىزنىڭ روھىمۇ خوش بۇلىدۇ. مەنمۇ بۇ ھۆججەتنى ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى نامايىشىمغا قۇيۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلقىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنمۇ بۇ مەخپى ھۆججەت ئارقىلىق تەشۋىق قىلسام تېخىمۇ قىممىتى بۇلىدۇ. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاچقان 6-نۆۋەتلىك ئىجىرائىيە كومتىتى يىغىنىدا ئالتە ئاي ئىچىدە غەرىپ دۆلەتلىرىگە << شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن  بېسۋېلىنغان مۇستەملىكە زىمىن >> ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرىمىز دەپ ئالغان قارارىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى بۇرچۇمنى ئادا قىلغان بولسام. رەھمەت سىزگە.

 سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەپ ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر.

مەن بۇ مەخپى ھۆججەت ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن كۈرۈشتۇم. دولقۇن ئەيسا مەن ئۈمەر قاناتتىن سورسام بۇنداق ھۆججەت يوق دەيدۇ. سەن نەدىكى يوق ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرگىچە ئۈزەڭنىڭ ئىشىنى قىلساڭ بولمامدۇ؟-دەپ كايىپ كەتتى. دولقۇن ئەيسا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۈزىنىڭ <<ئەسىر شەرقى تۈركىستان>> دىگەن كىتابىنىڭ 5–بېتىدە بۇ مەخپى ھۆججەت ئىنشائاللاھ كەلگۈسدە بۇمەخپى ھۆججەتنى كىتابچە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىمەن دەپ ئېنىق يېزىپتىكەن. سىز بۇ مۇبارەك ئۇستازىڭىزنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ باقمىدىڭىزمۇ دىيشىمگىلا چالۋاقاپ كەتتى. مەن سىزگە ئىۋەرتىپ بىرەي دەپ تىۋېتىردىن ئايرىمخانسىغا كىتابتىكى مەخپى ھۆججەت قىسمىنى رەسىمگە تەرتىپ ئىۋەرتىپ بەرسەم، مېنى بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىمە،ماڭا تېلفۇنمۇ قىلما ئالاقىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن دەپ ئاچىقلاپ كەتتى. دىمەك دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى دەپ يۈرگىنى بىلەن مىللەتنىڭ ئامانىتى بولغان بۇ مەخپى ھۆججەت ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ ئىزباسار ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىنىڭ ئالدىدا بىر تىل قىسىنچىلقى بار ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن دولقۇن ئەيسانىڭمۇ ئۇيغۇر داۋاسى قىلۋاتىمەن دەپ داۋانى مۇنپۇل قىلۋېلىپ جان بېقىشنىڭ يۇلى قىلۋالغانلىقى ئېنىق. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەب كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئۈزەم شاھىت بولغان ئىشلاردىن ئەسلىمە قالدۇرۇش.

يېزىلغان ۋاقتى: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى