جىرجىىس ھاجىم ھەققىدە تۇقۇلما شەخىسمۇ؟

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇياقتىن.

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ << ئويغانغان زىمىن>> ناملىق رومانىدىكى جىرجىس ھاجىم ئىسىملىك بىر بۇۋاينىڭ غۇلجىدىن مۇزداۋان ئارقىلىق كۇچاغا كىلىپ خۇجانىياز ھاجىم بىلەن كۈرشۈپ، خۇجىنىياز ھاجىم باشلىغان ئىنقىلابقا قارىتا ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان ئىسىل مۇلاھىزىسىنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن جىرجىس ھاجىمنىڭ دانە، يىراقنى كۈرەر دانىشمەنلەرگە خاس خارەكتېرى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. لىكىن نۇرغۇن كىشلەر جىرجىس ھاجىمنى ھازىرغا قەدەر تۇقۇلما شەخىس دەپ كەلگەن ئىدى. مەن ئۈزەم پاراڭخۇمار، تارىخقا، مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قىزىققۇچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن  كىتابخۇمار ياكى تارىخقا قىزىقىدىغان كىشلەر بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالساملا ئۇنى بۇنى دەپ ئېغزىنى كوچىلاپ تارىخى بىلىملەردىن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلگىم كىلدۇ.  جىرجىس ھاجىم ھەققىدە ئاقسۇدىكى ۋاقتىمدا بىر قېتىم بىر سۆھبەتتە تارىخى شەخىسلەر ھەققىدە  سۆز بۇلۇپ گەپ جىرجىس ھاجىم ھەققىدە بۇلۇنغاندا كۈپۈنچى كىشلەر جىرجىس ھاجىم ھەققىدە پەقەت << ئويغانغان زىمىن >> دىگەن روماندا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا بىرەر ماتېرىيالدا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئۇچۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جىرجىس ھاجىمدەك بىر تۇقۇلما شەخىسنىڭ تىلى ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتى ۋەزىيەتنى ياخشى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ كولىمناتسىيە نۇقتىسنى ياخشى يۇرتۇپ بەرگەن دىگەن باھا بىلەن ئىزاھلىغانتى. 2015-يىللىرى ۋەتەندىن گوللاندىيەدىكى تۇققان يوقلاشقا چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ  دادىسى مىنىڭ چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى ساقلاپ ۋە سېتىپ كىلۋاتقانلىقىمىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن كىتابلىرىمنى كۈرۈپ بېقىش ۋە مەن بىلەن سۆھبەت قىلىش مەقسىتىدە ئۈيۈمگە ئىزدەپ كەلدى. بۇ كىتابخۇمار ئاكىمىز بىلەن تۈنجى كۈرشىشىتىلا 6 سائەتتەك پاراڭلىشىپ تارىخ،سىياسەت، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە ئجتىمائىي  ھاياتى ھەققىدە كۆپ تەرەپمىلىك پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ ئاكىمىزنىڭ ئاغزىدىن يەنە جىرجىس ھاجىم ھەققىدىكى گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ جىرجىس ھاجىمنىڭ تۇقۇلما شەخىس ئەمەس ئەمما رىياللىقتكى بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. چۈنكى بۇ ئاكىمىز ئۈزى جىرجىس ھاجىمنىڭ تۇققانلىرى بىلەن ياخشى تۇنشىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ ئالدىراشچانلىقىدا ئۇزۇن ۋاقىت بۇلاپتىكەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تۇتۇپ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ باقمىغىلى، بۇ قېتىملىق ئاغرىق سەۋەبىدىن ئىككى ھەپتىدە ئۆيدە ئارام ئېلىش جەريانىدا  يازغۇچى ۋە ئىنقىلابچى غۇلام ياغما ئوسماننىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسى ھاياتىنى ئارقا كۈرنىش قىلىپ ياشغان << سەۋدا>> ناملىق روماننى تۇلۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم، بۇ رومان ھەققىدە تەسىراتىمنى پات ئارىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن. ئۇندىن باشقا يالقۇن رۇزىنىڭ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان<< تەنقىدنىڭ كۈزىدە >> دىگەن ماقاللار توپلىمىدىكى دىققىتىمنى ئەڭ تارتقان بىر قانچە ماقالە بولدى. بۈگۈن بۇ كىتابتىكى <<جىرجىس ھاجىم تۇقۇلما پىرسۇناژمۇ، تارىخى شەخىسمۇ>> دىگەن ماقالىسنى پۈتۈن دىقىتىم بىلەن ئوقۇپ بۇ ھەقتتكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى. جىرجىس ھاجىم ئاتۇش مەشەدلىك مەھمۇد ھېكىمبەگ دىگەن ياقۇپ بەگ زاماندىكى نامى چىققان ھەم ئەمەل تۇتقان ئوقۇمۇشلۇق  ئادەمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ۋە 1900 يىللاردا ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار تەرپىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا ئىىۋەرتىلگەنكى يېزىلغان. جىرجىس ھاجىم چەتئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ 1910-يىللىرى ئىلدىكى تەرەققىيپەرۋەر زىيالىلار ۋە ئۆلىمالار بىلەن ئاقارتىش ئىشلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئارلىقتا تۈرمىگىمۇ قامالغان. تۈرمىدىن چىقىقاندىن كىيىن يەنە ئۈزىنى  ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۈزىنى ئاتىغان جىرجىس ھاجىم بۇ يولدىكى خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بۇ ماقالىدە يەنە ئيسا يۈسۈپ ئالىتېكىن ئۈزنىڭ ئەسلىمسىدىمۇ غۇلجىدا جىرجىس ھاجىمىنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، جىرجىس ھاجىم پاراڭ ئارلىقىدا ئەگەر ئۈچ يۈز كىشلىك قۇرالىم بولغان بولسا ئىلدا قوزغىلاڭ كۈتۈرەتتىم، لىكىن ئۈچ يۈز ئادىمىم يوق، قۇرالمۇ يوق دىگەنلىكىنى يازغان.  جىرجىس ھاجىمىنڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھەقىقى دۇنيا ئۆزگۇرىشىدىن خەۋرى بار،ئوقۇمۇشلۇق، ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان  بىر ئىنقلابى روھقا ئىگە ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز. 1933-يىللىرى خۇجانىياز ھاجىم بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قوزغۇلاڭچى قۇشۇننى باشلاپ قەشقەرگە قاراپ ئاتلانغاندا، غۇلجىدا تىۋېىپلىق قىلىپ ئىستىقامەت قىلىپ تۇرۋاتقان ئېلىخان تۈرەم ۋە بىر قىسىم يۇرت چوڭلىرى ۋەتەنپەرۋەر بايلاردىن پۇل-مال توپلاپ جىرجىس ھاجىمنى خۇجا نىياز ھاجىمنىڭ ئالدىغا ھال سوراش ۋە پىكىرلىشىپ كىلىشكە ئىۋەرتكەن. قايتىشدا باينىڭ مۇزارت  دەرياسى بۇيدىكى قورغان دىگەن يەرگە كەلگەندە تۈرمىلەردە ئۇزاق يېتىپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن جىرجىس ھاجىمنىڭ كونا كىسىلى بولغان كىزىك كىسلى قوزغۇلۇپ قېلىپ 50 كە توشمىغان قەيسەر بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئوغلان ئۇ ئالامگە سەپەر قىلغان.

يالقۇن رۇزىنىڭ بۇ جىرجىس ھاجىم ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى