دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھىرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەيمەن

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر


بۈگۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئوسمان باتۇر خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتى تەرپىدىن1951-يىلى ئۈرۈمچىدە 52 يېشىدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن ھاياتىنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنى شەرقى تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قىلغان قەھىرىمان ئوسمان باتۇرنى چۇڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئىتىمەن.
ئوسمان باتۇر 1899 – يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ،1940 – يىلى 12 – ئاپرىل جاللات شېڭ شىسەي قازاق خەلقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى دېگەن باھانىدە ئالتاي باشبۇغى ۋە قازاقلارنىڭ ئاقساقىلى شېرىپقان تۆرىنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئوسمان ئىسلام بىردىنلا قازاق خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى قەھرىمانىغا ئايلىنىپ ، كۈرەشنى داۋام قىلغان . ئۇ « باتۇر» دەپ ئاتالغان . 1942 – يىلى 22 – ئىيۇل ئالتاي قازاقلىرىنىڭ خانى دەپ قوبۇل قىلىنغان . ئۇ جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق 1945 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالتاي ۋىلايىتىنى ئاساسەن كونترول قىلىپ بولغان. شۇ يىلى 9 – سېنتەبىر سارسۈمبىنى ئالغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئوسمان باتۇر قوشۇنى بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ ، ئۆز ئارا بىرلەشكەن . ئوسمان باتۇر ئالتايغا ۋالىي بولغان . ئەمما 1946 – يىلدىكى كېلىشىمدىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن نەچچە پىرقىگە بۆلۈۋەتكەن ھىلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئوسمان باتۇر بىلەن مىللىي ئارمىيە ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن . 1949 – يىلى سىتالىن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا ھەدىيە قىلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلار گېنىرال يولۋاسنىڭ قوماندانلىقىدا قۇمۇلدا تەشكىللىنىپ ، ئوسمان باتۇر بىلەن بىرلىشىپ ، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ۋەتىنىمىزگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن جان تىكىپ ، قان كېچىپ جەڭ قىلغان . بىراق ئىلغار قوراللار ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ ، ھازىرقى كۆكنۇردا قارشىلىقنى داۋام قىلغان . ئاقىۋەت ئارقا سەپ تەمىناتى بولمىغاچ، يولۋاس نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرنى باشلاپ، تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن . ئوسمان باتۇر 1951 – يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ، شۇ يىلى 29 – ئاپرىل ئۈرۈمچىدە تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

شىھېت ئوسمان باتۇرنىڭ روھى مەڭگۈ شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن بىرگە.

ئوسمان-باتۇر