شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ۋىجدانى ۋە مىللىي بۇرچى

ئابدۇرٻھٮم غٻنى ئۇیغۇر

مٮللٮي بایراملٮرٮنى خاتٮرٮلٮمەیدٮغان مٮللەت تارٮخ ئٻڭى یوقالغان مٮللەت

خاتٮرٮلٮگۈدەك مٮللٮي بایراملٮرى، مٮللٮي قەھٮرٮمانلٮرى تۇرۇپ خاتٮرٮلٮمٮگەن مٮللەت نادان مٮللەت. بۇنداق مٮللەت تارٮخ سەھنٮسدٮن سۈپۈرۈلۈپ تاشلٮندۇ

خاتٮرەمدٮن

2018- یٮلى 6-ئاینٮڭ 23-كۈندٮن باشلاپ ئامٮستٮردام دام مەیدانٮدا باشلانغان یالغۇز كٮشٮلٮك نامایشٮمنٮڭ ئەڭ یارقٮن، ئەڭ جەلٮپكار نۇقتٮسى، شۇنداقلا دۇنیانٮڭ ھەرقایسى دۆلەتلٮرٮدٮن كەلگەن سایاھەتچٮلەرنى ھەیران قالدۇرغٮنى: خٮتاي ھاكٮمیٮتٮنٮڭ ئۇیغۇرلارنٮڭ ئانا ۋەتٮنى شەرقى تۈركٮستاندا ئٻلٮپ بٻرٮۋاتقان قٮرغٮنچٮلٮقٮلا بولۇپ قالماستٮن، بەلكى ئۇیغۇرلار ۋەتٮنٮنٮڭ خٮتاي ھاكٮمیتى تەرپٮدٮن مۇستەملٮكە زٮمٮنغا ئایلٮنٮپ قٻلشى ئٮدى. دۇنیانٮڭ ئەڭ ناتونۇش جایٮدٮن كەلگەن سایاھەتچٮمۇ تٮبەتنٮڭ خٮتاي دۆلٮتى تەرپٮدٮن بٻسۋٻلٮنغان بٮرمۇستەملٮكە زٮمٮن ئٮكەنلٮكٮنى یاخشى بٮلدٮكەن. ئەمما تٮبەتنٮڭ قوشنٮسى، تەقدٮردٮشى بولغان شەرقٮي تۈركٮستاننى، ھەتتا بۇ زٮمٮننٮڭ ئٮگٮسى بولغان «ئۇیغۇر» دٻگەن بٮر مٮلەتنٮڭ نامٮنى ئاڭلاپ باقمٮغانلارمۇ ھەقٮقەتەن كۆپكەن. شۇڭا مەن تٮنچ شەكٮللٮك نامایٮش جەريانىدا  ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارغا بۇ زٮمٮننٮڭ خەرٮتٮسٮنى كۆرسٮتٮپ كەلدٮم. مەن ئۇلارغا ئۇیغۇرلارنٮڭ ئانا یۇرتى شەرقى تۈركٮستاننٮڭ خٮتاي تاجاۋۇزچٮللٮرى تەرپٮدٮن بٻسۋٻلٮنٮپ «شٮنجاڭ» دٮگەن مۇستەملٮكە نامغا ئۆزگەرتگەنلٮكٮنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلار ھەیران قالاتتى. بۇنٮڭغا ئۇلاپلا «ئۇیغۇر تارٮخى» دٮگەن پٮلاكاتٮمدٮكى ئۇیغۇرلارنٮڭ قٮسٮچە تارٮخى، یەنى ھون ئٻمپٮرٮیەسٮدٮن تارتٮپ ئەڭ ئاخٮرقى ئٮككى قٻتٮملٮق شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیٮتٮگچە بولغان تارٮخلارنى كۆرسەتكٮنٮمدە ئاغزٮنى ئٻچٮپلا قالاتتى. بەزٮلٮرى ئۇیغۇرلارنٮڭ تارٮخٮنى بٮلٮدٮغانلٮقٮنى، بۇ مٮللەتنٮڭ قەدٮمدٮن تارتٮپ جەڭگٮۋار ھەم مەدەنٮیەتلٮك خەلق ئىكەنلىكىنى دٮگەندە قەلبىم ھاياجانلىنىپ كىتەتتى. بۇنداق ئىشلار ئامىستېردامدىكى نامايىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يۈزبەردى. بىر كۈنى گېرمانيەدىن كەلگەن  بىر ساياھەتچى ئۇيغۇر تارىخى بىلەن يانمۇ يان قۇيۇلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت پىلاكاتلىرىمدىكى بارلىق سۈرەتلەرنى كۈرەپ بۇلۇپ يېنىمغا كىلىپ :«يىگىت بېشىڭدىكى دوپپاڭنى يىراقتىن  كۈرۈپلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. سىنىڭ ۋەتىنىڭگە 15 يىل بۇرۇن ساياھەتكە بېرىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلغاچ ئۇيغۇر مەدىنىيتى بىلەن خېلى ئەتراپلىق تۇنۇشقان ئىدىم. ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەك ھۆرمەتلەيدىكەن ھەم  بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلدىكەن، ئۇيغۇرلاردەك مېھماندوست مىللەتنى دۇنيانىڭ ھىچقانداق بىر يېرىدە كۈرۈپ باقمىدىم. ئۈستى ئۇچۇق تەبئىي مۇزىىي تۈسىنى ئالغان قەدىمىي شەھەر قەشقەردىكى تەسىراتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.  يىپەك يولى مەدەنىيتىنى يارىتىپ  دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان قەدىمىي تارىخقا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سىنىڭ تەشۋىقاتلىرىڭدىن تەپسىلى كۆرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرنىڭ قىسىقچە تارىخ كۆز ئالدىمدا قايتىدىن نامايەن بولدى» دىگەندە كۆزلٮرٮمدٮن ئىخىيارسىز یاش چٮقٮپ كەتتى. ئۇ يەنە:«شۇ تاپتٮكى ھٮسسیاتٮڭنى چۈشٮنٮمەن. كۆڭلۈڭنى ھەرگٮز یٻرٮم قٮلما، بٮر مٮللەتنٮڭ جەڭگٮۋارلٮق بٮلەن یاراتقان تارٮخى خاتٮرٮلٮنٮدۇ، قان ۋە كۆز یٻشٮغا تولغان تارٮخى كٻیٮنكٮلەرگە ئٮبرەت بولٮدۇ. مەن ئۇیغۇرلارنٮڭ تارٮخٮنى ئۇلارنٮڭ شانلٮق ئٮش-ئٮزلٮرى بٮلەن ئەسلەیمەن ھەم ئاچچٮق قٮسمٮتٮڭلارغا ھىسداشلىق قىلىمەن. ئۇرخۇن ئۇیغۇر خانلٮقى موڭغۇل دالٮسٮنى مەركەز قٮلٮپ ئوتتۇرا ۋە شٮمالى ئاسٮیادٮكى كەڭ زٮمٮنلاردا ھۆكۈم سۈرۈپ، شانلٮق مەدەنٮیەت ئٮزلٮرٮنى قالدۇردى. موڭغۇلٮیە ۋە ئۇنٮڭ ئەتراپٮدٮكى جایلاردٮن تٻپٮلغان مەڭگۈ تاشلار بۇنٮڭ ئٮسپاتٮدۇر. تاڭ دۆلٮتى پایتەختٮمۇ قولدٮن كٻتٮپ مۇنقەرز بولۇشقا ئازلا قالغاندا ئۇیغۇر ئۇرخۇن دۆلٮتٮدٮن یاردەم قٮلٮپ قۇتقۇزۇۋٻلٮشنى ئۆتۈندى. ئۇیغۇرلار دۆلٮتٮنٮڭ خاقانى بایانچۇر قاغان پۇرسەتتٮن پایدٮلٮنٮپ تاڭ دۆلٮتٮنٮڭ زٮمٮنلٮرٮنى بٻسٮۋلماستٮن، بەلكى 5000 مٮڭ كٮشلٮك سەرخٮل قوشۇن بٮلەن یاردەمگە ئەۋەتتى. یاردەمگە بارغان ئۇیغۇر قوشۇنلٮرى قٮسقٮغٮنە ۋاقٮت ئٮچٮدە ئٮسیانچٮلارنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قٮلٮپ، تاڭ دۆلٮتٮنى مۇنقەرزلٮكتٮن ساقلاپ قالدى. ئۇیغۇرلار شۇ چاغدا تاڭ سۇلالٮسنى بٻسٮۋٻلٮپ، خٮتایلارنى قۇل قٮلسٮمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇنداق قٮلمٮدى. بۇ ئۇیغۇرلارنٮڭ نەقەدەر ئٮنسانپەرۋەر ئٮكەنلٮكٮنى بٮلدۈرىدۇ. 1949- یٮلى خٮتاي كوممۇنٮست ھاكٮمٮیتى قۇرۇلۇپ، شەرقى تۈركٮستانغا كٮرگەندە <ئۇیغۇرلارنٮڭ سوتسٮیالٮستٮك دۆلەت قۇرۇشٮغا یاردەم قٮلٮمٮز، بەش یٮلدا چٮقٮپ كٮتٮمٮز> دەپ سٮلەرنى ئالدٮدى، ئارقٮدٮن ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملٮكە قٮلدى، مانا ھازٮر ئٮرقى قٮرغٮنچلٮق ئٻلٮپ بٻرٮۋاتٮدۇ. خٮتاینٮڭ بۇ رەزٮللٮكى دۇنیادا كۈچلۈك قارشٮلٮق قوزغٮشى كٻرەك! سەن بۇ تەشۋٮقاتٮڭدا ئۇیغۇرنٮڭ تارٮخى ۋە كٮملٮكى بٮلەن بۈگۈنكى قٮرغٮنچٮلٮقنى یاخشى بٮرلەشتۈرۈپ، سایاھەتچٮلەرگە مۇھٮم ئۇچۇر بٻرٮپسەن. مەن ھەققانٮي داۋایٮڭلارنى قوللایمەن، مۇستەملٮكٮدٮن تٻزراق قۇتۇلۇپ مۇستەقٮل دۆلٮتٮڭلارنى قۇرۇپ چٮقٮشٮڭلارنى تٮلەیمەن. خٮتاي كوممۇنٮست ھاكٮمٮیٮتى سوۋٮت ئٮتتىپاقى ھاكٮمٮیتٮٮگە ئوخشاش غۇلاپ چۈشٮدٮغان كۈنلەر ئاز قالدى، مۇستەقٮل بۇلۇش پۇرسٮتٮڭلار ھامان كٻلٮدۇ، ئۈمٮتلٮك بۇلۇڭلار!»دەپ ئاق رەخٮتكە خٮتاي ئٮشغالٮیتٮدٮكى <<شەرقى تۈركٮستانغا مۇستەقٮللٮق>> دەپ یٻزٮپ بەردى ۋە مەن بٮلەن خاتٮرە سۈرەتكە چۈشۈپ خوشلاشتى.

مەن یالغۇز كٮشلٮك نامایٮش جەریانٮدا دۇنیانٮڭ ھەرقایسى دۆلەتلٮرٮدٮن كەلگەن، ئۇیغۇر دەۋاسٮنٮڭ ھەقلٮق داۋا ئٮكەنلٮكٮنى بٮلٮدٮغان سایاھەتچٮلەر بٮلەن بۇنداق سۆھبەتلەردە كۆپ بولدۇم. ئۇلارنٮڭ دەۋاتقٮنى «سٮلەرنٮڭ بٻشٮڭلارغا كەلگەن زۇلۇم خٮتاینٮڭ كٮشىلٮك ھوقۇقٮنٮڭ ناچارلٮقٮدٮن ئەمەس، بەلكى سٮلەرنٮڭ دۆلٮتٮڭلارنٮڭ خٮتایلارنٮڭ مۇستەملٮكٮگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان. چۈنكى خٮتاي باشقا ھەر قانداق مۇستەملٮكٮچٮدٮن بەكرەك رەزٮل، ئاچكۆز ۋە قەبٮھ. ئۇلار سٮلەرنى مەڭگۇ باش كۈتۈرەلمەس قٮلٮۋٻتٮشنى، ئاخٮرٮدا یوق قٮلۋٻتٮشنى مەقسەت قٮلدۇ. سٮلەر ئەركٮن دۆلەتتە یاشاۋاتقاندٮكٮن بۇ یەردە بولسٮمۇ ئەركٮن بولۇڭلار، كۈچلۈك بولۇڭلار، مۇستەقٮللٮق ئارزۇسٮنى ئٻتٮقادقا ئایلاندۇرۇڭلار، پەرزەنتٮڭلاردا مٮللٮي روھنى یٮتٮلدۈرۈشكە سەل قارٮماڭلار» دەیدٮغانلارمۇ كۆپ بولدى.

بٮز قانداق قٮلٮپ مٮللٮي روھنى ئویغٮتالایمٮز؟ قانداق قٮلغاندا دۆلەتچٮلٮك ئٮدٮیٮمٮزنى تۇرغۇزالایمٮز؟ مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئویلاندٮم. بٮز مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپٮتٮمٮز بٮلەن ئۈممەتنٮڭ بٮر قٮسمى، ئەمما بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا ئۈممەتچٮلٮك یوقالدى، خٮتایلار بۇنى یاخشى بٮلگەچكە مۇسۇلمانلار دۇنیاسٮنٮڭ ئالدٮدا بٮزگە بٮمالال قول سالالٮدى. خٮتاي مٮللٮتٮنٮڭ نەچچە مٮڭ یٮللٮق زٻھنٮیٮتٮگە سٮڭٮپ كەتكەن <<تىلى ياتنىڭ دىلى يات >> دٮگەن مەپكۈرٮسى بولغاچقا باشقا مىللەتلەرنى ئەزەلدٮن دۈشمەن كۆرٮدٮغان خٮتاي بۈگۈن بۇ ئەزٮز مٮللەتنى قٮرغٮن قٮلٮۋاتٮدۇ. ئەمدى بٮزنٮڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قٮممٮتٮمٮز ۋە ئاساسٮمٮز نٻمە؟ مٮللٮي ئاڭ ۋە مٮللٮي دۆلەت. ئاللاھ بٮزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى ۋە  شەرقٮي تۈركٮستاننى بىزگە زىمىن قىلىپ بەردى. ھەر مٮللەتنٮڭ خاسلٮقى ئاللاھنٮڭ بٮر ئایٮتٮدۇر، بۇنى قوغداش ئٮماننٮڭ تەلٮپٮدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ زٮمٮنى ۋە بۇ زٮمٮنٮڭ ئٮگٮلٮك ھوقۇقى ئۇیغۇرغا مەنسۇپ، بۇ ئاڭ بٮزنٮڭ یٻتەكچى ئٮدٮیٮمٮزدۇر، مۇستەقٮللٮقنى ئۆز روھٮمٮزدا، ئٮدٮیٮمٮزدە، تەپەككۇرٮمٮزدا، پائالٮیٮتٮمٮزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشٮمٮز لازٮم. بۇنٮڭ ئۈچۈن قولٮمٮزدٮن نٻمە كەلسە شۇنى قٮلٮشٮمٮز، ئالدى بٮلەن بۇنى دۇنیاغا كەڭ تەشۋٮق قٮلٮشٮمٮز كٻرەك، بۇنٮڭ نۇرغۇن ئۇسۇللٮرى ۋە یوللٮرى بار. بۇنٮڭ ئٮچٮدە ئەڭ مۇھٮم بولغٮنى ، ھەر یٮلى شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیەت كۈنٮنى خاتٮرٮلەشتۇر.

شەرقى تۈركٮستان خەلقى 1933-يىلى 11- ئاینٮڭ 12-كۈنى قەشقەردە ۋە 1944- یٮلى 11- ئاینٮڭ 12- كۈنى غۇلجٮدا شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیٮتى قۇردى. مٮڭلٮغان شەھٮتلٮرٮمٮزنٮڭ ئٮسسٮق قانلٮرى بەدٮلٮگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئٮككى جۇمھۇرٮیٮٮتمٮز یٮللاردٮن بۇیان خەلقٮمٮز تەرٮپٮدٮن بٮر ئەڭگۈشتەر سۈپٮتٮدە قەدٮرلٮنٮپ كەلمەكتە ۋە چەتئەللەردە ھەریٮلى 11- ئاینٮڭ 12- كۈنى جۇمھۇرٮیەت كۈنٮمٮز خاتٮرلٮنٮپ كەلمەكتە. بٮز بۇ كۈننى خاتٮرلەش ئارقٮلٮق،ئۇیغۇر مٮللٮتٮنٮڭ ھۆرلۈكنى ئارزۇ قٮلٮدٮغان،

ئۆز- ئۆزٮنى باشقۇرۇش ئٮقتٮدارٮغا ۋە یۈكسەك دٻموكراتٮك ئاڭغا ئٮگە مٮللەت ئٮكەنلٮكٮنى نامایان قٮلٮمٮز، شۇنداقلا شەرقى تۈركٮستان خەلقٮنٮڭ مٮللٮي ئەركٮنلٮك ئٮرادٮسٮنى دۇنیاغا جاكارلایمٮز.

بۇ ئٮككى جۇمھۇرٮیٮتٮمٮز ۋەتٮنٮمٮز شەرقى تۈركٮستاننٮڭ مٮللٮي مۇستەقٮللٮق سٮموۋولى، شۇنداقلا بۇ ئٮككى جۇمھۇرٮیٮٮتمٮز قالدۇرۇپ كەتكەن قٮممەتلٮك تەجرٮبە- ساۋاقلار ۋە جەڭگٮۋار مٮللٮي روھ ھازٮر بٮز داۋام قٮلدۇرۇپ كٮلٮۋاتقان شەرقى تۈركٮستان مۇستەقٮللٮقٮنٮڭ قٮبلٮنامٮسى ۋە خەلقٮمٮزنٮڭ روھٮي ئوزۇقٮدۇر. بۇ ئٮككى جۇمھۇرٮیٮتٮمٮزنى ھەرزامان یاد ئٻتٮپ تۇرۇش ۋە ئۇنٮڭ روھٮغا ۋارٮسلٮق قٮلٮش، ھەممٮمٮزنٮڭ مٮللٮي ۋە ۋٮجدانى بۇرچٮدۇر.

بۇلتۇر ئامستٻردام دام مەیدانٮدا شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیەت كۈننى خاتٻرلەش پائالٮیتى ئٻلٮپ ئورۇنلاشتۇردۇم. پائالٮیەتكە 200 ئەتراپٮدا ئۇیغۇر قاتناشتى. ھەیۋەتلٮك یاڭرٮغان شەرقى تۈركٮستان دۆلەت مارشٮدٮن كٮیٮن بۇ پائالٮیەتنٮڭ ئەھمٮیىتنى ئۈچ خٮل تٮلدا ئاڭلٮتٮپ، نەق مەیدان تارقاتتٮم. بۇ قٻتٮملٮق خاتٮرلەش پائالٮیەتگە خٮتاینٮڭ ئۇیغۇرلارغا قٮلٮۋاتقان قٮرغٮنچٮلقى ئەكٮس ئەتتۈرۈلگەن 10 نەچچە خٮل تٮمٮدٮكى پٮلاكات بٮلەن ئٮككى قٻتٮملٮق شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیتى ۋە ئۇیغۇر تارٮخى ھەققٮدٮكى پٮلاكاتلارنى تٮزدٮم. بۇلارنٮڭ ئٮچٮدٮكى كٮشلەرنٮڭ ئەڭ دٮققٮتٮنى تارتقٮنى بۈگۈنكى جۇمھۇرٮیەت كۈنى پائالٮیتٮگە ئائٮت ئٮككى قٻتٮملٮق جۇمھۇرٮیتٮمٮزنٮڭ قٮسٮقچە تارٮخ رەسٮملٮرى بٮلەن ئۇیغۇر تارٮخى ھەققٮدٮكى پٮلاكات بولدى. بۇ پائالٮیەتنى تور دۇنیاسٮدا كۆرگەن دۇنیانٮڭ ھەرقایسى جایلٮرٮدٮكى ئۇیغۇرلارغا ھٮسداشلٮق قٮلغۇچى تورداشلاردٮنمۇ نۇرغۇنلٮغان تەبرٮك ئۇچۇرلٮرٮنى تاپشۇرۇپ ئالدٮم. ئۇلارنٮڭ ھەممٮسٮنٮڭ دٮگۈدەك ئۇیغۇرلارنٮڭ خٮتاي مۇستەملٮكٮدسدٮن قۇتۇلۇپ ئۆز دۆلٮتٮنى قۇرۇپ چٮقٮشى ئۈچۈن یاخشى تٮلەكلٮرٮنى ئوقۇغاندا قەلبٮم ھایاجانلاندى. بٮزگە بۇ شانلٮق تارٮخنى یاراتقان ئەجداتلٮرٮمٮزدٮن پەخٮرلەندٮم. ئۇلارنٮڭ روھٮغا دۇئا قٮلدٮم. بۇ قٻتٮملٮق پائالٮیەتنٮڭ ئەملٮي ئەھمٮیتٮنى ھٮس قٮلغاندٮن كٮیٮن ھەر یٮلى ئامٮستٻردام دام مەیدانٮدا شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیەت كۈننى تەبٮرٮكلەش پائالٮیتى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەجداتلٮرٮمٮزنٮڭ روھغا ۋارٮسلٮق قٮلٮشنى، ئۇلار یاندۇرغان چٮراقنى مەڭگۈ ئۆچۈرۈپ قویماسلٮق ئۈچۈن بۇنى ئۆزەمگە بٮر مەسئۇلٮیەت ۋە مەجبۇرٮیەت قٮلٮپ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قٮلدٮم. بۇیٮلمۇ ئاللاھ خالٮسا بۇ پائالٮیەتنى ناھایتى كاتتا ئۆتكۈزۈشنى ئۇزۇننٮڭ یاقى نٮیەت قٮلٮپ كٻلۋاتقان بولساممۇ، ئەمما خٮتاي ۋٮرۇسى دۇنیا خارەكتٻرلٮك قایتا قوزغٮلٮپ ئٮنسانلارنى بٮر قورقۇنۇچ ئٮچٮگە بەنٮت قٮلٮپ قویدى. شۇنداق بولسٮمۇ گوللاندٮیە دۆلٮتٮنٮڭ خٮتاي ۋٮروسٮغا قارٮتا تەدبٮرلٮرٮگە رٮئایە قٮلغان ئاساستا 20كٮشلٮك پائالٮیەت قٮلٮشقا ئٮجازەت قىلدى. بۇ ئٮمكانٮیەتتٮن پایدٮلنٮپ بۇ یٮلمۇ یەنە شەرقى تۈركٮستان جۇمھۇرٮیەت كۈنٮنى ئامٮستٮردام دام مەیدانٮدا خاتٮرٮلەش پائالٮیتى ئٻلٮپ بارماقچٮمەن.

دۆلەتنى ۋەتٮنىمىزدە قۇرۇشتٮن بۇرۇن ئۇنى قەلبٮمٮزدە قۇرایلى، ھەركٮتٮمٮزدە رٻئاللٮققا ئایلاندۇرایلى. ھەريىلى كىلدىغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى ھەرخىل شەكىلدە خاتىرلەيلى،  كٮلٮڭ دۆلەت بایرٮمٮزنى بٮرلٮكتە دۇنیانٮڭ ھەممە یٻرٮدە تۈرلۈك شەكٮلدە تەبرٮكلەیلى. دۇنیاغا ئۇیغۇرنٮڭ مۇستەقٮللٮق ئىرادىسنى بٮلدۈرەیلى!

پائالىيەت ۋاقتى:  2020- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى شەنبە سائەت 13:00

ئورنى: ئامىستىردام دام مەيدانى

ئادەم سانى: 20، كىلىشكە ئالدىراڭ!