ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئادەم بالسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن،

گۈھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنىمىساڭ نىمە پايدا،

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن

گوللاندىيە تۈرۈك ئۈيى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ۋەيىس گۈنگەر ئەپەندىمدىن كەلگەن 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇمە كۈنى كەچ سائەت 7 دە ئامىستېردامدىكى تۈرۈك ئۈيىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى << قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ يېزىلغانلىقىىنىڭ 950 يىللىقىنى خاترىلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىماقچى ھەققىدىكى ۋاتىسئەپ ئۇچۇرى مېنىڭ خىيالىمنى تۇيۇقسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنداقلا بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ۋە پەخىرلىك تارىخىنىڭ گۇۋاچىسى،زامانىسدا دۇنياغا مەدەنىيەت بۈشكى بۇلۇپ ئىلىم-ئېرپان تارقاتقان، شەرق بىلەن غەرىبنى بىر –بىرىگە تۇتاشتۇردىغان قاراخانىلار سۇلالىسگە يەنى تارىىخىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە نەزەر سېلىشقا باشلاپ كىردى.

قاراخانىيلار  سۇلالىسنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى، مۇتەپپەككۇرى، شائىرى، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ “قۇتادغۇبىلىك ” ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى مىلادىيە 1069-يىلى قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى تارىخى ئەسلىملەرنى تارىخى كىتابلاردىن ئوقۇپ كىلۋاتقان بولساممۇ ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى بىرەر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ باقمىغان. شۇڭا بۇ پائالىيەتكە قانتىشىشقا تەكلىپ قىلنىشىم مېنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇردى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخنى يەنە بىر قېتىم شەرەپ ھىس قىلدۇردى. كىتاب ئىشكاۋىمدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتچىسى يارمۇھەممەت تاھىر توغلۇقنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيسى دىگەن كىتابنى بۇ پائالىيەتكە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇلۇمغا ئالدىم. ماشىنىدا كىتىۋاتقاچ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> دىگەن ئەسىرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغاچ ماڭدىم. 10-ئەسىردە كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ ئۈزنىڭ شانلىق تارىخى ئارقىلىق دۇنياغا مەدەنىيەت تارقىتىپ بىزلەرگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ختاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېرقى قىرغىنچىلقىدا جان تالشىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلىپ ئىچىللىرىم تىتىلداپ ئختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياشلار تۈكۈلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن ئامىستېردامدىكى پائالىيەت بۇلدىغان ئورۇن << گوللاندىيە تۈرۈك ئۈي>> يىتىپ بېرىپ مھمانلار بىلەن كۈرۈشۈپ پائالىيەتنىڭ باشلىنشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق. بىر ئازدىن كىيىن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋەيىس گۈنگەر ئەپەندىم بۇ پائالىيەتنىڭ باشلاش ھەققىدە سۆز قىلىپ مېھمانلاردىن بىرەيلەننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. بۇ مېھمان ئاساسلىقى << قۇتادغۇ بىلىك >> نى ئەدەبىيات نوقتىسىدىن ئەسەردىكى  نەسىرى شىئېرلارنىڭ قۇرۇلمىلىرنى تەھلىل قىلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ۋەيىس گۈنگەر ئەپەندىم ئۈزى تەييارلاپ كەلگەن پ پ ت ھۆجىتىنى ئېكىراندا كۆرسىتىپ  <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئەدەبىي ئەسىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا  مەزكۇر ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى سىياسەتنامە بولۇشىدۇر، سىياسەتنامە دېگەن ۋاقتىمىزدا بۈگۈنكى نۇرغۇن ئىلىم ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن سىياسەتشۇناسلىق، دۆلەت باشقۇرۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پسىخولوگىيە قاتارلىقلارغا ئوخشاش. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۆز-قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن بۇ ھەقتە ‹قۇتادغۇ بىلىك› تە مىسرالار بار دەپ بىرقانچە مىسرانى ئۆرنەك شەكىلدە كۆرسەتتى.دۆلەت رەھبىرى بولۇشنىڭ شەرتلىرى، بىرىنچىسى ئادىل بولۇشى، ئىككىنچىسى قەھرىمان بولۇشى، ئۈچىنچى شەرتى بىلىملىك بولۇشىدىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەرنى يازغاندىن كېيىن شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانىغا بېرىدۇ، <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئۇ، مەزگىلدە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان 6645 مىسرالىق بىر ئەسەر ئىدى. بۇنى خاقانىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ قانچىلىك باي بىر تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بەردى. پائالىيەت ئارلىقىدا مەنمۇ بۇ پائالىيەتكە ئېلىپ كەلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيسى دىگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى قۇتادغۇ بىلىك شۇناس مەرھۇم يار مۇھەممەت تاھىر توغلۇق ئاكىمىز ھەققىدە قىسىقچە سۆزلەپ ئاندىن << قۇتادغۇ بىلىك >>روھى ساپ ،ساغلام ئۇيغۇر روھى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىىپتەك، مەھمۇد قەشقىردەك ئەقىللىك خارەكتىردىكى ئەزمەتلەرنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن  روھ، << قۇتادغۇ بىلىك>> دىكى تەلىم تەربىيە تەلپى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلات تەربىيسىگە قويغان يۇقۇرى تەلەپلىرىنىڭ مەھسۇلى، يەنە بىر نوقتىدىن << قۇتادغۇ بىلىك>> رۇشەن خاسلىققا ئىگە پىداگوك ئەسەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ مەشھۇر پىداگوك، ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنغان پىرىنسىپلىق قانۇنىيەت، ئىلمىي تەلەپ ۋە تەۋسىيەلەر مەڭگۈ ئۈزنىڭ قىممىتىنى يۇقاتمايدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىمۇ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە چەتئەلىكلەرنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش دەستۇرلىرىنى قوللانغاندىن بەكرەك ئۈز ئالىملىرىمىزنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش ھەققىدىكى مەنىۋى قىممەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ قوللىنىش ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ روھىنى قېزىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ كىتابنى يېزىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم ھەم بۇ كىتابتىن بەزى بەتلەرنى ئوقۇپ بەردىم.

يىغىپ ئېيتقاندا بۇ قېتىملىق خاتىرلەش پائالىيتى ئاددى بولسىمۇ ئەمما ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قىلدى. ماڭا ئۆز ئەجداتلىرىم ياراتقان ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلدۇردى، ماڭا پەخىرلىنىش، ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ۋارىسلىق قىلىش روھىنىمۇ ئۈگەتتى.

ئۆز تارىخىدا پەخىرلەنگىدەك تارىخى شەخىسلىرى،قەھىرمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرى تۇرۇپ، ئۇلاردىن پەخىرلەنمىگەن، ئۇلارنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى خاتىرلىمىگەن مىللەت ھاماقەت مىللەت دەپ بىر كىتابتا ئوقۇغان ئۈزۈندەم كاللامغا كىرۋېلىپ بۇرۇن ۋەتەندىكى توربەتلەردىن ۋەتەندىكى ھەرتۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى كۈرۈپ مەنىۋى ئۇزۇق ئالغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ ۋەتەندىكىلەرنىڭ ھاماقەتلەردىن ئەمەسلىكىنى ئەسلىسەم ئەمما چەتئەللەردە بۇنداق تەبرىكلەش پائالىيەتلەرنىڭ بەك ئازلىقىدىن ھەتتا يوقلىقىدىن مەنمۇ شۇ ھاماقەتلەر كاتۇگۇريىسىدىكى توپنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بۇلۇپ قالغانلىقىمدىن چەكسىز خجىلچىلىق ھىس قىلدىم.

يېزىلغان ۋاقتى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى