گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تەرپىدىن 23 يېشدا شەھىد قىلىنغان ئىنقىلابچى- لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ،

ياش گۈلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ.

    _ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تۈرمە تېمىغا يازغان مىسراسى

بۇنىڭدىن 77 يىل ئىلگىركى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر، دىرامماتۇرگ، ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ  ئاقسۇ شەھىرىدە خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تەرپىدىن 18نەپەر سەپداشلىرى بىلەن 23 يېشىدا  ۋەھشىلەرچە قەتلى قىلىنغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت ئۇنى چۇڭقۇر ياد ئىتىىش ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئ‍ىزلىرىنى ئەسلەشنى بىر ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ بۇ يازمىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندىم.

لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ قازاقىستاننىڭ  ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 1931-يىلى ئائىلسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.   

لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجىدىكى تاتار مە (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش << شىنجاڭ دارۇل مۇئەللىمىن >> ( ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ ئۇيغۇرچە ئوقۇغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن، سوۋىت ئىتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى جۇغراپىيلىك ۋە ئېكىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۈمكىگىدە  رۇس تىلى تەرجىمان بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. 1942-يىلى 2-ئايدا ئاتالمىش << شىنجاڭ گېزىتى>> گە خىزمەتكە كىرىپ مۇھەرىرى بولىدۇ. كىيىن گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تەرپىدىن «كۆزگە قادالغان مىق» دەپ قارىلىپ 1943-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلدۇ. ئاقسۇ گېزىتىدە باش مۇھەرىر بۇلۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا بىلال ئەزىزى، مۇنىردىن غۇجا قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ياشلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئ‍اقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندۇ. 1944-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا تاجاۋۇزچى گومىنداڭ ھۈكۈمىتىگە قارشى قۇراللىق ئىنقىلاب باشلانغاندا، ئىنقىلاب سادالىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرغان ۋە 1945-يىلى 4-ئايدا گومىنداڭ تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى «شەرقى تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتىپاقى» نامىدىكى مەخپى تەشكىلات قۇرغان.

ئابلىمىت ئابدۇللا يازغان << مەرھۇم پولكوۋنىك سۇپاخۇن سوۋۇروفنى ئەسلەيمەن>> ناملىق ئەسلىمسىدە قەيىت قىلىشچە: << سابىق شىنجاڭ ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايۇف ( لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچىسى گۈلسۇم مۇتەللىپنىڭ كۈيۈغلى ) لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:<< 1945-يىلى  شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى ياش ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋىپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئابدۇغۇپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشلەرنى لۇپتۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشلەرنى غۇلجىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغۇپۇر ناسىروف ئاقسۇغا بېرىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن كۈرشىدۇ. مەقسەتنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئابدۇغۇپۇر ناسىروفنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلۇپ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ مەركىزى غۇلجىغا كەتمەكچى بۇلىدۇ. بىراق يولغا چىقىدىغان چاغدا،ئاتنىڭ ئۈزەندىسگە پۇتىنى ئېلىپ بولغان لۇپتۇللا مۇتەللىپ تۇساتتىن ئۈزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغۇپۇر ناسىروف: << نىمە بولدىڭىز؟ تىز بۇلۇڭ!>> دىگەندە، ئۇ:<< شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن مەن گومىنداڭ ھۈكۈمىتىدىن قورۇققان بۇلمامدىمەن؟. ئىككىنجىدىن، سەپداشلىرىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بۇلىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلىرىمغا نىمە بولسا، ماڭىمۇ شۇ!>> دەپ غۇلجىغا كېتىشكە ئۇنماي قېلىپ قالىدۇ. ئابدۇغۇپۇر ناسىروف نەسھەت قىلىپ: << لۇپتۇللا مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن غۇلجىغا كىتىڭ. بولمىسا، ھاياتىڭىزغا خەۋىپ يىتىدۇ. بۇ- شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتى بىلەن باش قۇماندانلىق شىتابى پات ئارىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى ئازا قىلىش ئۈچۈن قۇشۇن ئىۋەرتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، شەرقى تۈركىستان ئارمىيسى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسىڭىز بۇلىدۇ>> دىگەندىمۇ لۇپتۇللار مۇتەللىپ :<< ياق كەتمەيمەن. سەپداشلىرىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بۇلىمەن. مەن ئاقسۇدا شەرقى تۈركىستان ئارمىيسىنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلشىنى كۈتىمەن>> دەپ ئاقسۇدا قېلىپ قالىدۇ. ئابدۇغۇپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلىرى غۇلجىغا قايتىدۇ.

شەرقى تۈركىستان ئارمىيسى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا  گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتچىلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامايدۇ. 1945-يىلى 9-ئايدا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى ئونسۇغا چۈشكەندە گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان  ۋە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى  لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق 18 كىشىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۋېتىدۇ. بۇ چاغدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاران 23 ياشقا كىرگەن بىر قىران يىگىت ئىدى. كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ مېيتىنى ئەۋرەز كارىزغا تاشلىۋېتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىقىپ ( ھازىرقى شاڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئوتتۇرسىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان.  مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ قەۋرىسنى دوستلىرىم بىلەن زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. ئەپسۇس خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سمۋولى بولغان تارىخى ئىزلارنى يۇق قىلدى، ھەتتا قەۋرىلەرنىمۇ بۇزۇپ يوق قىلىش سىياسىتىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنىمۇ يوق قىلدى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 23 ياشلىق قىسقىغىنە ھاياتىدا  «ئۆلۈم ئالدىدا» ، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» (فېليەتون)، «چىن مودەن» (دراما) «يىللارغا جاۋاب» ، «ياشلىق ئۆگەن» ، «كۆكلەم ئىشقى» ،«پەرياد» ، «ئەپەندى بولماق» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇيغۇر خەلقىگە نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن شائىر، دراماتۇرگ، يازغۇچى، ژۇرنالىست، بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئارتىست ۋە رېژىسسور ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنچە قازاق، قىرغىز، تاتار، خىتاي، رۇس ۋە باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىندى.

لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

مەنبە: ۋىكىپىدىيا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

يېزىلغان ۋاقتى : 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى