ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

قېلىچنىڭ كۈچىدىن، قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىردىن

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈزنىڭ ھەقىقى كىملىكى  ئېنىق بولمىغان يېخەن نامىدىكى بىر شەخىس  ئامرىكىدا چىقىدىغان  داڭلىق ‹‹ تاشقى سىياسەت ژورنىلى›› دا ‹‹ مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرى ئۇيغۇر مەسلسسگە ياردەم بەرمەسللىكى مۇمكىن ›› سەرۋەلىك ماقالىنى ئېلان قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يېخەننىڭ بۇ يازمىسغا قارىتا ئۈزىنىڭ نارازىلقىنى ئىپادىلەپ ئۈزىنىڭ كۆز قارشلىرىنى ئىپادىلدى ۋە ماقاللارنى  ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ بىرلىكتە ئىلمى شەكىلدە رەدىيە بىرىپ يازغان ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلدىغان بىردىبىر يۇلىدۇر›› ناملىق ئوبزور ماقالىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى‹‹ تاشقى سىياسەت ژورنىلى ›› دا ئېلان قىلنىشى يېخەن نامىدىكى يازغۇچى يازغان ماقالىنىڭ ئىدىيسىگە ئۆز ۋاقىتدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق بولۇپ مۇھاجىرەتتكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن سۈيۈندۇرۈردى. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۈزەمنىڭ فەيىسبوك، تىۋېتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقەمدە ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق  ئۇيغۇر مەسلىسلىسگە دىققەت قىلىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئوقۇپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. شۇنداقلا مىنىڭ  پائالىيتىمگە دىققەت قىلىۋاتقان بەزى گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغىمۇ ئىۋەرتىپ بەردىم. گەپنى يالغۇز كىشلىك نامايىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىم ئارقىلىق بۇ ماقالىنىڭ قىممىتىنى تېىخمۇ كۈچلەندۈرىمەكچىمەن.

                                       

2018-يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا باشلىغان يالغۇز كىشلىك نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدكى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى تەشۋىقاتىمدىكى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان  قىرغىنچىلقىدىن بەكرەك 1899-يىلى نەشىر قىلىنغان خەرىتىدكى شەرقى تۈركىستان دىگەن ئسىم ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مەن شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر دەپ چۈشەندۈرگەندە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلالماسلىقى ھەتتا شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنىمۇ دىيەلمەي تۈركىستان، تۈرۈكمەنىستان، ئۆزبىكىستان دىگەندەك مەنداش ئىسىملار بىلەن ئاتىغاندا مىنىڭ روھى دۇنيارىمدا بىر خىل سىقىلىش، بىزار بۇلۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۈزەمنى تۇتۇۋېلىپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۇلارغا ئىككى پارچە سېلىشتۇرما شەكىلدىكى خەرىتە ( بۇ خەرىتىنىڭ بىرسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى مۇستەملىكە نامىدىكى شىنجاڭ، يەنە بىرسىدە شەرقى تۈركىستان ) ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قانۇنسىز بېسۋېلىنغان بىر زىمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەم ھە ئەمدى چۈشەندىم. تىبەتنڭ ئەھۋالىنى مەن بەك ياخشى بىلىمەن، ئەمما تىبەتنىڭ قوشنىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننى ۋە بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەققىدە ھىچنىمە بىلەميدىكەنمەن ، بۈگۈن تۈنجى قېتىم ئاڭلىشىم دىگەنلەر كۆپرەك ئىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈنكىدەك پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىللىرىنى ئىگەللىمىگەن ئىدى. ئامىستېردامدىكى نامايىش جەريانىدا تىبەت دىسە بىلمەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچىراتمىدىم، ئەمما ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دىسە بۇ ھەقتە ھىچنىمە بىلمەيدىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردىم.  شۇ مەزگىللەردە ‹‹ تىبەت›› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ تەشۋىقاتىمغا لاھىيلىگەن خەرىتىگە ‹‹تىبەت››، ‹‹ شەرقى تۈركىستان›› دگەن ئىسىمنى يوغان قىلىپ يېزىپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدىم. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زىمىننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزقىشىنى ناھايتى قىسقا ۋاقىتىلا ئاسانلا قولغا كەلتۈرەتتىم.

ئەسىلى سۈزۈمگە قايتسام ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيا مېدىياسىنىڭ ئاساسى تىمىسى بولۇپ كىلۋاتقانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دىسە ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمۇ كۈپەيدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىگە بولغان قارشى ھەرخىل ئىدى. ئۇيغۇرلارغا ھىسدشلىق قىلغۇچى بەزى كىشلەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغانسىرى كىشلىك ھۇقۇق جەھەتتە ئارقىغا چىكىندى، خىتاي ھۈكۈمىتى كىشلىك ھۇقۇقىنى ياخشىلسا خىتايدىكى ئۇيغۇر،تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كىشلىك ھۇقۇقى كاپالەتكە ئىگە بۇلۇپ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتمۇ بارا-بارا ياخشىلنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتى خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىىگە قارشى چىققانلىق شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خالقىئارادىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگنچىلىك ھەركەتلىرىنى باستۇرۋاتقانلىقىنى ئاقلاشتىكى  بىر ۋاستە دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. مەن بۇ كۆز قاراشتىكى كىشلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەملىشىپ شەرقى تۈركىستاندىكى گومىنداك ھۈكۈمىتىنىڭ قالدۇق كۈچىنى تازلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرىشىغا ياردەملىشىپ بىرىىپ 5 يىل ئىچىدە چىقىپ كىتىمىز دىگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەرلەرنى كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ چاغدا 40 مىڭ كىشلىك شەرقى تۈركىستان مۇنتىزىم ئارمىيمىز بولغانلىقىنى (ھەتتا مىنىڭ جەمەتىمدىن  شەرقى تۈركىستان ئارمىيسىدە گېنىرال بولغان مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم ) بۇ ئارمىينى تۈرلۈك يوللار بىلەن يۇقۇتۇپ ئاخىردا ئاپتۇنۇمىيە بىرىمىز دەپ ئاپتۇنۇمىيە نامى ئىپادىلەنگەن مۇستەملىكە مەنىسدىكى‹‹ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ›› دىگەن ئىسىمنى مەجبۇرى تاڭغانلىقى، بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە قەغەز يۈزدىكى ئاپتۇنۇمىيە بۇلۇپ ھىچقانداق ئەملىي كۈچ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قەدەممۇ-قەدەم خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراپ يەر يۈزىدىن يۇقىلىش گىردابىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ مەيلى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ھىچبىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەممۇ ئۇلارنى تازا دىگۇدەك قايىل قىلالمىغان ئىدىم. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ گىئوپولىتىك ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان كىشلەرنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ھەرگىزمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ بۇ قىرغىنچلىق، بۇ ئاسلىماتسىيە مەڭگۈ تۈگمەيدۇ، چۈنكى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ ئاخىرقى نىشانى مۇستەملىكە بولغۇچىنى مەڭگۈ ئۈزىگە قارشى باش كۈتۈرەلمەس قىلۋېتىش ھەتتا يىلتىزدىن يوق قىلۋېتىش دىگەنلەرمۇ بار ئىدى. مىنڭ قوللىغۇچىللرىم ئىچىدە ھەر ئىككى ئېقىمدىن كىشلەربولغاچقا ھەتتا بەزىللىرى سەن مۇستەقىللىق دەپ بەك كۈچلۈك تەشۋىق قىلساڭ ھەم بۇ نىيتىڭدىن يانمىساڭ مەن سىنىڭ پائالىيتىڭنى قوللىمايمەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇنداقلار بىلەن مەن خېلى كۆپ مۇنازىلەشتىم، بەزەنلىرىنى قايىل قىلسام بەزەنلىرىنى قەتئىي قايىل قىلالمىغان ئىدىم. دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلدىغان بىردىبىر يۇلىدۇر›› ناملىق ئوبزور شەكىلدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن مېنى قوللاشتا ئىككىلىنىپ قالغان تور دۇنياسىدىكى تەقىپچىلىرىمغا ۋە گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغا ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۇلار ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ ماقالنىڭ ناھايتى ياخشى دەلىل-ئىسپاتلىق ئىلمى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ يېزىلغانلىقىنى، ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرنىڭ ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن -بىر مېڭىشقا تىگىشلىك يول ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. مەن بۇ قايىل بولغان قوللىغۇچىمغا بەلكى يەنە نۇرغۇن كىشلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەس، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. ساڭا تەسىر قىلغان بۇ ماقالىنى مەن ئىمكانىيتىمنىڭ يىتىشچە گوللاندىچىگە تەرجىمە قىلاي، سەن تۈزۈتىپ بەر. ئاندىن بۇ ماقالىنى گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلايلى. تېخمۇ كۆپ كىشلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنى چۈشەنسۇن دىسەم، ھە بۇلىدۇ. مەن سىنىڭ بۇ پىكىرىڭنى قوللايمەن دىدى. پات ئارىدا بۇ ماقەلە گوللاندچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلدۇ. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىنى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن

يېزىلغان ۋاقتى 2021-يىلى8-ئاينىڭ 22-كۈنى