• Netherland
  • #
  • info@supportuyghurs.org
In مىنىڭ پىكىرلىرىم

مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى ئەسلەيمەن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بىرىنجى بۆلۈم

بۈگۈن شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسيۇن، پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاتىغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىم ۋاپات بولغانلىقىغا 55 يىلى بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن بىلەن ياد ئىتىمەن.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھەردە مۆتىۋەر دىنىي ئائىلدە دۇنياغا كەلگەن.دادىسى فەرىددىن ھاجىم، خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى سەكىنە بانۇ خانىم، 1865-يىلى خوتەن مۇستەقىل خانلىقىنى قۇرغان ئابدۇراھمانخان خۇجام نەۋرىسى ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 9 يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى،21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسلەردە يۈكسەك دىنىي ئىلىمنى ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىدە پۈتتۈردى. 1922-يىلدىن 1933-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك ۋەزىپىلىرىدە بولدى. ئۈستۈن ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە يېقىملىق شەخسىيىتى بىلەن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەتراپتا نام قازانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلىرىغا بېرىلىدىغان <<ھەزرىتىم>> ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى. بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەرھۇمنى<<ھەزرىتىم>> نامى بىلەن ياد ئەتمەكتە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە شىئىرلارنىمۇ يېزىپ قەلەمدىمۇ يىتىلىشكەن بۇلۇپ شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان <<مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش>> ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلقىغا ئۇچىراپ چەتكە قېقىلغان.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، زالىم مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلمى، مىللىي تەڭسىزلىكى ۋە ئېزىشلىرىدىن خەلقىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزدىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن باشلىغان.شۇ چاغلاردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتلاردىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلىغان. بۇ كىشىلەر چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان. نەتىجىدە كۆڭلىدە، ئۆز ۋەتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش زوقى تۇغۇلغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي 1930-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆرۈپ ئۆگەنگەن. دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر يەنى 1933-يىلدىكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللام قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپ پىكىرلىشىش نەتىنجىسدە، مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلاپتىن باشقا چارە يوق، دېگەن تونۇشقا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن 1930- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدە بىر يوشۇرۇن<<مىللىي ئىنقىلاپ كومىتېتى>>تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققان. 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا سابىت داموللام بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چۇماق قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ سەھەر سائەت بەشتە قاراقاش ناھيىسىدىكى خىتاي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قاراقاش ناھىيسىنى قولغا ئالىدۇ ۋە داۋاملىق ئىلگىرلەپ خوتەننىڭ باشقا يەرلىرنىمۇ قولغا كەلتۈرۈدۇ. ھەمدە 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندە <<خوتەن ئىسلام ھۈكۈمىتى >> نى قۇردۇ. ئۈزى بۇ ھۈكۈمەتنىڭ باش قۇماندانى بولىدۇ. خوتەن ھۈكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىش بىجىرىش ئورۇننى تەسىس قىلش ئۈچۈن سابىت داموللامنى قەشقەرگە ئىۋەرتىپ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنڭ قۇرلىشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. خوتەن ھۈكۈمىتى 1934-يىلغا كەلگەندە مىلتارىست تۇڭگان ماخوسەننىڭ ھۇجۇملىرىدا مەغلۇپ بۇلۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايونلىرىدا <<قوراللىق يىغىلىش ۋە يۇرتقا قايتىش>> پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئۇرشىغا تەييارلىق قىلدۇ.بۇ جەرياندا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا <<ئابدۇللاخان ياركەندى>>- دېگەن ئىسىمنى قوللىندۇ. قۇرال ياراقلارنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىش ئۈچۈن بىر مىليۇن سەر كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ئافغانىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى <<ۋاخان>> قەبىلىلىرىدىن قۇرال-ياراق ۋە 1000كىشلىك ئاتلىق بىر ئەترەتنىڭ ياردەم بىرشى ئۈچۈن توختام تۈزدۇ. ئەمما ئافغان قەبىلىسى كىلشىمگە خىيانەت قىلىپ ۋەدىسدە تۇرمايدۇ.ئۇ يىللاردا غەربى تۈركىستاننى بېسۋالغان روسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئالغان مىللىي ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشگە چۈشكەن ئىنگىلىزلار ئۆز چىگىرىلىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرغا چىققان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھەركىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدۇ. نەتىنجىدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چىگرا ئەتراپىدىكى ئاكتىپ ھەركەتلىرىنى توختۇتۇپ بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجىرا قىلۋاتقان ئافغانىستانغا چىكىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ ۋە 1942-يىلغا قەدەر سىياسى مېھمان سۈپتىدە كابۇل شەھرىدە تۇرىدۇ.بۇ جەريانىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا كابۇلدىكى ياپۇنيە ئەلچىخانسى بىلەن مەخپى ئالاقە قىلىشنى باشلايدۇ. 1936-يىلى ياپۇنيە كونسۇنخانسىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ياپۇنيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىتادا ئەپەندى بىلەن كۈرشۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئۈچۈن ياپۇنىيە ھۈكۈمىتىدىن ھەربى ياردەم سورايدۇ ۋە ياپۇنىيە ھۈكۈمىتى بىلەن <<كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۈرۈش كاردۇرى>> ھەققدە ھەمكارلىق ئورنىتىش يۇلىدا داۋاملىق ئىزدىندۇ. باش ئەلچى كىتادانىڭ ياپۇنيەگە ھۈكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يوللىغان 1000 بەتلىك تېلگىرامىللىردىن بۇ ھەقتە تېخمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. ئافغانىستاندىكى ۋاقتىدا ئۈزنىڭ كاتتا ئەسىرى بولغان <<شەرقى تۈركىستان تارىخى>> دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ.

 

  مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرۋاتقان مەزگىلدە يەنى 1940-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىللەتچى خىتاي يەنى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى خىتاي مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كىلدۇ ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن كۈرشىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بىر پىكىرگە كىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەيسا يۈسۈپتىن جىياڭ جېشىغا خەت ئىۋەرتىپ ئۈزنىڭ ھىندىستانغا كىلىپ خىتاي تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا قۇشۇلىشنى تەلەپ قىلدۇ. ۋە جىياڭ جېشىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرىگە كىلىدۇ ۋە كالۇتتادىكى خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى بىلەن كۈرشىدۇ.خىتاي باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ خىتاي تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتى تەرپىدىن رەسمى بۇيرۇق يوقلىقىنى باھانە قىلىپ تىزراق خىتايغا كىتىشنى تەلەپ قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلدۇ. بۇ سەۋەب بىلەن كونسۇل مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى خىتايغا قارشى ھەركەت قىلدۇ دىگەن گۇمان بىلەن ھىندىستاندىن چىقىرۋېتىشكە ھەركەت قىلدۇ.5-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستان ساقچى تەرەپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى بىر نەۋرە ئىنسى ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن قۇشۇپ پىشاۋۇر مەركىزى تۈرمىگە قامايدۇ.مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەنگىليە ھۈكۈمتىگە بىر قانچە قېتم مۇراجەت قىلىپ ئۈزنىڭ نىمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقىنى سورايدۇ. ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستاندىن چىقىپ كىتىش شەرتى بىلەن تۈرمىدىن قۇيۇپ بىرىلدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ. لىكىن ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىگە مۇراجەت يېزشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاخىرى ئايالى جىياڭ جېشى،ئەيسا يۈسۈپ ۋە باشقا ھۈكۈمەت ئادەملىرىگە مۇراجەت يازدۇ. نەتىنجىدە جىياڭ جېشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاي باش كونسۇلىنىڭ كاپالەت بىرشى نەتىنجىسدە، 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قاماقتىن بۇشتىلىپ كالكۇتتىكى خىتاي باش كونسۇلىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 1943-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايرۇپىلان بىلەن چۇڭچىڭ ئايرۇدۇمىغا يىتىپ بارىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ باشلىق يۇرتداشلار ۋە گومىداڭنىڭ يۈزگە يېقىن ئەمەلدارلىرى ئايرۇدۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ. جىياڭ جېشىمۇ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئۈزنىڭ يۇرتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەيدۇ ۋە چۇڭچىڭدا  تۇرۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بىرىدۇ.

 

 

ئىككىنجى بۆلۈم

 

مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چۇڭچىڭغا كەلگەندىن كىيىن ئەيسا يۈسۈپ، مەسئۇد سەبىرى قاتارلىقلار بىلەن يۇرتداشلار جەمئىيتىنى قۇرۇپ سىياسى ساھەدە بىرلىكتە كۈرۈش قىلدۇ. خىتاي خەلقىگە تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى گۇمىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان <<خىتاي مىللەتچىلىك>> سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي نەشىرىيات، ئاخبارات ئورگانلىرىدا خىتايچە چىقىدىغان گېزىت، ژورناللاردا ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدۇ. بۇ ماقالىلار خىتاي خەلقى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغايدۇ . مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەلەم كۈرەشلىرى داۋامىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ماقالىلاردىن بىرى 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى <<داگوڭباۋ>>دا ئېلان قىلىنغان <<شىنجاڭ ئەمەس تۈركىستان>> ۋە << تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر>> دېگەن مەۋزۇلاردىكى ماقالىلار ئىدى. ئىلمىي بەس-مۇنازىرە شەكلىدە داۋام قىلغان بۇماقالىلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئاتاقلىق خىتاي مىللىيەتچى تارىخ ئالىمى لى دوڭفاڭنىڭ تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان <<داگوڭباۋ>> دىكى ماقالىسىغا رەددىيە بېرىپ يېزىلغان ماقالىلىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىلمىي ئاساستا ۋە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى ماتىرىياللىرىنى پاكىت قىلىپ رەددىيە بەرگەن بۇ ماقالىلىرى ئالدىدا لىدوڭفاڭ جاۋاپسىزقالدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئاشكارا مۇنازىرىلەر خىتاي پارلامېنتىدا، خىتاينىڭ داھىسى سۇنجۇڭسەننىڭ ئوغلى دوكتۇر سۇنفۇ باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان تۈركىستان داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدۇ. خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن تارىخشۇناس جيەن بوزەن، تىلشۇناس گومورۇ قاتارلىقلار مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى يوقلاپ كېلىپ ئۇنى  تەبرىكلەيدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1943- يىلى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لاھىيەسىنى بېرىدۇ. بۇ تەكلىپ لاھىيەسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا << شىنجاڭ >> دىگەن سۆزنى << تۈركىستان >> دەپ تۈزىتىشنى ھەمدە تۈركىستان مىللىتىنىڭ <<تۈرك>> ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ قەلەم كۈرشى نەتىنجىسدە چىڭدۇ شەھرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى نامايىش قىلىپ ھۈكۈمەتكە 9 مادىلىق تەلەپنامە سۇنىدۇ. 9-مادىسدا تۈركىستانغا مۇختارىيات بىرىش تەلەپ قىلىندۇ.

1945-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا،ئىيسا يۈسۈپ،مەسئۇت سەبىرى قاتارلىىقلار بىرگە 16 مادىلىق بىر لاھىيە تەييارلايدۇ. بۇ لاھىيەنىڭ ئاساسى مەقسىتى تۈركىستاننىڭ مىللي مۇختارىيات تەلىبى، تۈركىستاندىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن تۈركىستان ۋە خىتايغا پايدىلىق سۈلھى قىلىش تەلىبى ۋە تۈركىستاننىڭ سابىق زالىم ۋالىيسى شىڭشىسەيگە جازالاش تەلەبلىرى ئىدى. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان تۈزۈمدىكى گۇمىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا بۇ لاھىيە ئوقۇلۇپ قۇبۇل قىلىندۇ.4-ئاينىڭ 18-كۈندىكى يىغىندا شىڭشىسەينىڭ جىنايەتلىرى ئوقۇلغاندا ھەر تەرەپتىن:<<شىېڭ شىسەيگە ئۆلۈم>> دىگەن ئاۋازلار ياڭراشقا باشلايدۇ. شىېڭ شىسەي ئۈزنى ئاقلاش ئۈچۈن سۆز تەلەپ قىلىدۇ. مەجلىس ئەزالىرى شىېڭ شىسەيگە :<<سىنىڭ سۆز قىلىش ھەققىڭ يوق، شىېڭ شىسەيگە ئۆلۈم >> دەپ شىېڭ شىسەيگە ھۇجۇم قىلدۇ. ئامانلىق ساقلىغۇچىلار مەجلىسكە كىرىپ ھۇجۇمنى توختىتىدۇ ۋە شىېڭ شىسەينى مەجلىستىن ئېلىپ چىقىپ كىتىدۇ. جىياڭ جېشى بۇ لاھىيەدىكى مۇختارىيات ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مادىلارنى ئۆچۈرۈپ << تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلغا ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىندۇ،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىندۇ دەپ يېزىپ لاھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى قوللىنىدۇ. ھەتتا شىڭشىسەي بولسا تۈركىستاننى مەركىزى ھۈكۈمەت ئۈچۈن قوغدىغان ۋە مەركەزگە 50 مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەن بىركىشدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھەركىتى خاتا دەپ شىېڭ شىسەينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلايدۇ. جىياڭ جېشى تۈركىستانغا قارشى قارار چىقارماقچى بولغاندا مەجلىستىكى تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەجلىسنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىنى (بايقۇت قىلىشنى) قارار قىلغاندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاي دۆلەت باشلىقى قاتناشقان قۇرۇلتايدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ چىقىپ كىتىدۇ.

1945-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۈركىستانغا كىلىدۇ. تۈركىستاندا ۋەزىيەت بەكمۇ ئېغىر ئىدى. گۇمىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئىككىيۈزلىمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئىشلار ئېغىزدا بىر خىل ۋە ئەمەلىيەتتە باشقا بىر خىل ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. ۋەدە قىلىنغان ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى تۈركىستان خەلقىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا قاتارىدا تۆۋەن كۆرۈپ ھاقارەتلەپ مۇئامىلە قىلاتتى. تۈركىستاننىڭ مىللىي مايلىقىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق تالان-تاراج قىلىپ ئىچكىرىگە توشۇماقتا ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى پائالىيەت باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. خىتايدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن سەبداشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ بىلەن بىرلىكتە <<ئالتاي ژورنىلى>> ۋە <<ئەرك>> كۈنلۈك گېزىتىدە ماقالا ئېلان قىلىپ، مىللىتىنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇردى. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋەزىيەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاندا بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ << تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى>> نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ پارتيىنىڭ سىياسى پىرىنسىپى –ھازىرچە تۈركىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇمۇمى مۇداپىئەسى مەركىزى ھۈكۈمەت گومىنداڭنىڭ ئىدارە قىلشىدا بۇلۇپ، باشقا ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسغا ئېلنىش مەنىسگە كىلدىغان ئالىي مۇختارىيات ئېلىش، بۇ مۇختارىيات سايىسدا تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىي،سىياسى ۋە ئىقتىسادى سەۋىيىسنى مۇستەقىلىققا لايىق بىر دەرجىگە كۈتۈرۈش. ئىككىنجى قەدەمدە، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. گۇمىنداڭ ھۈكۈمىتى بۇ پارتىينى رەسمى ئېتىراپ قىلمىسمۇ، <<مىللەتچى گۇرۇپپا>> ئىسمى بىلەن بىلمەكتە ئىدى. گېنىرال جاڭ جىىجۇڭ قاتارلىقلار مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى <<تۈركىستاننىڭ گەندىيسى>> دەيتى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى ۋە قاتتىق كونتىرۇل ئاستىغا ئالاتتى. 1946-يىلى 10-ئانىڭ 4-كۈندىن 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا ،قايسى شەھەرگە بارسا تۇلۇق ۋە يېرىم ھەربىي ھالەت ئىجىرا قىلىپ ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ خەلىقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلشىنى چەكلەيدۇ. خوتەندە سايلام ئىشىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بارغاندا خىتاي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن پىلانلانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئۆلتۈرىۋېتىش سۈيىقەست پىلانى پاش بولۇپ قالدۇ. كېرىيىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق ئۈستىگە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوق چىقىرىپ يەتتە كىشىنى ئۆلتۈردۇ.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                           

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستاندا 1947- يىلى قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە تەمىرات نازىرلىقىغا تەيىلىندۇ. شۇنداقلا << ئەرك >> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. ئۈرۈمچى دارىلفۇنۇننىڭ پەخرى پروفىسور ئۇنۋانى بىلەن دەرس بېرىدۇ ۋە بىر قانچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلاتلار بېرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدا تۇنجى قېتىم << ئاتوم ئېنىرگىيسى >> ئۈستىدە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەپ، كۆپ تەسىر قوزغايدۇ. 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەينلىندۇ.

   1949-يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندا ئائىلىسى ۋە بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككىنچى مۇھاجىرەت ھاياتى باشلاندۇ. بۇ جەرياندا خىتاي كومۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ دەھشىتىدىن ۋەتەننى ۋە بار-يوق ھەر نەرسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق كەشمىرگە يىغىلدۇ. بۇلار ئۈچۈن دەرھال بىر ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشلىرىنى قويۇپ ياتالىغىدەك بىر ماكان تېپىش كېرەك ئىدى. غەربىي تىبەتتە يەنە، نەچچە يۈز كىشى پانا تىلەپ، چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن توپلانغان ئىدى. ئۇلار ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە چېگرىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان ئىدى، مانا بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مۇھاجىرلىرىمىز ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق بىر مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەھۋالغا كۆرە، بەزىدە << تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى باشلىقى>> <<سابىق تۈركىستان ئومۇمى ۋالى مۇئاۋىنى>> ۋە بەزىدە <<پاناھلىق تىلەپ چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىلى>> سۈپىتىدە كەشمىر ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى بىلەن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردۇ. ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەيسا ئالپتېكىن ۋە باشقا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە نەتىجە بىرىدۇ ۋە مۇھاجىرلار ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلىرلارنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇ. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتى رەسمى قارارنامە ماقۇللاپ 1850 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق پانالىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى <<ئىسكانلىق(ئولتۇراقلاشقان) كۆچمەن>>- سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىشىنى قوبۇل قىلدۇ. شۇنداقلا يۇقۇرىقىدەك 1949- ۋە 1952- يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇرغان يۇرتداشلىرلارنىڭ ئىقامەت (ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى) مەسىلىلىرىنىمۇ يۇقۇرىقىدەك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەل قىلدۇ.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1952- يىلى تۈركىيەگە كىلدۇ ۋە 1955- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتىدۇ. بۇ، دۇنيادا <<سوغۇق ئۇرۇش>>نىڭ تازا ئەۋج ئالغان دەۋرى بولۇپ، تۈركىيە <<غەرپ دۇنيا >> سېپىگە مەنسۇپ بولغان ۋە كورىيە (چاۋشيەن) ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ ۋەزىيەتتە سوۋىت رۇسيەسى ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە غەربىي تۈركىستانلىق، كافكاسىيە، ئىدىل-ئورال ۋە ئەزەربەيجانلىق مىللىي رەھبەرلەر بىلەن <<تۈرك بىرلىكى>>، <<تۈرك ئورتاق فرونتى>> غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ 1953- يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە << تۈركىستان >> ئىسىملىك ئايلىق ژورنال چىقاردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسى ۋە جاپالىق كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلىدى. 1956- يىلى تۈركچە ۋە ئىنگىلىز تىلىرىدا <<تۈركىستان ئاۋازى>>ئىسىملىك ژورنالنى چىقاردى. ئەرەپ ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئۇنىڭ <<ئازاتلىق رادىيوسى>> ۋە <<ئامېرىكا ئاۋازى>>قاتارلىق رادىيولاردىن سۆزلىگەن تۈركچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە نۇتۇقلىرى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە، پۈتۈن دۇنيادا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ياڭرىدى.

1952-يىلدىن باشلاپ، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغدات، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتنشىدۇ.

1958-يىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مەيلى ياش تالىپ ياكى مۇدەرىسلىك چاغلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدە، چوڭچىڭدا، مەيلى كەشمىردە، پامىر تاغلىرىدا بولسۇن، ئەنقەرەدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە بولسۇن، ئۇيغۇرچە-تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ۋە ياكى ئېلان قىلىنمىغان، 1400 مىسراغا يېقىن شېئىرلىرىدا باشتىن-ئاخىر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ پاك ۋىجدانىنى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك جەسۇر روھىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ پامىر تاغلىرىدىكى سەپىرى جەريانىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان ئېپىك داستانى، <<شۇڭقارىم>> ناملىق لېرىك شىئىرى، <<ۋەتەن بىزنىڭدۇر>> قاتارلىق شىئىرلىرى خەلقنىڭ قايغۇسى بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ، خەلقنىڭ دەردى بىلەن تەڭ يىغلايدىغان ئىچكى روھى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرسە، <<ئويغان مىللەت، سىلكىن، توپلان!>> قاتارلىق شىئىرلىرى مىللەتنى ھۆرلۈك، ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرغان جەڭگىۋار شىئىرلىرىدۇر.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغراپۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەن،مىللەتنىڭ ئازاتلىقىغا ئاتىغان ھەقىقى ئەزمەت ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يولىدىكى ھاياتى جاپا مۇشەقەتلىك، تىللاردا داستان بولىدىغان، قېلىچى ۋە قەلىمى بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن تولغان. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا ئاددىي-ساددا ياشىدى،ئىرادىسىدىن يانمىدى. ھاياتىنى ۋەتەن، مىللىتىنىڭ ئازادلىقى يولىغا بېغىشلىغان بۇ زاتنىڭ  يۈرىكى 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە سوقۇشتىن توختىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازىسىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى يوپۇق قىلىنىپ، رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئەسكىرى مازارلىققا دەپنە قىلىندى.

 

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى تەييارلاشتا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىم ئۈزى يازغان كىتابلاردىن تەييالانغاچ بولغاچقا، كىتابتىكى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى مەنمۇ مۇئەللىپنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەينەن قوللاندىم.

 

مەنبە: شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرى، 100 مەشھۇر شەخىس، تور دۇنياسى

 

 

 

Wordpress Social Share Plugin powered by Ultimatelysocial
YouTube
YouTube