زىيالىيلاردىكى مەردانىلىق ۋە زەيپانىلىق

Abdurehim gheni protest in the dam square of Amesterdam5

سۇ كەمتەرلىك بىلەن تۈۋەنگە ئاققانلىقى ئۈچۈن،ئاللاھ ئۇنى بۇلۇتقا

ئايلاندۇرۇپ تاغلارنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلدۇردى. سۇنىڭ تۈۋەندە بۇلۇشى ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمىگىنىگە ئوخشاش،كەمتەرلىك ئىنسانلارنىڭمۇ قىممىتىنى چۈشۈرمەس.

– چېن لىيەن ئەپەندىنىڭ «يۇيۇلماس ئار- نومۇسلار»ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ

____________ئۈمەرجان ھەسەن بوزقىر

زىيالىي دېمەك ئوخشىمىغان دەۋىر، ئوخشىمىغان زاماندىكى مەلۇم بىر مىللەت –قوۋىمدىن يېتىشىپ چىققان، شۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى،بۈگۈنى ھەم كەلگۈسى ھەققىدە چوڭقۇر قاتلاملىق بىلىم ئاساسىى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكنى ھازىرلىغان، مۇستەقىل قاراش، مول بىلىم، كۈچلۈك ئېتىقادنى يادرو قىلغان ماددى ۋە مەنىۋى ئىختىرالارنىڭ ئىجاتچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر مىللەت تەركىبىدىكى زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئاز-كۆپلىكى، سەرخىللىق دەرىجىسى، مۇستەقىل تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ قانچىلىك بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى، ئومۇمىي ساپاسى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى مەۋجۇتلۇق، تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.

تارىختىن بويان زىيالىيلار قوشۇنى سېياسىي ساھە ۋە ئاۋام –پۇقرالار بېلەن ئوخشاشلا مۇستەقىل بىر ئىجتىمائىي توپ بولۇش سۈپىتى بېلەن، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈسىتقۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي بازىسىنى تەشكىللەشتە موھىم رول ئويناپلا قالماي تېخىمۇ موھىمى شۇ جەمئىيەتنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىمۇ موھىم ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. بولۇپمۇ تۈزۈلمە ساھەسىگە نىسبەتەن بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە پەلەسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىقتىساد ساھەسىدىكى زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بېلەن بىرگە يەنە ئۇلار ئۇچرىغان تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلار ھەم كىرزىس تۈسىنى ئالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىپادىلىگەن ھەققانىي مەيدانى، مۇستەقىل تەپەككۇر ھالىتى ھەتتا كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان پاجىئەلىرى تالاي ئوي پىكىرلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. سوقراتنىڭ ئۆز پىكىر-ھەقىقىتى ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىشى، مەنسۇر ھەللاجىنىڭ تىرىك سويۇلىشى، بىرونىينىڭ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىلىشى، شاھ مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشى دېگەندەك پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسىدە زىيالىلاردىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ جۇلاسى بالقىپ تۇرىدۇ.
يېقىندا چېن لىيەن ئەپەندىنىڭ«يۇيۇلماس ئار-نومۇسلار»ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ زىيالىيلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە جانباقتىلىق ئېڭى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلارغا پاتتىم. چېن لىيەن ئەپەندى شۇ ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:
》‹گۇجۈننىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ كىرىش سۆزىدە يازغۇچى گاۋجىيەنگو دېكتاتۇرىنىڭ قەبىھ زىيانكەشلىكى ۋە قاتتىق بولغان ئىدىيىۋى چەكلىمە شارائىتىدا ،گۇ جۈنننىڭ زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بېلەن زىممىسىگە ئېلىپ،جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ،بىزگە ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان تەپەككۇر مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى يورۇتۇپ ئۆتۈپ،مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى يازىدۇ: ‹ئۇنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان ساداقىتى بىر ئەۋلات زىيالىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئار-نومۇسنى يۇيۇپ تاشلىدى.›《①.
دېمەك، دېكتاتۇر ۋە ئەركىن تەپەككۇرنى تەقىپ قىلىدىغان ئىدىيىۋى چەكلىمە تارىختىن بۇيان زىيالىيلارنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا داغ چۈشۈرۈپ كەلگەن ئەجەللىك ۋاستىدۇر. شۇنداقلا ئۇ يەنە زىيالىي ئاتالغان قەۋىمدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىى، ھەققانىيەت قارىشى،ۋىجدان –غۇرۇنىنى سىنايدىغان ھەل قىلغۇچ سىناق مەيدانىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىغانكى، زىيالىيلىق نىقابىنى كىيىۋالغان تالاي بىلىمدارلار شۇنداق ھەل قىلغۇچ پەيىتلەردە جېنىنى، ئىللىق ئائىلىسىنى قىسقىسى جان بېقىش يولىنى تاللاپ، ئەمەلىي پاكىتلارغا، كۆز ئالدىدىكى ناھەقچىلىكلەرگە، ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان خاتا سېياسەت-تەدبىرلەرگە كۆز يۇمۇپ،سۈكۈتكە پاتقان ياكى ئەشۇ خاتالىقلارنى ئاقلاش مەيدانىدا بولغان. يەنە بەزى زىيالىيلار بولسا ھەق يولىدا ئۆز مەنپەتىنى ئويلىماي ،جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەشكەن. چېن لىيەن ئەپەندى تىلغا ئالغان گۇ جۈن دەل كېيىنكى زىيالىيلار تۈركۈمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان غۇرۇرلۇق زىيالىيدۇر.
چېن لىيەن ئەپەندى «يۇيۇلماس ئار-نومۇسلار» ناملىق ماقالىسىدا گۇجۈننىڭ تىز پۈكمەس روھىغا يۇقۇرى باھالارنى بەرگەن. گەرچە چېن لىيەن ئەپەندى يۇقۇرقى ماقالىسىدا گۇجۈن ھەققىدە ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى بەرمىگەن ياكى ئۇ كىشى ھەققىدە تەپسىلىرەك مەزمۇنلارنى بايان ئەيلىمىگەن بولسىمۇ ئەمما، تور ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتېرىياللاردىن بۇ ھەقتە بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش تامامىەن مۇمكىن. دەرۋەقە، مۇتەپەككۇر، ئىقتىسادشۇناس گۇجۈن ھاياتىدا نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. 1935-يىلىلا كۇمۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولغان، ئاساسلىقى ئۆزى ئوقۇغان مالىيە-ئىقتىساد كەسپىدە نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئازاتلىقتىن كېيىن موھىم مەمۇرىي ۋە كەسپىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ جۇڭگودىكى «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى»تۈزۈلمىسىنى تۇنجى ئوتتۇرغا قويغان كىشىدۇر.
1952-يىلىدىكى«ئۈچكە قارشى ھەركەت»تە گۇجۈننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 1957-يىلىدىكى ئوڭچىللارغا قارشى كۆرەشتە« پارتىيىگە قارشى ئوڭچى»قالپىقىنى كىيىدۇ. 1959-يىلى خېنەننىڭ شىنياڭ يېزىسىدىكى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1968-يىلى 4-ئايدا 30يىلدىن ئارتۇق بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئايالىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بېلەن ئۇنىڭ بېلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتى مەجبۇرىي بىكار قىلىنىدۇ. تۆت بالىسى ئۇنىڭ بېلەن بولغان چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇنىڭ بېلەن بولغان باردى-كەلدىنى قەتئىي ئۈزىدۇ…شۇ بىر قاتار ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى ئازاپلار زەربىسىدىن گۇ جۈن 1974-يىلى 12-ئايدا ئېغىر كېسەل بېلەن بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ.
گۇجۈن مەيلى ئازاتلىقتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسۇن؛ مەيلى تېنىچ ئۆتكەن كۈنلىرىدە بولسۇن ياكى جازالىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان مەزگىللەردە بولسۇن ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ قايغۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بارلىق چەكلىك شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تارىخ بېلەن بۈگۈن، جۇڭگو بېلەن چەت ئەل نۇقتىسىدا ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ سېياسىي- ئىقتىساد تۈزۈلمىسى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ بۇ ھەقتە تىنماي ئىزدىنىدۇ. ئۇ بۇ ساھەدە 10دىن ئارتۇق ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ«بانكا بوغالتىرلىقى» غائوخشاش بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇشۇ ساھەدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى قىلىنىسا يەنە بەزىلىرى ھازىرغاقەدەر ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. تەتقىقاتقا شارائىت بولمىغاندا چەتئەلنىڭ شۇ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەلىمات ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە شوبېرتنىڭ«كاپىتالىزىم،سوتسىيالىزىم ۋە دېمىگراتىيە»ناملىق كىتابى ۋە روبېنسوننىڭ«ئىقتىسادقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇمۇ مۇمكىن بولمىغاندا ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى رېئاللىقتىن پاكىت توپلايدۇ. مەسىلەن : 1959-يىلى خېنەننىڭ شىنياڭ يېزىسىدىكى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان مەزگىللىرىدە مەملىكەت بويىچە بۇ يەردە تۇنجى قۇرۇلغان كومۇنا سەۋەبىدىن مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاچلىقتىن بىھۇدە ئۆلگەنلىكىنى خاتىرلەپ، قانداق سېياسىي –ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئورنىتىلغاندا بۇنداق پاجىئەلەردىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. يەنە ئۇنىڭ سېياسىي ساھەگە ئاتاپ يازغان «غايىۋىزىمدىن تەجرىبىزىمغىچە»دېگەن ئەسىرىمۇ خېلى ۋەكىللىكتۇر.
گۇ جۈن ھەققىدىكى يۇقۇرقى يۈزەكى بايانلار مۇستەقىل تەپەككۇرى يوق، مەسىلىلەرگە يۈزەكى قارايدىغان كىشىدە ھېچقانداق تەسىرات پەيدا قىلالماسلىقى ئېنىق. ئۇلارچە بولغاندا بۇلار قىزىقارلىق تۈسى يوق ۋەقەلىكتۇر، خالاس. ئەمما، ياشاش مەنتىقىسىنى جان بېقىش ئىستىكىگە يەم قىلىپ بەرمىگەن ئادەملەرلا ئۇنىڭدىكى تەگسىز ئازاپ ۋە ھېكمەتنى ھېس قىلالايدۇ. خۇددى چېن لىيەن ئەپەندى ئېيتىپ ئۆتكەندەك «گۇ جۈننىڭ بارلىق مۇستەقىل تەپەككۇر تەقىپ قىلىنغان، دېكتاتۇر ئۇچىغا چىقىپ ئەسەبىيلەشكەن شارائىتتا، مۇستەقىل تەپەككۇردا چىڭ تۇرغانلىقى ھەم “پارتىيىگە قارشى ئوڭچى”بوپ قېلىش، دەۋزەخ ئازابىنى تارتىش، خالىغاندا قەتلىئالام قىلىنشتەك خەتەرلىك پەيىتتىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھۇشيارلىق ۋە ئاڭلىقلىقى بېلەن ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرغانلىقى دەرۋەقە كىشىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.»
ئەمما، يازغۇچى گاۋجىيەنگو«گۇجۈننىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ كىرىش سۆزىدە يازغاندەك«ئۇنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان ساداقىتى بىر ئەۋلات زىيالىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئار-نومۇسنى يۇيۇپ تاشلىدى»دېسەك مۇۋاپىق بولارمۇ؟چېن لىيەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە« گۇ جۈن مەنىۋى جەھەتتىن ئىپادە قىلغان ئادەەتتىن تاشقىرى باتۇرلۇق شۇ قاتاردىكى زىيالىيلارنى تېخىمۇ پەس ۋە چۈپرەندىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، جۇڭگودىن زىيالىيلىق نىقابى بېلەن چىقىۋاتقان ئەشۇ تۈركۈم-تۈركۈم جانباقتى نان كۈچۈكلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئار-نومۇسقا قويىىۋاتىدۇ،خالاس.»
دۇرۇس،گۇ جۈن تىراگىدىيىسى زىيالىيلىق ئۇقۇمىغا قويۇلغان سۇئالدۇر خالاس. دەرۋەقە، گۇ جۈننىڭ ئۆزىدىكى زىيالىيلارغا خاس يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بېلەن زامانداش زىيالىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئار-نومۇسلارنى يۇيىۋېتەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنى جانباقتى چۈپرەندىلىك ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەن ئالماسلىققا ئامالسىزمىز. دېمىسىمۇ گۇ جۈن ئەشۇ كۈلپەتلەرنى تارتىۋاتقاندا باشقا زىيالىيلار نېمىش قىلغان بولغىيدى؟ئىدىيە قەتلىئالامى ھۆكۈم سۈرگەن ئەشۇ قاباھەتلىك يىللاردا ئونلىغان. يۈزلىگەن، مىڭلىغان ، ئونمىڭلىغان زىيالىيلار گۇ جۈندەك زىيالىيلىق مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزەلىگەن بولسا دۆلەتنى مالىمانچىلىقتىن، ئاۋامنى بالايى ئاپەتلەردىن ساقلاپ قىلىشقا تۈرۈتكە بولماسمىدى؟دۆلەت خەۋىپتە قالغاندا، مىللەت كىرزىسكە پاتقاندا زىيالىيلىق تونىنى كىيىپ شۇنىڭ نېنىنى يەۋاتقانغا تۇشلۇق شۇ دۆلەت، شۇ مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، ئەگشمە تەپەككۇردا ئەمەس مۇستەقىل تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەت مەيدانىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ نېمىشقا خاتا سېياسەت تۈزۈپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، ناھەقچىلىك پەيدا قىلىۋاتقان رەزىل كۈچلەرگە جەڭ ئېلان قىلالمايدۇ؟ دەرۋەقە، شۇ يىللاردا تالاي زىيالىيلار تالاپەتكە ئۇچرىدى. تۈرمىگە تاشلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، جىسمانىي ۋە روھىي ئازاپ تۈپەيلى ھاياتىنى ۋاقىتسىز ئاخىرلاشتۇرغانلار، سۈرگۈنلۈكنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىغانلار، ئۆلىۋېلىش يولى بېلەن قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەنلەرمۇ چىقتى. مۇستەقىل تەپەككۇر، ھەققانىيەت تۇيغۇسى ئېغزىدا بولسىمۇ ئەمما ۋۇجۇدىدا ئۆزلەشمىگەن تالاي«زىيالىي»لار ھەل قىلغۇچ پەيىتلىرىدە جېنىنى ساقلاپ قېلىش، ئىللىق ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش مەقسىدىدە جانباقتىلىق يولىنى تاللاپ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا كۆز يۇمدى، ھەققانىيەت مەيدانىدىن ۋاز كەچتى، مۇستەقىل تەپەككۇرنى تەرىك ئېتىپ ئەگەشمە تەپەككۇر دولقۇنىغا قېيىق سالدى. ھەتتا سەپسەتە ۋە تەتۈر مۇقاملارغا ئاۋاز قوشتى. ئۇلار ئۆز ھاياتى ۋە ئائىلىسىدىن ئىبارەت «كىچىك ئومۇمىيلىق»نىڭ چوڭ ئومۇمىيلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى، چوڭ ئومۇمىيلىقتىن مۇستەسنا ھالدىكى تار دائىرىدىكى نىسبىي خاتىرجەملىكنىڭ قەغەزدىن ياسالغان ئىمارەتتەك ۋقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالماي ھامان بىر كۈنى چوڭ ئومۇمىيلىق ئىچىدە گۇمران بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقەللىي ھەقىقەتنىمۇ بىلمىدى، بىلسىمۇ ئۇنىڭغا كۆز يۇمدى.
چېن لىيەن ئەپەندىنىڭ«يۇيۇلماس ئار- نومۇسلار»ناملىق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ دەسلەپ «باغداش تورى»غا يوللىسام بىر تورداش مۇشۇ تېما ھەققىدىكى قالدۇرغان ئىنكاسىدا كىشىگە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان بۇنداق زىيالىيلىق چاپىنىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تەلەپ-ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ. بۇ تېما ھەققىدە خۇددى گۇ جۈنگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مۇستەقىل تەپەككۇر، ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئۆزى تەۋە قوۋىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھەقىقى زىيالىيلىق ئۆلچىمى بويىچە ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇلىغان بولساممۇ ئەمما، بەزى تورداشلارنىڭ يۇقۇرقىدەك ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىق خىياللارغا پېتىشقا مەجبۇر بولدۇم.
گۇ جۈندەك زىيالىيلارنىڭ زىيالىيلىق چاپىنى راستىنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ماس كەلمەمدۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى راستىنلا نۆۋەتتىكى كىرزىسلارنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىۋاتامدۇ؟ باشقىلارنىڭ قانداق جاۋاب بېرىشى ۋە قانداق ئويلىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ھەقىقى ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن تېخى كۆپ يىراق ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنىڭ نۇرغۇن ئىچكى –تاشقى سەۋەبلىرى يوق ئەمەس. زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېياسىي كۆرەشلەر، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەركەتلەر زىيالىيلار قاتلىمىغا ئاز بولمىغان يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئېھتىياتچان، قورقۇنچاق، ئۆزى ۋە ئائىلىسى، كۆپ بولغاندا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان جانباقتىلىق كوچىسىغا باشلاپ قويدى. يەنە بىر جەھەتتىن بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ يولى ۋە تەپەككۇرىنى مىللىتىمىز نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئاۋام-پۇقرالار توغرا تونۇپ قوبۇل قىلالمىغاچقا ئۇلار يا سېياسىي كۈچلەرنىڭ يا ئاۋام پۇقرانىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىزنىڭ توغرا نىيەتتە يازغان بىر قىسىم يازمىلىرى، ھەققانىي مەيداندا شەرھىلىگەن بەزى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى، بىر قارىماققا كىشىگە نامۇۋاپىقتەك تۇيغۇ بەرسىمۇ ئەمما تازا چوڭقۇرلاپ پىكىر يۈرگۈزگەندە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىككە پايدىلىق بەزى زىل كۆز قاراشلىرى ساختا شان-شۆھرەت ۋە ھوقۇق-ئىمتىياز تاماسىدا يۈرگەن بىر قىسىم جانباقتى زىيالىيلىرىمىز تەرىپىدىن سېياسىي ساھەدىكىلەرگە بۇرمىلاپ خاتا يەتكۈزۈلگەچكە راسىت سۆزلۈك زىيالىيلىرىمىز ئۇۋالچىلىققا قېلىپ، زىيالىيلىق نىقابىنى كىيىۋالغان بىر قىسىم جانباقتى نان كۈچۈكلىرى ئەتىۋارلىنىپ، ھەتتا قىسمەنلىرى زىيالىيلار مەركەزلەشكەن تارماقلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. بۇ ھال ساناقلىقلا چىن مەنىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، شۇ خىلدىكى زىيالىيلىقنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ ئۇلار ۋە شۇ يولنى تاللاپ قەدەم ئېلىۋاتقان ياش زىيالىيلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.
ۋەھالەنكى، زىيالىيلىقنى جانباقتىلىق ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشىنىدىغان زىيالىيلارغا نىسبەتەن بۇ ھېچقانچە سەۋەب بولالماسلىقى مۇمكىن. يول ئىچىدىن يول تېپىش، ئىپادىلەشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، قىسقىسى شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس ئومۇمىي مەنپەئەت تۈسىنى ئالغان مەۋقە ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىدىغان، مۇستەقىل تەپەككۇردىكى، ھەققانىيەت تۇيغۇسى بېلەن قاناتلانغان زىيالىيلارنىڭ بۇنچىلىك توساقلار ئالدىدا گاڭگىراپ ئولتۇرىشى ۋە بەل قويۇۋېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان شۇنداقلارنى زىيالىيلار قوشۇنىدىكى جانباقتى چاكىنىلار، دېيىش كۇپايە! چۈنكى، لېۋىس كوسېر مۇنداق دېگەن : «زىيالىي پىكىرگە تايىنىپ ئەمەس، پىكىر ئۈچۈن ياشايدىغانلاردۇر.»
كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقتىن ئالغاندا بىزدە ئىشسىزلىق، نامراتلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى، مىللىي ئۆرىپ-ئادەت، مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەۋەرۈكلىرى بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىللىي مائارىپ، ئانا تىل …قاتارلىق تەرەپلەردە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە، قەلەمگە ئېلىشقا، ئۇنى جامائەت ۋە سېياسىي ساھەدىكىلەرگە بىلدۈرۈشكە، جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرى ھەم بېسىمى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ۋە ھەل قىلىشقا تۈرىتكە بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر يوق ئەمەس بەلكى خېلىلا بار.
ئەدەبىيات ساھەرىمىز تىلغا ئېلىنسىلا بىزدە 100دىن ئارتۇق روماننىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى، 30مىڭغا يېقىن قەلەمكەشلەر قوشۇنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقى ھاياجان بېلەن تەرىپلەنمەي قالمايدۇ. بۇنىسى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىت، شۇنداقلا يېڭى دەۋىردە بارلىققا كەلگەن شانلىق نەتىجىلەر جۈملىسىدىندۇر. شۇ ئەسەرلەردە مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ۋە ھازىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇتۇقلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ خېلى يۇقۇرى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلگىنىمۇ راسىت. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخىي رومانلاردا كۆپرەك ئەكسىنى تاپقان بولسىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقلارنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ چىنلىق بېلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، قەلبىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ئەسەرلەردىن بىزدە نەچچىسى باردۇ؟ زۇنۇن قادىرى ياراتقان باقى ئوبرازىدىن بىز يەنە نەچچىنى سانيالايمىزكىن؟دەرۋەقە، باقىنىڭ رېئاللىقىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى راسىت. خامانغا قېتىلغان، دۈپۈلدەپ توختىماي چۆرگىلەۋاتقان تولۇقنى بىر خىل رېتىمدا پۇشقىرىتىپ تۇرۇپ سۆرەۋاتقان ئاتنىڭ ئورنىغا تىراكتور ۋە كومبايىنلار ئالماشقان؛ لەڭ توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇلاغ ھارۋىسىنىڭ ئورنىغا تىراكتور –ماشىنىلار ئالماشقان؛ پاتقاقلىق ،كاتاڭ يوللار ئاسفالىت يوللارغا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ئەمما، باقىدىكى تەگسىز غەم-قايغۇلار تېخىچە ئۈزىل كېسىل تۈگىگىنى يوق. ئۇ ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلماقتا. يەنە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چىنلىقىنى دەل ئىپادە قىلغان يۈرەككە تەككۈدەك شېئىرلىرىغا خەلقىمىز نېمىشقا ھازىرغىچە قانمايدۇ؟
ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلىپ تەكلىماكان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ساپ، سىدام سىزما ھالىتى چىنلىق بېلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن«ئاھ،رەھىمسىز دەريا»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»لەر ئەينى يىللىرى نېمىشقا شۇنچە زور زىل-زىلە قوزغىدى؟ بۇ ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتكەن چىنلىق ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مەتبۇئاتنىڭ كۈچى ۋە جامائەت پىكرى تەسىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرنىڭ كۆۋرۈك ۋە ئىچىملىك سۇ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تۈرۈتكە بولدىغۇ؟ يەنە ئەركىن روزىنىڭ«بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»،روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس»، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ«خوتەندىن خەت» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بېلەن يۇرتىمىزدىكى ئېكىلوگىيىلىك بۇزۇلۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى تۈگىمەس ھاشار، ئېغىر باج-سېلىقلار بېلەن يېزا، كەنىت كادىرلىرىنىڭ زورلۇق- زومبۇلىقلىرى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرىلىپ، شۇ قاتاردىكى مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلىشىنى تېزلىتىشتە تۈرىتلىك رول ئوينىغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، دەۋىر روھى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق چىنلىق بېلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇنداق ئەسەرلەر بىزدە كۆپ بولمىغاچقا ھېچقانچە كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇنىڭدا نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان دېمىگراتىك سېياسىينىڭ دەل ئەكسىچە، مۇستەقىل تەپەككۇر تەقىپ قىلىندىغان ئىدىيىۋى چەكلىمە ھەم دېكتاتۇرنىڭ ئاسارىتى تېخىچە ئۆز كۈچىدىن قالمىغان دەۋىردە يۇقۇرقىدەك ئەسەرلەر «سەزگۈر ئەسەرلەر»قاتارىغا كىرگەچكە بۇنداق تېمىلار ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىش ھەرقانداق قەلەم ساھىبىدىن جاسارەت ۋە شەخىستىن ھالقىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى تەلەپ قىلىدىغان نازۇك ساھە سانىلىپ، جانباقتىلىق يولىغا كىرگەن ئەدىبلەرئۈچۈن«بارسا كەلمەس»يولغا ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەب بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»ئېتىقادى بويىچە قەلەم تۇتىدىغان، مىللەت، دۆلەت ئۇقۇمىدىن ھالقىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسىنى قىلىدىغان دۇنياۋى ئاڭغا ئىگە بىر قىسىم ساپ سەنئەت غايىسىدىكەرنىڭ نەزىرىدە يۇقۇرقىدەك يازمىلار ئەدەبىيات ، دەپ قارالمىدى. ئۇلارچە بۇنداق ئەسەرلەر ئۆزىدە سەنئەت ئېلمېنىتلىرىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، خۇددى يۇقۇرىغا يېزىلغان ئەرىز-شىكايەتلەرگە ئوخشىدىكى، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئجتىمائىي قىممىتى يوققا چىقىرىلدى.
يەنە زور بىر تۈركۈم ئەدىبلەر كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى سەنئەت ئۆلچىمى بويىچە ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈرىدىغان قىرىمۇ ،جېنىمۇ بار ئەسەر يېزىپ«بالاغا قېلىش»نى راۋا كۆرمىگەچكە سوئال-سورىقى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان تارىخي تېمىلارغا يۈرۈش قىلىپ«تارىخىي ئەسەرلەر قىزغىنلىقى»نى پەيدا قىلدى.
مەيلى«سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»ئېتىقادى بويىچە قەلەم تۇتىدىغان ساپ سەنئەت غايىسىدىكەرنىڭ بولسۇن ياكى تارىخي تېمىلارغا يۈرۈش قىلىپ«تارىخىي ئەسەرلەر قىزغىنلىقى»نى پەيدا قىلىۋاتقان ئەدىبلەر بولسۇن ۋە ياكى«بىر يىلدا مانچە پارچە ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرىمەن، مانچە پارچە ئەسىرىمنى مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىمەن، مۇنچە يىلدا ژۇرنالنىڭ رەڭلىك مۇقاۋىسىغا سۆرىتىمنى باستۇرىمەن، مۇنچە يىلدا خاس ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغۇزۇپ ئۈستىمگە تون ياپىمەن» دېگەندەك ئىجادىيەت پىلانلىرىنى تۈزۈشۈپ ئىشىكنى دۈم تاقاپ شۇ پىلان يولىدا جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان ئەدىبلەر بولمىسۇن ھەممىسىنىڭلا ئۆزىگە تۇشلۇق كۆز قارىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك توغرا ۋە ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى يوق ئەمەس.
ئەمما، بىر ئەدىب ئۆزى تەۋە بولغان قوۋمىنىڭ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقىغا كۆز يۇمسا،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى چۈشىنىشنى خالىمىسا، رېئالنى مەسىلىلەرنى چىن، ھەققانىي مەيداندا ئەكىس ئەتتۈرۈشنى تەرىك ئەتسە مەيلى ئۇ قانچە دۇنياۋى ئاڭغا ئىگە بولۇپ كەتىسۇن، مەيلى تارىخي بىلىمى قانچە چوڭقۇر بولۇپ كەتىسۇن ياكى قانچە كۆپ كىتاب نەشىر قىلىسۇن، قانچە كۆپ مۇكاپات ياكى شان-شەرەپ ئىگىسى بوپكەتسۇن بەرىبىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ، ئۆزى تەۋە قەۋىم، ئۆزىنى باققان زېمىن، ئۆزى ياشىغان دەۋىر تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلىشى مۇمكىن. «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»دەپ ياشاش كىشىگە شۇنچە روھى ئازادىلىك بەخىش ئېتىدىغان، شۇنچە لەززەتلىك ئىش بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق ياشاش ئىمكانىيىتى يوقالسا ئۇ خىل لەززەتنىڭ ئازاپقا ئورۇن بوشىتىدىغانلىقى ئېنىق. تارىخ ھەرقانچە سەلتەنەتلىك، ھەرقانچە جەسۇرانە تۇيغۇ ئاتا قىلسىمۇ ئەمما بۈگۈنگە باراۋەر ئەمەس. تارىخنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ شۇنىڭغا يارىشا خاتىرجەم ئىمكانىيەت كېرەك. قىسقىسى، ئاچ قۇرساق، ماكانسىز، ئىشسىز، ئەتىنىڭ غېمىدە تىپىرلاۋاتقان بىرسىگە سەن ساپ سەنئەت ئەقىدىلىرىگە تويۇنغان ئېسىل ئەسەرلىرىڭنى، تارىختىكى شانۇ- شەۋكەتلىرىڭنى، قولۇڭدىكى مۇكاپات كېنىشكىلىرىڭ بېلەن توم-توم كىتابلىرىڭنى بىكىرىغا بەرسەڭمۇ ئۇنىڭ قىلچە قىممىتى بولماسلىقى ئېنىق. ئەكسىچە، ئاچقان يېرىگە بارغۇدەك بىرەر جۈملە سۆزنى قىلالىساڭ، ئۇلار ئويلىغان ئەمما كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا تىنىپ كەتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادە قىلالىساڭ؛ گاڭگىرىغان، قايمۇققان، چۈشكۈنلۈككە پاتقان قەلىبلەرگە ئۈمىد بېغىشلىيالىساڭ سېنىڭ خەلقىڭ شۇنىڭدىن تەسكىن تېپىشى مۇمكىن. نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى دورس لىسسىڭ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:«بىر ئەدىب ھامان ئۆزى تەۋە بولىۋاتقان توپقا ۋاكالىتەن سۆزلەشنى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەك.»
يازغۇچىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى ئويلىساملا ئالدى بېلەن كۆز ئالدىمغا پاستېرناك كېلىدۇ. پاستېرناك كۈچلۈك رومانتىزىملىق خاھىشقا ئىگە شائىر بولغىنىغا يارىشا تالاي نادىر شېئىرلارنى يازغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كوللىكتىپلاشتۇرۇش ھەركىتىدە ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقانلار، زىيالىيلاردىكى مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تەقىپ قىلىنىشى، ھەددىدىن زىيادە كېڭەيتىۋېتىلگەن چوڭ تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ كەلگەن قانلىق باستۇرۇش پاجىئەلىرى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز سادىر بولۇپ تۇرىشى، ھەممە ئادەمنىڭ ۋەھىمە ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشى…قاتارلىق بىر مۇنچە رېئالنى مەسىلىلەر ئۆزىنىڭ سەنئەت دۇنياسىدىكى گۈزەل رومانتىك خىياللار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈرگەن بۇ شائىرغا بىرمۇنچە سوئاللارنى قويدى. ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟كۆز ئالدىدىكى كەسكىن رېئاللىققا قايىتسۇنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ سەنئەت دۇنياسىدىكى گۈزەل رومانتىك خىياللار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈرسۈنمۇ؟
پاستېرناك ۋىجدان، ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن چىقىپ، شۇ چاغدىكى رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان كۈچلۈك تەنقىدى تۈس ئالغان«دوختۇر ژىۋاگو»ناملىق رومانىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ‹دوختۇر ژىۋاگو›نى يېزىشتا ئۆزۈمنىڭ دەۋىرداشلىرىنىڭ ئالدىدا غايەت زور قەرىزگە بوغۇلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەشۇ كىتابنى يېزىشىم مۇشۇ قەرىزنى قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇ روماننى يېزىش جەريانىدا قەرىز قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھامان قەلىب ئاسمىنىمنى لەرزىگە سېلىپ تۇردى. مەن كۆپ يىل لېرىك شېئىر ۋە تەرجىمە ئىجادىيىتى بېلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن زېممەمدە رومان ئارقىلىق دەۋىر روھىنى يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بىر خىل مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم»②.
«دوختۇر ژىۋاگو»رومانى زور ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى رۇسىيە زېيالىيلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، شۇ دەۋىر رېئاللىقىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى قامچىلايدىغان كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە تەنقىدى روھقا ئىگە بولغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلدۇرۇش مۇمكىن بولماي پاستېرناك ئورگىنالنى چەتئەلگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.1957-يىلى ئىتالىيىنىڭ مىلان نەشىرىياتىدا تۇنجى نەشىر قىلىنىپلا كۈچلۈك زىل-زىلە قوزغايدۇ.1958-يىلى شېۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى پاستېرناكقا بېرىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما، بۇ شان-شەرەپلەر بېلەن تەڭلا پاستېرناكنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرى باشلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى پاستېرناكنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇ. شۇ چاغدىكى سېياسىي بېسىم تۈپەيلى پاستېرناك شىۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە خەت يېزىپ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە باياناتنامە ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاستېرناكقا قارشى ھەركەت قوزغىلىدۇ. بەزىلەر پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىقىپ :«بۇ يەھۇدىنى رۇسىيە زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرايلى!»دەپ شوئار توۋلايدۇ. پاستېرناك زىيالىيلارغا خاس قەيسىرانە روھ بېلەن بۇ خىل تەقىپ ھەم بېسىملار بېلەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە قارشىلىدۇ. ئۇ :« ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن مېنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلاش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇقەرەر. ۋەھالەنكى، مەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەما قىلمايمەن. سىلەر مېنى ئېتىۋېتىشىڭلار ھەم سۈرگۈن قىلىشىڭلار مۇمكىن. قولۇڭلاردىن ھەممە ئىش كېلىدۇ. بۇنى مەن سىلەردىن كۆرمەيمەن. ئەمما، سىلەر شۇنى ئېسىڭلەردە تۇتۇڭلاركى،بۇ ئىش سىلەرگە ھېچقانچە بەخىت ۋە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.چۈنكى، سىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىڭلاردا بۇنداق ئىشلار تۇنجى قېتىم رۇي بېرىۋاتقىنى يوق.»③.پاستېرناك« ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىلنى ئازاپ –ئوقۇبەت ۋە غېرىبلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بۇ دۇنيادىن ئۈن-تىنسىزلا خوشلىشىدۇ».
دەرۋەقە ، كېيىنكى ئەمەلىيەت پاستېرناكنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئارىدىن 26يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۈۇچىلار جەمئىيىتى پاستېرناكنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە «دوختۇر ژىۋاگو»ناملىق رومانىنى ۋەتەن ئىچىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى.«ئارىدىن 31يىل ئۆتكەندە يەنى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان مۇستەبىت ئىمپىرىيە چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ ، غۇلاپ چۈشتى. تارىخ ئادىل، بۈگۈنكى كۈندە تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت يەر يۈزىدىن ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى. ئەمما، پاستېرناك ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە تەڭداشسىز سېھرى كۈچى بېلەن دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىر پارلاق سەھىپە ئېچىپ ،خۇددى تۈندىكى چاراقلاپ يېنىۋاتقان يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرماقتا.»④.
مۇبادا پاستېرناك ژىۋاگودەك يېڭى تۈزۈلمىنىڭ رېئاللىقىغا ماسلىشالمايدىغان مۇرەككەپ تارىخي ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە زىيالىيلارنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتماي ئۆزىنىڭ گۈزەل خىيالىي دۇنياسىدا ياشاپ مۇھەببەت لېرىكىلىرىنى، مەنزىرە شېئىرلىرىنى يېزىۋەرگەن بولسا ياكى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ،رېئاللىقنى بۇرمىلاپ مەدھىيلەپ ئەسەر يازغان بولسا بەلكىم يۇقۇرقىدەك ئاچچىق قىسمەتكە دۇچار بولۇشنىڭ ئورنىغا تېنىچ،خاتىرجەم تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالغان، ھەتتا خېلى يۇقۇرى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان بولار ئىدى. ئەمما ، ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنى ھەققانىيەتنى ياقلاشتىن يىراقلىشىشقا، يالغان سۆزلەش تەرەپدارىدا بولۇشقا يول قويمىدى. ئۇ جازالاندى، زەربە يىدى. ئەمما، تارىخ ئۇنىڭغا ئادىل باھا بەردى، ئۇ مەنىۋىيەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدە مەڭگۈلۈك ئابىدىسىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولالىدى. مانا بۇ تارىخنىڭ ھەقىقى چىن مەنىدىكى زىيالىيلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتىدۇر.
پاستېرناك ھەققىدىكى مۇشۇ تېما «باغداش تورى»دا ئېلان قىلىنغاندا بىر تورداش«يازغۇچىلار كۈلپەت تارىتمىسۇن، بالىسىنى، كالىسىنى باقسۇن، ياز كۈنلىرى مۇز قايماق ئېلىپ يىسۇن!»دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ.بۇنىڭغا مەندە«بالىسىنى،كالىسىنى بېقىشنى؛ مۇز قايماق ئېلىپ يىيىشنى ئويلىغانلارغا يازغۇچىلار قوشۇنىدا نېمە بار؟ مۇبادا مەتبۇئاتلارغا ئەسەر يوللىغان ساۋادلىقلارنىڭ ھەممىسىنىلا يازغۇچى دېگىلى بولىدىغان ئىش بولسا شۇ ئۆلچەم ئارتۇقلۇق قىلماس بەلكىم»دەپ ئىنكاس جاۋاب يوللاپ قويماقتىن باشقا ئامال بولمىدى. بۇنىڭغا روئېيىرمەننىڭ مۇنۇ سۆزى ئەڭ جايىدا بېرىلگەن جاۋاپ بولالىشى مۇمكىن :«ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى زىيالىي ئەمەس. زىيالىينى پەرىقلەندۈرىدىغىنى ئۇنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھەركەت مودېلى، ئۆزىگە قاراشتىكى ئۇسۇلى ۋە ھېمايە قىلغان قىممەت قارىشىدۇر»خالاس!
ئۇلۇغ داھى لېنىن«پۇرولېتارىيات سەنئىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى» دەپ نام بەرگەن دۇنياۋى كاتتا يازغۇچى گوركي ھەققىدە مۇنداق بىر ماقالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. دى ما ئەپەندىنىڭ «گوركىيدىكى جانباقتىلىق»ناملىق ماقالىسىدا مۇنۇلار يېزىلغان:
«ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا مارزاكوف ئىسىملىك جىنايەتچى ئارالدىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ چىقىپ، ئەنگىلىيىدە تەرجىمىھال خاراكتىرلىك كىتاب-‹دوۋزاق ئارىلىدا›نى نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتاب ياۋروپادا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى سېياسىي جەھەتتىن ئىشەنىچىلىك ھەم دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بىر يازغۇچىنى ئارالغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قەلىمى بېلەن ‹سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەشۇ چەت ئەل نەشىر ئەفكارى›نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايماقچى بولۇپ،گوركىيغا نەزىرىنى تىكتى.
1929- يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى گوركى كېلىنىنى ئېلىپ، دۆلەتلىك زوڭتۇڭ مۇھاپىزەت ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا سولۇۋىېتس ئارىلىغا كەلدى. تۈرمە نازارەت دائىرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئارالنىڭ مۇھىتى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىى بىر باشتىن پەردازلاپ چىقىلدى. جۇلدۇر كېپەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، بىرزېنىت چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇردى. يىراقتىن قارىماققا، خۇددى بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىسىگە ئوخشايىتتى. مەيلى نېمىلا دېمەيلى گوركىي بۇ يەردىن مەسىلە بايقىماي قالمىدى. ئۇزۇن ئوورۇندۇقلاردا يېتىشىپ ئارام ئېلىۋاتقان جىنايەتچىلەر قېتىرقىنىپ گېزىت كۆرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما، ھەممە گېزىتلەر تەتۈر ھالەتتە تۇتۇلغانىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت «پۇرولېتارىيات سەنىىتىنىڭ ئەڭ ئۇۇلۇغ ۋەكىلى»(لېنىن)گە بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختىلىقىنى بىشارەتلەش ئىدى. ئەپسۇسكى، گوركىي ئۈن-تىنسىز ھالەتتە ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ تەتۈر تۇتۇلغان گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويدى.
دەل شۇ چاغدا تۈرمە باشقۇرۇش دائىرلىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. بالىلارنى بېقىش-تەربىيلەش ساناتورىيىسىدىكى 14ياشلىق بىر ئوغۇل بالا رەڭگارەڭ قارشى ئېلىش سېپىدىن بۆسۈپ چىقىپ ،چۈچۈك تىلى بېلەن:‹گوركىي ! بۇ يەردىكى سىز كۆرۈۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان. ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟› دەيدۇ.بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن گوركىي ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ، ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ دېگەنلىرىنى قاق يېرىم سائەت ئۆزى يالغۇز ئاڭلايدۇ. بۇ بالا تۈرمە نازارەت قىلىش ئورنىدىكى ئاچارچىلىق، سۈيقەسىت، ئۇرۇش ۋە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋايغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىدۇ.بۇ ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋاي لاپاستىن چىققاندا يۈزلىرىنى ياش يۇقى بىر ئالغانىدى.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ راسىت ئىشلارنى ئاڭلىغانلىقى، لاپاستىن كۆزى ياش ھالەتتە چىققانلىقى قانداقلا بولمىسۇن مەلۇم راسىت خەۋەرلەرنىڭ ئازاپ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بۇ ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز ئادەمگە تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، ھەقىقەتنى بىلگەنلىك ھەقىقەتنى قوغدىغانلىققا باراۋەر ئەمەس. موسكۋاغا قايىتقاندىن كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەردە باتۇر قۇش ۋە دېڭىز قارلىغىچى دېگەن نامدا ماقالە ئېلان قىلىپ، سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى خەلقنىڭ تېرورلۇق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ىۇ يەردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى، ياخشى ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ۋەھالەنكى، كىشىنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغىنى، بۇ ئىنقىلابى دېڭىز قارلىغىچى ئۇچۇپ كېتىشى بېلەن تەڭلا دېڭىز قارلىغىچى بېلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى 14ياشلىق ئوغۇل بالا ئېتىپ تاشلانغانىدى. ئەجىبا ئۇ خۇددى ئادۋۇكاتلاردەك جاۋابكارنى ھېمايىسىگە ئېلىشنى بىلمەسمىدى؟يوقسۇ، ئۇنىڭ گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويغانلىقى، شىكايەتچىدىن باشقىلارنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ دىكتاتۇرا تۈزىمىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،خالاس. بەلكىم ئۇ ئۇ بالىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال قىلالمىغاندۇ ياكى راسىت سۆزلىگەن ئەشۇ بالىنى قوغداپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغاندۇ.
دېمەك، ئۇ بالا ئۆلدى، ئەمما گوركىي ھايات قالدى. ھايات قالغان گوركىي تېخىمۇ كۆپ يالغان گەپلەرنى قىلمىسا، تېخىمۇ كۆپ يالغان يازمىلارنى يازمىسا بولمايىتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسەت كۆلى كېرمىل سارىيىنىڭ تېمىغا قويۇلمىسا بولمايىتتى. ۋەھالەنكى، 1929-يىلى 6-ىاينىڭ 20-كۈنى قۇياش نۇرىنى سېپىپ تۇرغان سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەشۇ بالىنىڭ روھى يەتكەن يۈكسەكلىك‹پۈتۈن دۇنيا پۇرولتارلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى› يەتكەن يۈكسەكلىكتىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى پەللىدە تۇراتتى. بالا ئېغىزىدا دېگەن ھەقىقى گېپى بېلەن ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزغان بولسا گوركى سېياھ بېلەن يازغان يالغان گەپلىرى بېلەن ۋىجدانى ۋە پاكلىقىنى بۇلغىغان ئىدى.››⑤
مانا بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تارىخنىڭ گوركىيغا بەرگەن ئادىل باھاسىدۇر. مۇبادا گوركىي ھېلىقى 14ياشلىق بالىنىڭ ئىنكاس قىلغىنى بويىچە سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى رېئاللىقنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا بەك بولغىنىدا خۇددى پاستېرناكتەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولاتتى.گوركىي جانباقتىلىق يولىغا كىرگەنگە تۇشلۇق ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىمۇ خاتىرجەم ئۆتكەن ئەمەس. پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ نازارەت ئاستىغا چۈشكەن. گوركىينىڭ ئەمەلىيىتى زىيالىيلاردىكى جانباقتىلىقنىڭ ئۇلارنىڭ شەنىگە چۈشكەن، مەڭگۈ يۇيىۋەتكىلى بولمايدىغان داغ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
چار رۇسىيە دەۋرىدىكى «رۇسىيە زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانى»دەپ نام ئالغان بېلىنىسكىيمۇ « پەقەت ئەدەبىي تالانىتقا تايىنىپلا رۇسىيىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەققانىيەت، ۋىجدان ۋە ھەقىقەتلەرنى سېتىش ئەۋجىگە چىققان ئەشۇ دەۋىردە ئۆز ھاياتى، ئۆز قېنى بېلەن ئۆمۈر بويى ئەدەبىياتتىكى ھەقىقەت، ۋىجدان ۋە ھەققانىيەتنى ياقلىغانىدى!»⑥.« بېلىنىسكىينىڭ كېيىنكىلەرگە شۇنچە زور تەسىر كۆرسىتەلىشى ئۇنىڭ ئەشۇ خىل قورىقماس روھى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇشتەك تىز پۈكمەس خىسلىتىدىن كەلگەن. ساقچى ۋە قاتىللارغا تايىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، تەپەككۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان؛ ئەدەبىيات پەقەت ئىپادىلەشنىڭ شەكىلىگىلا ئايلىنىپ قالغان ئىمپىرىيە دەۋىردە بېلىنىسكىي باشقىچە يول تۇتۇپ ، بىر زىيالىيدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بېلەن جەمئىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىدى. ئالتۇن دەۋىردىكى رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئىپتىخارى بولغان بېلىنىسكىيدىن كېيىنكى يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا جەمئىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى قىلدىكى، بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلار ئەدىب ئەمەس، پەقەت ئەدەبىيات ساھەسىدىكى جانباقتى نان كۈچۈكلىرى ھېساپلاندى، خالاس»⑦.
دەرەۋەقە، ئىلغار ئىدىيىدىكى دراممىنى ئېلىپ يۈرگىنى ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېتتىن ھەيدەلگەن، «ھەر بىر ئىدىيىچىلەرنىڭ يېنىدا چار رۇسىيىنىڭ سېياسىي ساقچىلىرىنىڭ تىمىسقىلاپ يۈرۈشى گەرچە ھۆججەت شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئادەتتىكى قائىدە-تۈزۈملەرگە ئايلىنىپ قالغان»، مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە ئەركىن ئىدىيە قاتتىق تەقىپ قىلىنىدىغان شۇ دەۋىردە بېلىنىسكىي «جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەدەبىيات- سەنئەتنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، چار رۇسىيە مۇستەبىتلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئاق-سۆڭەكلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدىغان، گۈزەل رومانتىكىلىققا تولغان يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇنىڭ ئۆزىنىلا چارىسىز قالغان پەگادىكى بۇ قەھرىماننىڭ زۇلمەت باسقان دەۋىردە كۆرسەتكەن ئەڭ ئۇلۇغۋار جاسارىتى دېيىشكە بولاتتى.»⑧.ھەتتا، 1848-يىلى يازدا بېلىنىسكىي ئۆپكە سىل كېسىلى بېلەن ئالەمدىن ئۆتكەندە ساقچىلار ئاتامانى :« ئەسلىدە بىز ئۇنى زىندانغا تاشلاپ ئۆلتۈرمەكچى ئىدۇق»دەپ كۆپ ئەپسۇسلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى بۇ تىز پۈكمەس جەڭچىنىڭ كېسەل بېلەن ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر قاراڭغۇ زىنداندا ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن.
مۇبادا بېلىنىسكىمۇ خۇددى ھازىرقى ئاتا-ئانىلار ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىغان پەرزەنىتلىرىدىن كۈتكەندەك «تەشكىل ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئوشۇق ئىشقا ئارىلاشماي، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئوبدان ئوقۇغان»بولسا بىر ئوبدان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن؛ خۇددى دەۋىرداشلىرىدەك ھەققانىيەت، ۋىجدان ۋە ھەقىقەتلەرنى خالىغانچە سېتىپ خەجلىگەن بولسا «مۆتىۋەر زىيالىي» سانىلىپ كۈنىنى بەخارامان ئۆتكۈزگەن بولماسمىدى؟ ئەمما ، شۇنداق بولغىنىدا ئۇنىڭ نامى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچكەن بولاتتى. ئۆچمىگەن تەقدىرمۇ مەڭگۈ يۇيۇلماس ئار-نومۇسلۇق تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى. پەقەت بېلىنىسكىي بېلىنىسكىي بولغانلىقى ئۈچۈنلا«رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا، كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى مۇتەپەككۇر، ئىنقىلابچى ۋە ئەدىبلىرىنى ئەسلىگەندە 1835-يىلىدىن 1848-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا‹رۇسىيە زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانى› دەپ نام ئالغان بېلىنىسكىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ دوسىتلىرىدىن بانايوۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بانايوۋا، گېرىتسېن، ئىئۇگاموۋلار؛ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تورگېنېۋ، نېكراسوۋ، گونچاروفلار؛ ئىدىيە جەھەتتىكى رەقىپلىرىدىن دوستويېۋىسكىيلارئۆمرىنىڭ ئاخىردىكى ئەسلىمىلىرىدە ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ئېھتىرامىنى ئىپادە قىلدى»⑨.
يۇقۇرقى بىر قاتار سېلىشتۇرما مىساللار ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھەققانىيەت، ۋىجدان ۋە ھەقىقەتلەرنى چىقىش قىلىپ قەلەم تۇتىدىغانلار بېلەن ئۇنى سېتىپ خەجلەيدىغانلارنىڭ تارىختىن ئالىدىغان مۇكاپات ۋە جازاسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پاكىتلىرىدۇر،خالاس. شۇنداقلا ئۇ يەنە مەسئۇلىيەت بېلەن جانباقتىلىق ئوتتۇرىسىدىكى دېئالىكتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ روشەن يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ يەنە مەلۇم دەۋىردە پەقەت مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلى كۆككە كۆتۈرۈلگەن يازغۇچى ۋە ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىر دەۋىردە پەگاغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن ھەتتا تارىخنىڭ لەنەت گەردىشىگە مەڭگۈلۈك مىقلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىنمۇ بىشارەت بېرەلەيدۇ.
بىزدىن چىققان ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، تەۋپىق، ئابدۇخالق ئۇيغۇر، ل.مۇتەللىپ كەبىي زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك ،ئەل قايغۇسىدا پۇچىلىنىدىغان، ۋىجدانلىق زىيالىيلار ئىدى. مۇبادا ئۇلارنى شەخسىي مەنپەئەتىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان مەپەئەتپەرەسلەر بېلەن سېلىشتۇرساق ياكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۈزەتسەك ئۇلار ھەرقانداق بىرەر مەنپەئەتپەرەستىن ياخشى كۈن ئالالايىتتى. ئابدۇقادىر داموللام ھەم قۇتلۇق شەۋقىلەر بىر نەچچە تىلنى بىلىدىغان، دىنىي ھەم پەننىيدىن خېلىلا يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە، كۆپنى كۆرگەن، ئىقتىسادىي ئاساسى كۈچلۈك زاتلار بولۇش سۈپىتى بېلەن خەلقنى نادانلىقتىن ئويغىتىش يولىدا پەننىي دەرىسلەرنى تەسىس قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، گېزىت چىقىرىپ ، ئىلغار ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىمەن دەپ شۇ يولىدا جان تەسەددۇق ئەيلىمەستىن شۇ چاغدىكى سېياسىي كۈچلەرنىڭ دۇمبىغىنى چېلىپ ، ئۇلارغا ماسلاشقان بولسا ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇپ تېخىمۇ بېيىپ ، نەچچە يەردە يەر-زېمىنى، نەچچىلىگەن خوتۇنلىرى بولغان ، يىيىشى گۆش، كىيىشى زەر كىمخاپ، ئولتۇرىشى مەپە بولغان ئەڭ كاتتا مەئىشەتلىك تۇرمۇشتىن ھوزۇر سۈرەلىگەن بولاتتى.
تەۋپىقمۇ يۇرتۇمنىڭ خۇراپاتلىققا مىلەنگەن نادان خەلقىنى ئويغىتىپ پەننىي مائارىپنى ئومۇمىيلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچىمەن، دەپ ئاتۇشنىڭ توپىلىق يوللىرىدا توپا-چاڭغا مىلىنىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ بالا يىغىپ، مەرىپەت مارشىنى ياڭرىتىپ شۇ چاغدىكى مۇستەبىت كۈچلەر ۋە يەرلىكتىكى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالمىغان بولسا ياپ-ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بولاتتى. بەلكىم ئۇ ئاللىقاچان پەن-تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم قويۇپ بولغان ياۋروپاچە ئەندىزىدىكى گۈزەل تۈركىيە زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىپ ،ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ چاغقىچە زامانىۋى مەئىشەتلەردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ بەخارامان، باياشات ياشىغان بولاتتى. چۈنكى، تەۋپىقنى ھېچكىم يۇرتۇڭغا بېرىپ مائارىپ ئاچ، دەپ تۈركىيە زېمىنىدىن قوغلىغان ئەمەس.
كاتتا زەردار ئائىلىدە تۇغۇلغان ، بەش خىل تىل بىلىدىغان ،جاھان كۆرۈپ كۆزى ئېچىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمۇ تۇرپاندەك نامراتلىق، قاباھەت يېغىپ تۇرغان سەھرايى قىيامەتتە ئىلمۇ-ئىرپان تارقىتىمەن، دەپ توپا كېچىپ يۈرمەي ئۆزىدىكى تىل ئۈستۈنلۈكى ، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى بېلەن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ماكان تۇتۇپ، زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ، راھەت-پاراغەتتە ياشايمەن دېسە تامامەن مۇمكىن ئىدىغۇ؟ ياكى شۇ ئىقتىدارى ۋە پۇلىغا تايىنىپ ھوقۇق تۇتۇپ زېمىندىن مانچىنى سېلىپ، خوتۇندىن مانچىنى ئېلىپ، دەۋران سۈرىمەن، دېسە كىم نېمە دېيەلەيىتتى؟
ل.مۇتەللىپمۇ ئۆتكۈر ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقنى ئويغىتىپ، ھۆرلۈككە چاقىرىمەن دېمەي«شىنجاڭ گېزىتى»دىكى تەستە كېلىدىغان خىزمەت پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئىشنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ئىش تۇتقان بولسا ئاقسۇغا سۈرگۈن بولمىغان؛ سۈرگۈن بولۇپ بۇرنىغا سۇ كىرگەندىن كېيىنمۇ سىڭگەن نېنىغا شۈكرى قىلىپ جىم ياشىغان بولسا ياپ-ياش ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتىغۇ؟
يۇقۇردىكى زىيالىيلىرىمىزنى ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلىپ ئەل قاتارى ياشاشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەن بىرلا نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ زىيالىيلىق ۋۇجۇدىدىكى شەخىستىن ھالقىغان مەسئۇلىيەت، ۋىجدان، غۇرۇر، ئومۇمىيلىق ئېڭىدۇر. بۇ خىل ئاڭ ئۇلارنىڭ جىسمىنى نابۇت قىلسىمۇ ئەمما، روھىيىتىنى مەڭگۈ يوقالمايدىغان يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن.
زىيالىيلىرىمىزدىكى پىداكارلىق يالغۇز ئۇلار بېلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز بىلىدىغان ھەم تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىش-ئىزلىرى، ھايات-پائالىيەتلىرى بىزگە تېخىچە مەلۇم بولمىغان يەنە تالاي زىيالىرىمىز زىيالىيلىق ئەقىدىسى ئۈچۈن قاراڭغۇ زىندانلاردا چىرىپ تۈگىگەن، بەزىلىرى قەتلى قىلىنغان يەنە بەزىلىرى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش، سۈرگۈنلۈكنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزىلىرى ئۆز ۋەتىنىگە سىغماي سىرىتلارغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىپ، جەسەتلىرى يات تۇپراقلاردا قالغان. تارىخنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئادىل باھالىرى ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ يارقىن سىيمالىرى بېلەن تەڭ كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولغۇسى.
يۇقۇرقىلارنى زىيالىيلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ جەمئىيەتتىكى ئاچچىق تىراگىدىيىلىرى دېيىش مۇمكىن. لۇشۈن مۇنداق دېگەن :«سېياسىيونلار ئەدىبلەرنى جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقىنىڭ قۇتراتقۇچىلىرى ھېساپلايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى قىرىۋەتسە جاھان تېنىچلىنارمىكىن»دەپ ئويلايدۇ. ئەلبەتتە لۇشۈن دەۋاتقان يازغۇچى بۇ يەردە كەڭ مەنادىكى زىيالىيلارنى كۆرسىتىدۇ. لۇشۈننىڭ بۇ باياننى ئوتتۇرغا قويغان ۋاقتى پادىشاھلىق تۈزۈم تېخى تۈگىتىلمىگەن ۋاقىتلار ئىدى. ھازىر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە قانۇن بېلەن ئىدارە قىلىنىدىغان زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش، دېمىگراتىك سېياسىينى يولغا قويۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھال زىيالىيلار قوشۇنىمىزغا تېخمۇ ئەركىن، تېخىمۇ كەڭ پىكىر مۇھىتى ھازىرلاپ بەرمەكتە. ۋاڭ يوۋشېڭ ئەپەندىنىڭ سۆزى بېلەن ئېيىتقاندا« ئەدىبلەرنىڭ قەلەمدىن بالاغا قېلىپ ھەپسىگە چۈشۈپ قېلىشى تارىخي ۋەسىقىلەردە ‹يېزىق ئاسارىتى› دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئەدىبلەرنىڭ قەلەم تۇتقۇنلۇغى ۋەجىدىن بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى تارىخنىڭ زۇلمەتلىك بېتى دېيىشكە بولىدۇ. زامانىۋى مەدەنىيەت ۋۇجۇتقا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە تارىخنىڭ بۇنداق زۇلمەتلىك بېتى ئەمدى ئىككىنچىلاپ تەكرارلانماسلىقى كېرەك .دېمىگراتىك سېياسىي قانداقتۇر مۇستەبىت سېياسى ۋەزۇلمەتلىك سېياسىينى ئەمەس، بەلكى مەدەنىي ۋە دېمىگراتىك سېياسىنى كۆرسىتىدۇ. زىندانغا تاشلاش، قەتلىئالام يولى بېلەن قوغدىلىدىغىنى مۇستەبىت سېياسىي ۋە گۇرۇھلار سېياسىيسىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر»⑩خالاس.«مەدەنىي سېياسىي دېگىنىمىز دېمىگراتىك سېياسىي تۇرسا ، نېمىدەپ ئۇنىڭغا ئارىلاشقىلى ،ئۇنى تەنقىت قىلغىلى بولىمىغۇدەك؟»⑪.دېمەك، دېمىگراتىك سېياسىي تەكىتلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمئىيەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق يېڭى پىكىر، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بولغان تەقەززاسىمۇ كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا.
ۋەھالەنكى، بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەيىمىزدىن باشقا يەنە ئىقتىساد، نوپۇس ۋە مۇھىت (ئېكىلوگىيە)، فولىكلور، ئارخېئولوگىيە، قانۇن، سېياسىي ساھەيىمىزدىكى تەتقىقاتچى-مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ ئۆز ساھەلىرىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقاش، مەتبۇئات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىش، تەكلىپ يوسۇنىدا ئالاقىدار تەرەپلەرگە يوللاپ ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش جەھەتتىكى ئاكتىپلىقى ۋە ھەركەت سالمىقى تازا يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئاۋام-پۇقرالارنى يەنىلا زىيالىيلار قوشۇنىمىزنى جانباقتىلىق ھالىتى بويىچە تەسسەۋۇر قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان قىممىتى بار ئەسەرلەر سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن يېتەرلىك ئەمەس. رادىئو-تېلېۋىزورلىرىمىزدىكى سۆھبەت پىراگراممىلىرىدا يېڭىچە پىكىر، يېڭىچە تېمىلار يوق دېيەرلىك. ساپلا نەتىجە سۆزلەنگەندىن باشقا كىرزىس تۈسىنى ئالغان مەسىلىلەر، شۇ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبلىرى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى تەپسىلى، چۈشىنىشلىك ھالەتتە مۇھاكىمىگە قويۇلمايۋاتىدۇ. ھەتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان قسمەن يۈزەكى مەسىلىلەر مۇپەسسەل ئەمەس بەلكى بەكلا دوگما ھالەتتە سۆزلىنىۋاتىدۇ.مەسىلەن: بىر قېتىملىق سۆھبەتتە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى سېياسىي-ئىقتىساد كەسپىنىڭ بىر پروفېسسورى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە بىرمۇنچە سان-سىفىرلىق ئاتالغۇلار بېلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئائىت بىرمۇنچە ھاياجانلىق لاپ سۆزلەرنى سۆزلىدى. ئەمەلىيەتتە شۇ پروفېسسور تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بارغانمۇ-يوق؟ شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي شەرىت-شارائىتلىرىنى زادى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟شۇ يەردە تۇرۇپ ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغانمۇ ؟ شۇ قېتىمقى سۆھبەت پروگراممىسىدىن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىش ئىكەنلىكى مانا مەن، دەپ بىلىنىپلا تۇرىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسور – مۇتەخەسىسلىرى ھەر قايسىسى ئۆز ساھەلىرى بويىچە ئەڭ يېڭى، ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رۇياپقا چىقىرىپ ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنى سۇنۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بولۇپمۇ تۈزۈلمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ ئىجرالىنىش نىسبىتىمۇ پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى ئۆزئىچىگە ئالغان رايونىمىزدىكى باشقا ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدىكى زىيالىيلارنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەتقىقات مېۋىلىرىنى رۇياپقا چىقىرىش ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىش ئەھۋالى كىشىنى ئانچە رازى قىلالمايدۇ.
بىزنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلاردىكى قانۇنشۇناسلىرىمىز«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن»نى يادرو قىلغان«مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»قاتارلىق تۈرلۈك قانۇن-نىزاملارنىڭ شىنجاڭدا ئەينەن ئىجرا بولۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ؛ بۇ ھەقتە ئاۋام-پۇقرالار مەيدانىدا تۇرۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى سۇنۇشنىڭ ئورنىغا قوشۇمچە ئادۋۇكاتلىق قىلىپ پۇل تېپىش بېلەن ئالدىراش يۈرۈشمەكتە.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى مىجىت خۇدا بەردىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلانغان پىلانسىز ھالەتتە بوز يەر ئېچىش نەتىجىسىدە ۋەيران بولىۋاتقان تارىمدىكى توغراق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداپ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەتقىقاتلىرىنى يېڭى ئەسىردىن كېيىن دوكتور ئۈمىد خالىق مۇئەييەن سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ، ئىجدىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ساھەدىكى تالاي تەتقىقات تېمىلىرى ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلەر ھېلىھەم زىيالىيلارنى تەقەززاقىلماقتا.
«ئۇيغۇرلاردا تەبى پەن يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبى پەن ئاساسىي ئاجىز»دېگەندەك ھېسىيات ئامىللىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن يۈزەكى قاراشلار ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس. نۆۋەتتىكى رېئاللىق دەرۋەقە شۇنداققۇ؟ لېكىن، بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە؟ ئۇيغۇرلاردىن تارىختا يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە زەمبىرەك ياساپ چىنگىزخان ئىستىلاسىغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن قورال-ياراغ ئالىمى ئىسمائىل، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۈبرۈك، مىدىتسىنا ئالىمى ئىبىنسىنا، غازىباي، بېيجىڭ شەھرىدىكى خان ئوردىسىنى لاھىيىلىگەن جامالىددىن، دۇنيادا ھازىرغىچە قوللۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەرەب رەقىمىنى كەشىپ قىلغۇچى مۇسا خارازىمى…قاتارلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى چىققان. ھازىرمۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تەبى پەن ساھەلىرىدە ھەتتا ئالەم بوشلۇقى، غول ھۈجەيرە قاتارلىق ئىنچىكە، يېڭى ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى يوق ئەمەس. ئەمما، رايونىمىزغا نىسبەتەن تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار دەرۋەقە ئارقىدا.بۇ نوقۇل ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەس بەلكى تۈزۈلمىدىكى ياكى سېياسەت جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش، قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى مەسىلىدۇر. تۇرپان دارىل مۇئەللىمىننىڭ بىر ئادەتتىكى مۇئەللىمى ياسىغان ئايرۇپىلان تۇرپان ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدىغۇ؟ شۇ ئوقۇتقۇچىغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىلسە ۋە زاۋۇت قۇرۇپ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆز ئايرۇپىلانىنىى ياساپ ئۇچۇرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمايدىغان نەرى بار؟ يەنە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلىپ پاتېنىتقا ئىلتىماس قىلىۋاتقان كەشپىياتلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ؟نېمىدەپ ئەشۇ پاتېنىتلار رايونىمىزنىڭ ئۆزىدىلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىلىپ، ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلمايدۇ؟ مەن مەخسۇس ئاتوم فىزىكىسى كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ئوقۇغان كەسىپتىن ئىش تاپالماي كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى شۇ كىشىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇنداق بىنورمال ئەھۋال خېلىلا ئومۇمىيلاشقان. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە زىيالىيلىرىمىز جىددىي قاراپ تەتقىقات تېمىسى قاتارىدا قەلەمگە ئېلىپ مۇنازىرىگە قويۇش ياكى تېگىشلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى تەييارلاپ دەرىجىمۇ دەرىجە ،قايتا –قايتا سۇنۇپ ھەل قىلىشىنى كۈتىۋاتقان موھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ھازىرغىچە بىرەر فولكلورشۇناس بىر مەھەل ئەۋىج ئالغان ساقال-بۇرۇتنى چەكلەش، ياغلىق ئارىتقان گىرژدانلارنى تىزىملاش، سۈرۈشتۈرۈش قىلمىشىغا قارىتا ساقال-بۇرۇت ھەم ياغلىق-دوپپىلارنى فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىلمىي شەرھىلەپ ،ئۇنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەت نۇقتىسىن توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنداق قىلمىشلارنى توسۇشنىڭ چارىسىنى قىلىپ باققىنى يوق!
زىيالىيلار توپلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇنچە كۆپ قوشۇنغا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلات بولغىنى بېلەن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.
مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سەي دېگۇينىڭ فارابىنىڭ ئەرەبلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنغان ماقالىسىغا قارشى مەيداندا«شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان رەددىيە ماقالىسى، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى ئۆمەرجان ئىمىننىڭ «شىنجاڭ سەنئىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان خەنزۇ تەتقىقاتچى ۋېي لىياڭتاۋنىڭ «قىياتاش رەسىملىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە مەنسۇپ ئەمەس»ناملىق ماقالىسىغا يازغان«قىياتاش رەسىملىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە مەنسۇپ »ناملىق رەددىيە ماقالىسى، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ۋاڭ گېنمىڭنىڭ«‹مىڭبىر كېچە›نىڭ جۇڭگودىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى»ناملىق ماقالىسىغا قارشى يۆنىلىشتە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان«ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدىمۇ جان بار» ناملىق رەددىيە ماقالىلىرىدەك مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەۋەلىك مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئۆتكۈر، دادىل، ھەققانىي تۈستىكى ماقالىلارنىڭ ئايىقى بېسىقىپ قالدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە«مۇقام بېلەن ئۆتكەن ھايات»ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك خۇددى توڭ مۇئەللىم بولمىسا ئۇيغۇر 12مۇقامىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان بىر تەرەپلىمىلىككىچە بېرىپ يەتتى. دەرۋەقە، فىلىمدا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇيغۇر 12مۇقامىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا توڭ مۇئەللىمدەك بىر خەنزۇ زىيالىيسىنىڭ موھىم رول ئوينىغانلىقى پاكىت بولسىمۇ ئەمما، بىۋاستە ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغىنى يەنىلا شۇ 12مۇقامنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد پەيدا قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ بۈگۈنگىچە ئۇلىغان ئۇيغۇر خەلقىدۇر!
باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە كۆپرەك مەركەزلىشىپ قالغان ئوبزورچىلىق-تەنقىتچىلىك بېلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلار باشقا قەۋىمدىكىلەرنىڭ بىز ھەققىدە دېگەنلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدىكى دەلىل ئىسپاتلىرى يېتەرلىك بولمىغان، كۆز قاراشلىرى ئىلمىي بولمىغان، ئىلمىي بايانلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ، نۇقتىنەزىرى پۇت دەپسەپ تۇرالمايدىغان تەرەپلەر ياكى بايان قىلىش جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى ئىلمىي يوسۇندا تەنقىتلەشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق ئىكەنلىكىنى؛ يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئۆز-ئارائۆگۈنۈش، ئۆز-ئارا تولۇقلاش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىققا پايدىلىق ئىلمىي روھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئەمما، بىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تەنقىتچىلەر بۇنداق تەنقىت ماقالىلىرىنى يېزىپ«ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغان»دىن كۆرە ئۆزى تەۋە قوۋىمدىكىلەرنى قانچە تەنقىتلىسىمۇ سورىغى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاسان يولغا كىرىۋېلىشتى. ئۇلاردىكى بۇ خاھىشنىمۇ جانباقتىلىق ئېڭىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك. شۇڭلاشقىمۇ ھەر قايسى ساھەلىرىمىزدە يۇقۇردىكىگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ كەملىكى ۋە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىقى ھەم توخۇ يۈرەكلىكى سەۋەبىدىن ئىلىم ساھەسىدىكى بەزى مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان، ئىلمىي، پاكىتلىق قاراشلار ئارقىلىق جىددىي ھەل قىلىشنى كۈتۈپ ياتقان بەزى نازۇك مەسىلىلەر جاۋابسىز قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ ھالەت پارتىيىمىزنىڭ «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش»فاڭجېنىنىڭ روھىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىلىم ساھەسىدىكى دېمىگراتىيە روھىنى سۇندۇرۇپ، بەزى ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بازار تېپىپ، ئاخىردا ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتەك سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى مۇمكىن.
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﻰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﻯ 1903-ﻳﯩﻠﻰ3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯸﻜﺴﭙﯩﺪﺗﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﯸﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧىىدى. ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﮔﻪﻧﺴﯘﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ژﻮﺭﻧﺎﻝ—-<< ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ >> ﺩﺍ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﯸﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘچى ئۆردﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ئىنكار ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ<< ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ>> ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎﯞﺯﯗﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ:<< ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩىمىي شەﮬﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ تاﭘﻘﺎﻧﻤﯘ؟ >>. ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪلتۈرۈش ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯧﻠﻪﻥﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ⑫.ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯸﻜﺴﭙﯩﺪﺗﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯸﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﯸﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎنلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ،ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ئوﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ئﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ -ﺩﻩ! ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ قايىل بولماي ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻳﻨﻰ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ << ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ>> ژﯘﺭﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯘﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯘﺗﻤﯩﺪﻯ! ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﻩﺗﺴﻪﻙ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
يەنە «جەنۇب ئازنىسى» گېزىتى 2008-يىلى 4 – ئاينىڭ 10- كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى ۋە تارقاتتى.«ئامېرىكا دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى»،«سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»،كانادانىڭ چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى،«ئاۋىستىرالىيە گېزىتى»،«ئوۋمېن گېزىتى»،چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى« شەرىق سەھەر گېزىتى»،«جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا گېزىتى»ھەمدە ھەر قايسى چوڭ تور پونكىتلىرىمۇ بۇنى بېسىپ،بىمەھەل قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلاندۇردى.
مەشھۇر پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:”جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ-يوق، ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ- يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.“ دېدى.
جۇتاۋ «جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بېلەن ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەبنە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى، دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا ھېچكىمنىڭمۇ جۇڭگونى بۆلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىقنى ئېيىتتى.
جۇتاۋ مۇنداق دەيدۇ: ” مېنىڭ سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇشۇم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈندۇر، قانداقتۇر تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن ئەمەس. مېنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم قانۇنلۇق،نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق؟ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، شىنجاڭنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ىۇنىڭغا قاتناشقانغا تۇشلۇق چوقۇم تېگىشلىك رول ئوينىماق لازىم. قانداقتۇر مۇزېيخانا سېلىش كېرەك ،دېگەندەك تولا تەكرارلاپ مەززىسى قالمىغان تەكلىپ –پىكىرلەرنى سۇنغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سەن ئويلىغاننى خەقلەرمۇ ئويلىيالايدۇ،خەق ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالىساڭ ئاندىن قالتىس ئىش قىلغان بولىسەن.“⑬
يۇقۇرقىلاردىن باشقا بۇندىن ئون نەچچە يىللار مۇقەددەم ئۇيغۇرچە«ئاسىيا كىندىكى گېزىتى» دە يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاپ، بوز يەر ئېچىپ 500مىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش ھەققىدىكى بىر تەسەۋۋۇرمۇ خەۋەر قىلىنغانىدى. يېقىندا يەنە بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئوچۇق تارقىتىلدى.
مەيلى خۇسەن ئەپەندىنىڭ كىروراننى ئۇيغۇر يول باشلىغۇچى ئۆردەكنىڭ تاپقانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ماقالىسى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ساناقلىق يازغۇچىنىڭ بىرى بولغان مەشھۇر يازغۇچى جۇتاۋ ئەپەندىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنياۋى قەنرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپى(سېياسىي ئانالىزچى سىمانەن ‹‹ئىدىيىنى ئازات قىلىشنى باھانە قىلىپ ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرگەن كىملەر ، ئۇ؟››ناملىق ماقالىسىدا جۇتاۋنىڭ تەكلىپىگە كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن) بولسۇن؛ مەيلى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بولسۇن ياكى بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بولسۇن بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قىسمەن بەھىس –مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرەر سىستېمىلاشقان، ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللىتىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئېكىلوگىيىسى، ئىقتىسادى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ساھەلىرى نۇقتىسىدىن تىپىكلەشكەن بىرەر كۆز قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى بېلەن ئورتاقلىشىپ ، پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىپ باققانلىقىننى كۆرۈپ باقمىدۇق ياكى ئاڭلاپ باقمىدۇق.زىيالىيلاردىكى بۇ خىل جانباقتىلىق ھالىتى خەلقىمىزنى گاڭگىراتماقتا ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. دېمەك، ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىز مەسئۇلىيەت ئېڭى يوق«كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» لەرگە ئەمەس جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش ۋە مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە شۇ ئۆزگىرىش ، مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر تۈركۈم يېڭى ئىدىيىدىكى قورىقماس، جاسارەتلىك زىيالىيلار قوشۇنىغا مۇھتاج بولماقتا! بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا چىقىدىغان «غەربىي قىسىم»ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالدا بىر خەنزۇ زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەم ياشاشقا ماس كېلىدىغان بوستانلىقلاردىكى نوپۇس زىچلىقىنىڭ ئاللىقاچان شاڭخەي قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس زىچلىقى بېلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ يازغان بىر ماقالىسى بېرىلدى. رايونىمىزنىڭ نوپۇس زىچلىقى، تەبىئىي بايلىقى ۋە ئېكىلوگىيىلىك مۇئاززىننەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تونۇش ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىنى «شىنجاڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ ئەمەس»دېگەن تېمىنى قويۇپ ئەينى يىلى تەرجىمە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللارغا ئەۋەتكەن بولساممۇ ئەمما ژۇرنال مۇھەررىرلىرى ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى كۆتۈرەلمىدىمۇ-قانداق، ئىش قىلىپ باسماي قويدى.
يەنە شۇ يۇقۇرقى ژۇرنالدا ۋۇجىياخۇ ئىسىملىك بىر خەنزۇ زىيالىيسى«شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭلىقلار بېلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەرنىڭ پىسخكىسى،كۆز قارىشى، ئىش-ئەمەلى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىش يولى بېلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى ئوبىيېكتىپ ۋە راسىتچىللىق بېلەن ئوتتۇرغا ئېتىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى ۋە بەلگۈلۈك ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
مۇ فۇچۇەن ئىسىملىك يەنە بىر خەنزۇ زىيالىيسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەنسۇدا چىقىدىغان«يىپەك يولى»ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 6-سانىد«تارىم دەرياسىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ،ھەددىدىن زىيادە كۆپ بوز يەر ئېچىش سەۋەبىدىن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى تالان-تاراج قىلىنىپ كەتكەچكە ،ئاياق ئېقىنغا بارىدىغان سۇ مىقدارى ئۈزىلىپ قېلىپ،ناچار ئېكىلوگىيە پايدا قىلغانلىقىنى؛تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ناچارلىشىۋاتقان ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مۇشۇ تۈردىكى ماقالە، تەكلپلەرنىڭ تۈرىتكىسىدە مەركەز تارىم دەرياسىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش ئىشىنى مەخسۇس جىددىي ھەل قىلىشنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويدى.
دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان گۇچېڭدىكى تاشقا ئايلانغان ئورمانلارنىڭ ئوغۇرلىنىپ كېتىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى توسۇش؛2-لوپنۇر كۆلىگە ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىگە يولۇققان ئېبنۇر كۆلىنى قۇتقۇزۇش، نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە يولۇققان شىنجاڭ ياۋا ئېتىنى قوغداپ كۆپەيتىش، تارىم يولۋىسىنى ئىزدەش… قاتارلىق يۇرتىمىزنىڭ ئېكىلوگىيە-جۇغراپىيىسىگە ئائىت ساھەلەردىكى جىددىي قول تۇتۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ياڭ جىيەنگاڭ،لى يۇەن قاتارلىق خەنزۇ زىيالىيلىرى توختىماي ماقالە ئېلان قىلىپ ۋە تەكلىپ سۇنۇپ باسقۇچ خارەكتىرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
يەنە جاۋ خەيجۇ قاتارلىق خەنزۇ زىيالىيلىرى«مىڭئۆيلەر نالە قىلماقتا»، «قىزىل مىڭئۆيىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى»ۋە«كۈسەن تاشكېمىرلىرى ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا جىددىي مۇھتاج بولماقتا» قاتارلىق ماقالىلەرنى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش يولى بېلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ بىباھا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ،ئاسراش-رېمنوت قىلىش ئىشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلىشىنى تېزلەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەشنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئەزاسى يازغۇچى مۇھەممەت باغراش مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان مىڭئۆيلەر ھەققىدىكى ئەشۇ ماقالىلەرنى توپلاپ ، مىڭئۆيلەرنى سۈنئىي ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا تەكلىپ لاھىيىسى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇندى.
مەيلى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ياكى سېياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بولسۇن ئۇلار ئارىسىدا زىيالىيلاردىن تەركىپلەنگەن ۋەكىل ۋە ئەزالارمۇ يوق ئەمەس بەلكى مەلۇم نىسبەتتە بار. ئەمما، ئەشۇ زىيالىي ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشسىزلىق، نامراتلىق، مۇقىمسىزلىق ئاممىللىرىنىڭ ھەقىقى سەۋەبلىرى قاتارلىق ھەقىقى مەۋجۇت، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى، مەنبەسى ھەققىدە قانچىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، بۇ ھەقتە ئىجادىي تەكلىپ پىكىرلەرنى سۇنىدىغانلىقىغا بىرنېمە دەپ بولماق تەس. پەقەت«ئىككى يىغىن»مەزگىلىدە تېلېۋىزورلاردىن ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا كۆپىنچىلىرىنىڭ« ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ئەمەلىيەتنى مۇنداق چىقىش قىپتۇيەي، ئۇ بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزگە مۇنداق ئۇيغۇنيەي؛ ئۇنىڭدىن مۇنداق ئىلھام ئالدۇقيەي، مۇنداق ئىشەنىچكە تولدۇقيەي» دېيىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغانلىقىنىلا ئاڭلايمىز.
يۇقۇردىكى يۇرتىمىزنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ تارىخ،جۇغراپىيىسى،ئېكىلوگىيىسى ۋە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە جىددىي قول تۇتۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر نېمىشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالىدۇ؟ئەكسىچە، خەنزۇ زىيالىيلىرى 2-يۇرتىدا مەۋجۇت مەسىلىلەرگە نېمىشقا بۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى دادىللىق بېلەن ئوتتۇرغا قويۇپ ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ؟بۇ خىل ھالەت يەنە داۋاملىشىۋەرسە ئەشۇ مەسئۇلىيەتچان خەنزۇ زىيالىيلىرى كىشىلەرنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى ئاقلاشقا قادىر بولۇشتىن تۈگۈل ئۇيغۇرلارنى زىيالىيسىز تەسەۋۇر قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويۇشى ياكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى جانباقتىلىق يولىغا كىرگەن نان كۈچۈكلىرى قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇقەرەرمۇ قانداق؟
دېمىسىمۇ سىۋېن ھېدىننىڭ قەلىمىدە ئەتراپى قاتمۇ-قات قېلىن تەبىئىي يېشىل توساقلارغا ئېلىنغان، ئۈستىدە ئۇچار قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇرىدىغان، ئەتراپىدا خىلمۇ-خىل ياۋايى ھايۋانلارچېپىشىپ يۈرگەن، سۈپ-سۈزۈك سۇلىرى كۈۋەجەپ تۇرغان، چوڭلىقى ئادەمدەك كېلىدىغان بېلىقلارنى باققان لوپنۇر كۆلى ھەققىدە بىزدە قانچىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى؟«دۇنيا ئېكىسپىدىتسىيىسىنىڭ قىزىق نۇقتىسى»دەپ قارالغان لوپنۇر كۆلى ھەقىقەتەن تىلسىماتلارغا باي كۆل بولۇش سۈپىتى بېلەن تارىختىلا ئەمەس بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە بايقاشلار يەر شارى ئىلىمگەرلىرىنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىپ كەلمەكتە. يەر شارى كېلىماتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىكى بېلەن«يەر شارىنىڭ قۇلىقى»دەپ نام ئالغان بۇ كۆلنىڭ ئەينى يىللىرى قۇرۇپ كېتىشى بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ھېساپلانغىنى بېلەن دۇنيا ئالىملىرى بۇنى ئىنسا نىيەت ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېساپلاپ قاتتىق قايغۇرغان. چۈنكى، ئۇلار لوپنۇر كۆلى ئېكىلوگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ رېتىمىنى تىڭشايىتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېمىم سۇيىنىڭ قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنكى ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان بىر پارچە رەڭسىز سۆرەتنى جۇئېنلەي زۇڭلىغا بەرگەندىلا ئاندىن جۇڭگولۇقلار بۇ كۆلنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ئەينى يىللىرى گۇاڭجۇلۇق ئالىم پېڭ جىيامۇنىڭ لوپنۇر كۆلى ئېكىسپىدىتسىيىسىدە تالاپەتكە يولۇقۇپ قازا قىلىنغانلىقى دۇنياۋى خەۋەرگە ئايلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنىڭ دۇنياۋى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىنى ‹‹لوپنۇر›› دېگەن نامدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئون يىللار ئىلگىرى يۈ چۇنشۈن ئىسىملىك يەنە بىر خەنزۇ ئېكىسپىدىتسىيىچىمۇ لوپنۇر كۆلى ئېكىسپىدىتسىيىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ، پېڭ جىيامۇغا ئوخشاشلا ئاخباراتلىق شەخىسكە ئايلىنىپ، تارىخقا نامى پۈتۈلدى. تېخى لوپنۇر كۆلى رايونىدا مەخسۇس ئۇلارغا ئاتاپ ئابىدە تىكلەندى. ئەينى چاغدا سېۋىن ھېدىن لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى ياداڭلىقلارنى شۇ يەرلىك تىلنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە يازمىسىغا «يارداڭ»دەپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا بۈگۈنكى كۈندە بۇئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيا تىلشۇناسلىقىنىڭ لېكسىكىلوگىيىسىگە قىلغان بىر سوۋغىسى سۈپىتىدە خەلقئارادا شۇ بويىچە ئومۇمىيلاشتى. ئۆز نۆۋىتىدە لوپنۇر كۆلى بېلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ دۇنياۋى يېڭىلقنىڭ سالمىقىنى ھەرگىزمۇ كىچىك مۆلچەرلىگىلى بولمايىتتى. ئەمما، لوپنۇر كۆلىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى تېما ئىزچىل تۈردە بىزنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، مۇھىت-ئېكىلوگىيە، بىئولوگىيە، ساياھەت، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەلىرىدىكى ئالىم-مۇتەخىەسىسلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ كەلمەكتە!
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مول-يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلىرى قاتارىدا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان خىلمۇ-خىل ئۆسۈملۈك ۋە ياۋايى ھايۋانلىرىمۇ تېپىلغۇسىز قىممەتلىك بايلىق ھېساپلىنىدۇ. ئەينى يىللىرى رۇسىيە ئالىمى پېرژىۋالىسكىي يۇرتىمىزدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەممىدىن بەك يۇرتىمىزنىڭ ياۋا ئېتى ئۇنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇ يۇرتىمىزنىڭ ياۋا ئېتىنى سۆرەتكە ئېلىپ ئۇنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندا دۇنيا ئەھلى ھاڭ-تاڭ قالغان . ھەتتا ئۇيغۇر ياۋا ئېتىنىڭ سۆرەتلىرى پوچتا ماركىلىرىغا بېسىلىپ ، «پىرژىۋالىسكىي ياۋا ئېتى»دېگەن نامدا دۇنياغا تارىلىپ، بۇ رۇسىيىلىككە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئاتا قىلغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ ياۋا ئاتلار ھەققىدە بىزدە ھېچقانداق تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ! ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا جۇغراپىيە، بىئولوگىيە فاكولتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغىنىغىمۇ نەچچە ئون يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يىلدا مۇشۇ كەسىپلەردە تۈركۈم-تۈركۈم بىلىمدارلار ئوقۇش پۈتتىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەممە يۇرىتىمىزنىڭ بۇ ساھەلىرىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسەن بوش ھالەتتە تۇرۇپ كەلمەكتە! ئىلى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى، مەرھۇم تاتار ئالىمى ساتتار سالىخنىڭ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا –سەھىيە نەشىرىياتى 1992-يىلى نەشىر قىلغان «شىنجاڭ تۆگىسى»ناملىق كىتابى بېلەن غەيرەت دوختۇرباينىڭ(مەن بۇ كىشىنى قازاقمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم) يۇقۇرقى نەشىرىيات تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان«شىنجاڭ ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى»دىن باشقا بىزدە يەنە قانداق تەتقىقات نەتىجىلىرى باركىن؟يەنە كېلىپ يۇرتىمىزنىڭ ئاران 61خىللا ياۋايى ھايۋاناتى كىرگۈزۈلگەن«شىنجاڭ ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى»دېگەن ئەشۇ كىتابنى تولۇق، مۇكەممەل ھالەتتىكى كىتاب دېگىلى بولامدۇ-يوق؟تولۇقلاشقا تېگىىشلىك يەنە قانداق تۈرلەر ۋە مەزمۇنلار بار؟ئۆسۈملۈك ساھەسىدىچۇ؟
دەرۋەقە، يېقىندا يۇرتىمىزدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنى ئارىلاۋېتىپ خەنزۇچە كىتابلار ئارىسىدىن «جۇڭگو شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار»دېگەن كىتابنى ئۇچرىتىپ قالدىم. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان 268 بەتلىك بۇ كىتابتا رايونىمىزدىكى 640خىل ياۋايى ھايۋان ئالتە تۈر بويىچە رەڭلىك رەسىمى بېلەن تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. ھەر بىر ھايۋاننىڭ ئېنگلىزچە ئاتالغۇسىمۇ قوشۇمچە قىلىنىپتۇ. 2000-يىلى تۇنجى نەشىرىدىن كېيىن 2007-يىلى 12مىڭ تىراژدا قايتا بېسىلىپتۇ.
بىلسەك، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ خاسىيەتلىك زېمىندىكى ھەر بىر تاغ-دەريادىن تارتىپ ھەربىر قۇم – ئېدىرلارغىچە؛ ھەر بىر ئۇچار قۇشتىن تارتىپ ھەر بىر ئۆسۈملۈككىچە ئاجايىپ قىممەتلىك تەتقىقات قىممىتى ۋە چوڭقۇر ھېكمەتلەرنى ھازىرلىغان تېپىلغۇسىز بىباھا گۆھەرلەر ئىدىغۇ؟ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ چۆلدەرەپ قېلىشىنى زىيالىيلىرىمىزدىكى مەكتەپ دەرۋازىسى ۋە ئاكادېمىيىلەرنىڭ تەتقىقات ئىشخانىلىرىدىن چىقمايدىغان بېكىك مۇھىتتا يېتىلدۈرگەن زەيپانىلارچە كۈن ئۆتكۈزۈش ئېڭىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارساق خاتاشقان بولماسمىز ؟ ئەجىبا زىيالىيلار تار، بېكىك مۇھىتتىن قۇتۇلۇپ ھەممە ساھەگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟بولۇپمۇ مەيلى ئۇقايسى پەن تۈرىدىكى زىيالىي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ ئورتاق بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى يېتىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئەمەسمىدى؟ مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس رون ئېيىرمەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«زىيالىي دېگەن قالپاقنى كىيمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالاھىدە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقنى شۇ ساھەدىن باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردىمۇ جارىي قىلدۇرالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك».
بەلكىم ھەر قايسى ساھەلەردە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقۇرى ئەسەرلەرنى يېزىپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنى جامائەتچىلىك بېلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىمكانىيىتى تاپالمايۋاتقان زىيالىيلارمۇ يوق ئەمەستۇر. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى زىيالىيلىرىمىزدىمۇ جانباقتىلىق خاھىشى خېلىلا ئېغىر. ئۇلاردا«ئۆزىگە ئىش تېپىۋالماي»ھۆكۈمەت بەرگەن مائاشنى تولۇق ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈش غايىسى كۈچلۈك . ئۆز سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىنمۇ خېلى بار. ئۇلارچە بولغاندا ئومۇمنىڭ ئىشى نېمە بولسا مەيلى، ئەمما شەخسىي مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسىلا بولدى. تېخى مۇھەررىرلىكنى يۈز ۋە پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى، دەپ چۈشىنىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس.
مەتبۇئات ساھەرىمىزنى تىلغا ئالغاندا قۇربان مامۇت ئەپەندىنىڭ مۇھەررىلىكنى ھوقۇق ئەمەس مەسئۇلىيەت، دەپ چۈشىنىدىغان ھەم شۇ كەسىپكە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان روھى ھەققىدە مەخسۇس توختالماي بولمايدۇ. قۇربان مامۇت ئەپەندى مەتبۇئات ساھەسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەردىن توللۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچىلىك ياراتقان، خەلقىمىزدە پىكىر ئۆزگىچىلىكى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىگەن مۇھەررىر. ئۇ ئابدۇقادىر جالالىددىن، ئەسئەت سۇلايمان، يالقۇن روزى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇستەقىل تەپەككۇرگە ئىگە ياشلانى ئەتراپىغائۇيۇشتۇرۇپ يېڭى پىكىر مۇھىتى ھازىرلىدى. ھەتتا ئەينى يىللىرى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»نى يازدۇرۇپ ، خەلقىمىزنى ئۆزلۈك ئېڭىغا چىللايدىغان نادىر ئەسەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ۋە كىتابخانلار بېلەن يۈز كۆرۈشۈشىدە موھىم رول ئوينىدى. يەنە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ مىللەتنىڭ موھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانا تىلنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن «‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن›دىن‹مەئارىفۇل لۇغەتەيىن›گىچە» ناملىق ماقالىسىمۇ بۇ مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرنىڭ قولىدا رۇياپقا چىقىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ئانا تىلنى قوغداش، ئۇلۇغلاش، ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە مەنىۋى كۈچ بېغىشلىدى.
ئىدرىس بارات ئاكىمۇ ئەينى يىللىرى ئاتايەن خوتەنگە بېرىپ، مەرھۇم شائىر روزى سايىتتىن«دېھقان بولماق تەس»ناملىق شېئىرنىڭ قول يازمىسىنى ئېلىپ كېلىپ ، شۇ شېئىرنىڭ ئىجابىي قىممىتىنى ئالاقىدار رەھبەرلەرگە توغرا مەيداندا تۇرۇپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى. يەنە مەرھۇمنىڭ«ئاھ،مىللىتىم»، «ئانا تىلىم زەر تىلىم»قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى ۋە باشقا بىر مۇنچە ئېسىل يازمىلار بۇ مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرنىڭ كۈچىشى بېلەن ئوقۇرمەنلەر بېلەن يۈز كۆرۈشتى.
يۇقۇرقى ئىككى مۇھەررىرنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەت ئېڭى بېلەن خەلقىمىز ، رېئاللىقىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئەسەرلەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا تەشەببۇسكارلىق بېلەن ئاپتورلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنى ئوقۇرمەنلەر بېلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش يولىدا تۆككەن ئەجرىنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ئۇلاردىكى بۇ خىل روھ بىر قىسىم مۇھەررىرلەردىكى ئالدىغا كەلگەن سۈپەتلىك، چىنلىقى يۇقۇرى، ئىجدىمائىي ئۈنۈم قىممىتى بار ، ئاچقان يەرگە بارىدىغان بىر قىسىم ئېسىل ئەسەر لەرنى ئامال بار ئېلان قىلىش تەرەپدارىدا بولماستىن بەلكى پەقەت«گەپكە قالماسلىق»باھانىسىدىلا بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋېتىغان، ھەتتا خەنزۇچە قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردا ئوچۇق ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈپ ، ھەر خىل باھانە بېلەن ئېلان قىلماي باستۇرۇپ قويىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ئېڭى بېلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ. ئۇلار شۇنچە قورقۇپ كەتكۈدەك ھازىرغىچە ئەشۇنداق مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرنىڭ قايسى بىرى«گەپكە قېلىپ نېنىنىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ؟» قۇربان مامۇت، ئىدرىس بارات ئاكىلار ۋە باشقىلار خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تورىدىن ئورۇن ئېلىپ بىر ئوبدان ياشاۋاتمامدۇ؟تارىخ ئادىل، خەلقىمىزنىڭ ئىجدىمائىيەت داستىرخىنى بولغان مەتبۇئاتلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرلىرىگە نام-شەرىپىنى يېزىۋېلىشقان ئەشۇ مۇھەررىرلەرنى بىر كۈنلەردە تارىخ ئۆزىنىڭ ئادالەت تارازىسىغا سېلىپ، بىرمۇ بىر ۋىجدان سوتىغا تارىتماي قويمايدۇ!
1972-يىلى 6-ئاينىڭ17-كۈنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ دېمىگراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلامغا ئائىت سېياسەتلىرىدىن ئاخبارات ئوغۇرلاشنى مەقسەت قىلغان دېمىگراتلار پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومېتىتىنىڭ ئىشخانىسىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىش سەتچىلىكى پاش قىلىندى. شۇ چاغدىكى ئامېرىكا پېرزېنتى نېكسون ئامېرىكا تارىخدىكى ئەڭ چوڭ سېياسىي سەتچىلىك ھېساپلىنىدىغان «يورۇق بىنا ۋەقەسى»دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىشنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ رەپىقىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ سەتچىلىكنى گېزىت يۈزىدە ئاشكارە ئېلان قىلماسلىق ئىشىدا ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى ئۆتىنىدۇ. شۇ چاغدا پېرزېنىت نېكسون بېلەن «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئىنتايىن قويۇق بولغان ئائىلىۋى مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىدى. ئەمما، شەخسىي مەنپەئەت ۋە دوسىتلىقنى دۆلەت ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرگەن باش مۇھەررىر نېكسوننىڭ يولسىز تەلىپىنى كەسكىنلىك بېلەن رەت قىلىپ، «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بوب ۋودراد ۋە كارىل بېرنېستېئىندىن ئىبارەت ئىككى مۇخبىرىنى بۇ سەتچىلىكنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىككى مۇخبىر تېخىمۇ ئىچكىرلەپ پاكىت توپلاش ئارقىلىق بۇ سەتچىلىكنىڭ ئاقساراي بېلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بېلەن 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى نېكسون پېرزېنىتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپاھ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مانا بۇ ژۇرنالىسىتلاردىكى مەسئۇلىيەت روھىدۇر!
مۇستەقىل مەيدانى بار جۇڭگو ژۇرنالىسىتلىرى ئىچىدە خۇشۇلى خانىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ژۇرنالىسىتلىق كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن خۇشۈلۇ خانىم پارتىيە گېزىتىدا ئىشلەپ تەييارغا ھەييار بولۇش ئىدىيىسى بېلەن خوشلىشىپ،1998-يىلى «مالىيە» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلدى. مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان «قارا پەردە ئىچىدىكى فونىد»،«بانكىلارنىڭ ئىگىسى يوقمۇ»،«قەرىز ئېلىشتىكى قارا ئۆڭكۈر»،«كان ھادىسلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش»،«سوڭخۇاجىياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ھادىسىسى»،«شاڭخەي ئىجتىمائىي كاپالىتىدىكى خەتەرلىك مەبلەغ»…قاتارلىق ساھەلەر ئارا يوشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، يۇقۇرى قاتلامغىچە باغلىنىشى بولغان، ھېچكىم تېگىشكە پېتىنالمايدىغان ئەڭ نازۇك، جىددىي مەسىلىلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئېلان قىلدى. ئۇ ئېلان قىلغان 2003-يىلىدىكى سارىس ھەققىدىكى ئۇلانما ماقالىلەر خەلقئارا ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»ئۇنىڭغا «ئاسىيا يۇلتۇزى»، «جۇڭگودىكى ئەڭ قىممىتى بار مالىيە مۇخبىرى »، ھەتتا«ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئايال»دېگەن ناملارنى بەردى.2011-يىلى ئامېرىكا «دەۋىر »ژۇرنىلى ئېلان قىلغان يەر شارىدىكى تەسىرى ئەڭ زور 100شەخىسنى باھالاشتا نامزاتلىققا تاللاندى. خۇشۈلى خانىم ئېرىشكەن خەلقئارالىق شان-شەرەپلەر ھەقىقەتەن كۆپ. ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىغا تالاي بېسىم، تەھدىد، توسالغۇلارغا پىسەنىت قىلماي جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ ئەمەس بەلكى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەق سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالىغان ھەقىقى ژۇرنالىسىتلارغا خاس مەسئۇلىيەت ئېڭى چاقناپ تۇرىدۇ!
بۈگۈنكى كۈندە مەنپەئەتدار گۇرۇھلار پارتىيە-ھۆكۈمەت بېلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توساق پەيدا قىلىدىغان كۆرۈنمەس قول بولۇش سۈپىتى بېلەن كۈچلۈك ئارقا تېرەككە ئىگە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلىق كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا . ئۇلار پۇل ۋە ھوقۇقنىڭ دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىى قىلغان. قارىماققا ئۇلار پارتىيە –ھۆكۈمەت بېلەن بىر گەۋدىدەكمۇ كۆرۈنىدۇ، ئاغزىدىن ھەر ۋاقىت خەلق مەنپەئەتىنى چۈشۈرمەيدۇ. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك زىيالىيلارنىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە دانا كۆز قاراشلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغان تەنقىتلىرى ئەزەلدىن پارتىيە –ھۆكۈمەت ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ، مەنپەئەتدار گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. مەنپەئەتى تەسىرگە ئۇچرىغان ھالقىلىق پەيىتلەردە شۇ گۇرۇھتىكىلەر يەنىلا پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن-سېياسەتلىرىنى دەستەك قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شۇ خىلدىكى زىيالىيلارغا تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى ئوجۇقتۇرۇشقا ئورۇنماقتا. دېمەك، نۆۋەتتە زىيالىيلارغا كېلىدىغان ئاساسىي خەۋىپ پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە ئاۋام خەلقتىن ئەمەس دەل ئەنە شۇ مەنپەئەتدار گۇرۇھتىكىلەردىن كەلمەكتە. شۇڭا مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار پارتىيە-ھۆكۈمەت بېلەن مەنپەئەتتار گۇرۇھلارنىڭ؛ مەنپەئەتتار گۇرۇھلار بېلەن خەلق ئاممىسىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىپ ، شۇ ئاساستا ئەقىدە تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ جاسارىتى ۋە مەردانىلىقى مۇستەقىل تەپەككۇرىنىڭ ئۇچقۇندىشىغا يانغىن پەيدا قىلالىشى مۇمكىن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئەپەندى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىدە ساقلانغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە ئىشسىزلىق، نامراتلىق، مائارىپ بايلىقىدىن باراۋەر بەھرىمان بولۇش ۋە قوش تىل مائارىپىدا ساقلانغان بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان بىر قاتار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ، ئۇنى مەتبۇئات ياكى ئۆزى باشقۇرىۋاتقان تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىپ ياكى تەكلىپ سۈپىتىدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىش ۋە شىنجاڭغا قارىتىلغان سېياسەتلىرىنى تەڭشىشىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بېلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئۇ مەركەزنىڭ مەخسۇس شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ ، جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە قايتىدىن سېياسەت تۈزۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 2010-يىلى 5-ئايدا مەركەز «ھالقىما تەرەققىيات ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى تېما قىلغان شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بىر قاتار يېڭى سېياسەت-تەدبىرلەرنى بېكىتتى. ئىلھام توختى يەنە ئۈرۈمچىدىكى «قارا تاكسىي»مەسىلىسى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدىمۇ پايدىلىق تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەنىدى. «قارا تاكسىي»مەسىلىسى ئۆتكەن يىلى قىشتا ئاپتونوم رايونلۇق پارىتكومنىڭ شۇجىسى جاڭچۇنشىيەننىڭ باش بولۇپ قول تىقىشى بېلەن كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ ھەل قىلىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىبۇ بىر-بىرلەپ ھەل قىلىنماقتا ۋە ھەل قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. مانا بۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر زېيالىيلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى دېيىشكە بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىك جەمئىيەتشۇناس زېگمېنىد باۋمەن بۇ خىل روھتىكى زىيالىيلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«زىيالىينىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى-ئۆزىنىڭ يانماس ئىدىيىسىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدۇر. بىر زىيالىي بولۇش-جەمئىيەتكە تەنقىدىي ۋە گۇمانلىق نەزەر بېلەن قاراشتىن ۋاز كەچمەسلىك دېگەنلىكتۇر. زىيالىي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساپ دەرمانسىز ئىدىيە بېلەن كۈچلۈك سېياسىي نوپۇزنى تەنقىت قىلىدىغان ، ئىككى تاش ئارىسىغا قىسىلىدىغان ئادەمدۇر. زىيالىيلارنىڭ تەسىرىدە ئاقارتىش ھەركىتى ئەۋىج ئالغان جەمئىيەت تېڭىرقاپ ئازاپ چەككەنلەرگە ئەقىل نۇرىنى تارقىتىپ بېرىدىغان جەمئىيەتتۇر.» ⑭
ئىلھام توختى زىيالىيلىق مەجبۇرىيىتىنى توللۇق ئادا قىلىش يولى بېلەن خەلقىمىزگە يېڭى ئۈمىدلەردىن شەپە بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما،‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس››دېگەندەك بىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تالاي ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش يالغۇز ئىلھام توختىتىدىن ئىبارەت بىرلا زىيالىينىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئەمەس. ئۇ ئونلىغان، يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئىلھام توختىلارنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەققەززا قىلىدۇ. مۇبادا بۇنداق جىددىي قول تۇتۇش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر يالغۇز ئىلھام توختىغىلا تاشلاپ قويۇلسا ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردا ئىلھام توختىدىن بۆلەك زىيالىي يوق، ھازىرقى زىيالىيلىق چاپىنىنى كىيىپ كېرىلىپ يۈرگەنلەر زىيالىي ئەمەس بەلكى جانباقتى نان كۈچۈكلىرىدۇر، دېگەن مەنا چىقىدۇ. خۇددى«مەدەنىيەت زورئىنقىلاۋى»دەك ئاپەتلىك يىللاردا گۇ جۈن زىيالىيلىق مەسئۇلىيىتى بېلەن شۇ چاغدىكى خەنزۇ زىيالىيلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى يۇيىۋېتىشىگە قادىر بولالمىغاندەك ئىلھام توختىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىمۇ ئۇنىڭ بېلەن دەۋىرداش تالاي ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى يۇيىۋېتەلمەيلا قالماي بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ پەس، چۈپرەندە ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ!
ئالدىن كۆرەرلىك زىيالىيلاردىكى ئەڭ روشەن ئۈستۈنلۈك بولۇپ، ئۇ كۆپ ھاللاردا كىرزىسلىك مەسىلىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار دۆلەت، مىللەت قايغۇسىدا دەل ئەشۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، كەلگۈسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇرى كىرزىسلار ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى؛ دۆلەت ، مىللەتكە پايدىلىق يول-نىشانلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، تارىخىي ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل بىشارەتلىرى بەزىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ ئۆزلىرى ئۇۋالچىلىققا قالىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ يۈز بەرگەن. سوقراتتىن تارتىپ بىرونىيغىچە، مەنسۇر ھەللاجىدىن تارتىپ شاھ مەشرەپكىچە ھەممىسى ئەشۇنداق تىراگېدىيىلەرنىڭ قۇربانلىرىدۇر. يەنە مەسىلەن :گۇ جۈن جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇ توغرا ئىلمىي يەكۈنى سېياسىي ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ، «پارتىيىگە قارشى ئوڭچى» قالپىقىنى كىيىپ، ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئەمما ، كېيىنكى ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئىلمىي يەكۈنىنىڭ دەرۋەقە توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، جۇڭگو راستىنلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى يولىغا ماڭدى. بۇنىڭ بېلەن گۇ جۈننىڭ نامى ئاقلىنىپ، مەخسۇس تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇ ھەقتە توم-توم كىتابلار يېزىلدى.
پاستېرناك تەنقىتلىگەن ئىنسان تەبىئىتىگە ياد تۈزۈلمىمۇ گۇمران بولۇپ، ئۇنىڭمۇ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. رۇسىيەنىڭ نەشىرىيات ساھەسىدىكى ئوقۇپ-تەكشۈرۈش تۈزىمىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى پايخان قىلىدىغان نامۇۋاپىق تۈزۈلمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان سولژېنتسىنمۇ رۇسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.كېيىن ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى ئەينى يىلى ئۇنىڭغا بەرگەن جازانىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. پىرزېنىت يېلىتسىن ئۇنى رۇسىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى. پۇتىن پىرزېنىتلىقنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئۆز قولى بېلەن دۆلەت ئوردېنى تاقىدى. بۇ رۇسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئوردېن ئىدى.
زىيالىيلاردىكى شەخىستىن ھالقىغان مەسئۇلىيەت ۋە ئومۇمىيلىق ئېڭى تۈرىتكىسىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئۇلارنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلەر يالغۇز شۇ زىيالىينىڭلا پاجىئەسى ئەمەس. ئۇ شۇ تۈزۈلمىدىكى دۆلەت ۋە مىليونلىغان خەلقنىڭ ئومۇمىي پاجىئەسى بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ. شۇڭا زىيالىيلار كۆپ ھاللاردا بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ھايات-ماماتلىق تەقدىرىنى بەلگۈلەشتە ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. گەپ زىيالىيلارنىڭ ئەشۇ رولىنى قانداق مەنىدە چۈشىنىش ۋە ئاتقۇرۇش مەسىلىسىدە. پىئېر بوردىئۇ مەسئۇلىيەت بېلەن جانباقتىلىقنىڭ ئاچا يولىدا تۇرىۋاتقان زىيالىيلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«زىيالىي دېگەن تامغا ئەسلىدىنلا كۆرەش قىلىش ئوبيېكتى بېلەن باراۋەر ئۇقۇمدۇر. زىيالىينىڭ ئىدىيىسى –ئۇنىڭ كۆرەشلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر. ھالبۇكى زىيالىي ھەم ھۆكۈمران ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى زىدىيەتلىك نۇقتىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان بولىدۇ. زىيالىينىڭ مۇستەقىللىقىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋىپ –ئۆز چەمبىرىكىدىكى جانباقتى ئالدامچىلاردىن كېلىدۇ»⑮.
مەركەزدە چاقىرىلغان شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەقىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ۋە چاقىرىقلار ئوتتۇرغا قويۇلدى. تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئەمىنلىك، ئەمىنلىك بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ. ئەمىنلىك نەدىن كېلىدۇ؟ئەمىنلىك شۇ يەرلىكتىكى خەلقنىڭ سېياسەت ۋە قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكىدىن، ئىجدىمائىي ئادىللىقتىن، شۇ جەمئىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئادىمىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، غەم-قايغۇلىرى، شەرەپ-نومۇس تۇيغۇلىرىنى توللۇق نەزەرگە ئېلىشتىن كېلىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟رايونىمىزدا ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر قايسى؟ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبلىرىچۇ؟«ئادەمنى ئاساس قىلىش»چاقىرغىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرسى رايونىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋالدا مۇشۇ رايوندىكى ئادەملەرنىڭ جىسمىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ سۆزلەش-يېزىش ئەركىنلىكى، دوپپىسى، ياغلىقى، ساقال-بۇرۇتلىرى، دىنىي ئېتىقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىك تەركىپلىرىمۇ ئاساس قىلىندىمۇ-يوق؟
نۆۋەتتە، زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بىر قاتار جىددىي، قول تۇتمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىلەر تۇرۇپتۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زىيالىيلارنىڭ ساقلانغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىرىنچى قول ماتېريالىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىجتىمائىي ئادىللىق مەسىلىسى ، دېمىگراتىك سېياسىينى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسىلىسى ، دۆلەتنى قانۇنغا تايىنىپ ئىدارە قىلىش مەسىلىسى ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتىدۇ. پەقەت ساقلانغان مەسىلىلەرنى چىن،ئوبىيېكتىپ ھالدا راسىتچىللىق بېلەن ئوتتۇرغا قويغاندىلا ئاندىن ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلىنىڭ شەكلىگىلا ئېسىلىۋېلىپ ماھىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەندە ياكى يۇقۇرنىڭ كۆزىنى بۇياپ يالغان سۆزلىگەندە ، مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغاندا ئۇنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايلا قالماي يەنە قانلىق پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلىنىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلىشى مۇمكىن . چۈنكى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس زېگمېنىت باۋمەن :«مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويماسلىق ئۇنى كۈنتەرتىپكە قويماسلىقتىنمۇ يامان»دەيدۇ.
«ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»نى تۈپ نىزام ، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نى تۈپ مەقسەت ئېڭى قىلغان ج ك پ دۆلەت ۋە مىللەت قايغۇسىنى قىلىدىغان، يىراقنى كۆرەر روھتىكى راسىت سۆزلۈك زىيالىيلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى »دا بەلگۈلەنگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەممە مىللەت قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر، مىللەت چوڭ-كىچىك، يۇقۇرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ؛ ھەممە گىراژدانلارنىڭ سۆزلەش، يېزىش، تەتقىقات، ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىى قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىدۇ دېگەندەك ماددىلاشقان مەزمۇنلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ تازا باپ كېلىدۇ.
قېنى، ج ك پ نىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىكى زىيالىيلىقنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ، پارتىيە-ھۆكۈمەت بېلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان زىيالىيلارنىڭ يېڭى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى تەييارلىقى قانداقراقكىن؟ئۇلار زىممىسدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالارمۇ ياكى يۇيۇلماس ئار-نومۇسقا قالارمۇ؟ كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى بۇ قايغۇنى ئۆز زىممىسىگە ئالارمۇ ياكى بۇ قايغۇنى ئۆز پېتى كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ قايغۇسىغا ئايلاندۇرۇپ قويارمۇ؟
«بىر جەمئىيەتتە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ چاكىنىلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگۈسى –زىيالىيلارنىڭ ئەرزىمەس ئادەملەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدۇر. رېئال مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھالدا تەتقىقات قۇلچىلىقىغا بەنىت بولغان زىيالىيلار بىيۇروكراتلارنىڭ قولىدىكى تېخنىكىغا ئوخشايدۇ. مازغاپ بىلىم تەتقىقاتى، بىلىم ساقتىپەزلىكى، ئەخلەت تەتقىقات بېلەن شۇغۇللىنىش ھەرگىزمۇ ھەقىقى زىيالىينىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئەمما، زىيالىينى جانباقتى قىلىۋېتىدىغىنى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماددى مەئىشەتتىن باشقا ئىنتىلىشى يوق، تۇيغۇسى ماشىنلىشىپ كەتكەن پۈچەك ئادەملەردۇر. يامان بولغىنى، بۇنداق پۈچەك ئادەملەر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا پۈچەكلىشىشنىڭ جەمئىيەتلىشىشىگە پارنىك بولۇپ بېرىدۇ.»⑯ زىيالىيلاردىكى جانباقتىلىقنى مەنبە قىلغان ئەشۇنداق پارنىكلارنى بىرى پەيدا بولسا بىرىنى يەكسان قىلىپ، ئۇنىڭ كېيىڭىش ئىمكانىيىتىنى پايخان قىلىۋېتىش ھازىرقى مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتىدۇر،ئەلبەتتە.

2011-يىل 25-ماي،شەھىرى ئاقسۇدا تاماملاندى
——————————————————-
ئىزاھلار:
①چېن لىيەن:‹‹يۇيۇلماس ئار-نومۇسلار››، ‹‹تاللانغان فېليەتونلار›› ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشرى،2004-يىللىق 10-سانى،20-بەت.
② ③④تاڭ باۋمېن:‹‹ئاخىرقى غەلبە››، ‹‹فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى››نىڭ خەنزۇچە نەشرى، 2011-يىللىق 1-سانى.
⑤دى ما:‹‹گوركىيدىكى جانباقتىلىق››، ‹‹تاللانغان فېليەتونلار ››ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 2004-يىللىق 11-سانى،18-بەت.
⑥⑦⑧⑨جاڭ شىياۋبو :‹‹بېلىنىسكىينىڭ ۋىجدانى››،‹‹فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى ››نىڭ خەنزۇچە نەشرى،2010-يىللىق 5-سانى،40-بەت.
⑩⑪ۋاڭ يوۋشېڭ :‹‹ئەدىبلەردىكى ‹كەسپىي كېسەللىك› ››،‹‹فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى ››نىڭ خەنزۇچە نەشرى،2006-يىللىق 7-سانى ياكى‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ››ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى،2009-يىللىق 5-سانى ،65-بەت.
⑫خۇسەن:‹‹بىر پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش—كروران قەدىمىي شەھرىنى ئۆردەك تاپقانمۇ؟››،‹‹يىپەك يولى ژۇرنىلى ››خەنزۇچە نەشرى،1999-يىللىق 1-سانىنىڭ 62-،63-بەتلىرى.

ئەسكەرتىش: ئۈمەرجان بوزقىر ئاكىمىزنىڭ يازمىللىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم. بۇ ماقالىسى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ماقالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويغانتىم. توربېتىمدە ئېلان قىلدىم. ئۈمەرجان بوزقىر ئاكىمىزنىڭ خىتاي جاللاتلىرىنىڭ تۇرمىللىرىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئۈمىت قىلىمەن.

Leave a Reply