مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام خاتىرىسىگە

مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام خاتىرىسىگە

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنىت-شىكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تۇلۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسى يۇرۇيتى.

بۇ غەپلەت زامانى ئەمەس، ئويغىنىش زامانىدۇر

ئابدۇقادىر داموللام ھىكىمەتلىرىدىن

بۈگۈن 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنى زامان مەشھۇر دىنىي ئالىم،  جەدىتىچىلىك (يېڭىلىقچى، ئىلغار) ئىدىيسى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچى، مىللەتپەرۋەر ئىدىيسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام قەتلى قىلىنغان كۈندۈر. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلى قىلىنىشى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخدىكى ئەڭ زور يۇقىتىشتۇر.

ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇش مەشھەتتە ، ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك ئۇقۇمۇشلۇق كىشنىڭ ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەت − قاراخانىيلار خانلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خان – سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىي دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جايدۇر.

                                                                                           

ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەشھەتىكى <<ھەزىرتى سۇلتانىيە>> مەدىرىستە ئالغان. 15 يېشىدا قەشقەردىكى ئالى بىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدىرىسكە ئوقۇغان ۋە تېخمۇ يۇقىرى ئوقۇش ئۈچۈن  بۇخاراغا بېرىپ بىر قانچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇخارادىكى ۋاقىتلىرىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەيۇم جەۋزىيى، جامالىدىن ئافغانى ۋە شەيىخ مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان. بۇخارادىكى جەدىتچىلىك مائارىپى ئۇنىڭ ئىدىيسىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان. 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ، بىر مەزگىل مۇددەرسىلىك قىلغان. 1906-يىلى ھەج قىلىش نىيتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. ھەج پەرىزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇنيا ۋەزىيتىنى كۈزتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا، ئاندىن مىسىرغا بارغان. مىسردىكى ۋاقتىدا داڭلىق مۇتەپپەككۇر ،ئىسلام ئالىمى، سىياسەتچى شەيخ رەشىد رىزا، << ئەللىۋا >> گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىياسەتچى، يازغۇچى ۋە گېزىتچى مۇستاپا كامىل پاشا قاتارلىق زاتلار بىلەن كۈرۈشۈپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرغان. ئابدۇقادىر داموللام بىلىمى مول، پىكىرى ئۆتكۈر، ۋەتەن، مىللەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى بولغاچقا ھەرقايسى ئەللەردىكى تەرەققىپەرۋەر، ئىسلاھاتچى كىشىلەر بىلەن چۇڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن، مىللەتنىڭ كۆزىنى ئېچىش ئۈچۈن يېڭىچە مائارىپ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ» دېگەن توغرا پەتىۋاسى ۋە يېڭىچە مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى قەشقەردىكى مۇتئەسسىپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. جاھىل كۈچلەرنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇرالماي 1909-يىلى يەنە قوقان، تاشكەنىت، بۇخارا تەرەپلەرگە چىقىپ، بىرمەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ جەدىتچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچ << جەۋاھىرۇل-ھىقان>>، << مىفىتاھۇل-ئەدەپ>> قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان، شۇنداقلا گېزىتلاردا  ماقالىلەر يېزىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئابدۇقادىر داموللام 1911-يىلى ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىگە كەلگەن. غۇلجا تەرەققىيات ۋە يېڭىچە مائارىپنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ ئالدى ئىدى. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر بار ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام ئۈزىنىڭ جەدىچىلىك پىكىر بۇيچە بۇ مەكتەپلەرگە دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈررۈپ ئوقۇتۇش پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇسۇلى جەدىتنىڭ كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. غۇلجىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۈزى بىلەن پىكىرداش كىشلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىدۇ ۋە پىكىرلىشىدۇ. 1912-يىلى ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە مائارىپنى قەشقەردىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە قەشقەرگە يىتىپ كېلىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماقچى بۇلىدۇ. قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى سۈپتىدە دۇنياغا تۇنۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە جاھىل سوپىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھاكىميتىنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن خاراپلىشىپ، خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەنىدى.  ئابدۇقادىر داموللام  نادانلىق، قۇللۇق ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چەكسىز ئېچىندۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش ئۈچۈن باشلاتقان يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى يەنە قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام 1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىدۇ.بۇ سەپەر جەريانىدا ئۈچ يىلدەك ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىدۇ، 1921-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ. بۇ قېتىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەردە << ياش قەشقەرلىكلەر>> نامىدا بىر تۈركۈم جەدىچى روھتىكى زىيالىيلار بارلىققا كىلىدۇ. بۇ ئارىلقتا  ئابدۇقادىر داموللام ئۈزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى << نەسھەتى ئامما>> نى يېزىپ، باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ ئەسەر ئىدىيسىنڭ ئىلغارلىقى، تىلنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى پىكىر ۋە ئەدەبىيات تارىخدىكى تۈنجى ۋەكىللىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ،  بۇ ئەسەرنىڭ تەسىردە كىشلەردە مىللىي ئاڭ ئويغىنىشقا باشلايدۇ.  ئابدۇقادىر داموللام خەلىق ئىچىدە ئەڭ مۆتىۋەر زاتلاردىن بۇلۇپ تۇنۇلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىردە قەشقەردە مەنىۋە جەھەتتە جانلىنىش پەيدا بۇلىدۇ. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك پائالىيەتلىرى قەشقەردىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا تەسىر قوزغايدۇ، كىشلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئىستىقبالىنى تونۇشقا باشلايدۇ. قەشقەردىكى جاھىل كۈچلەر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ خەلق ئىچىدە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرى ۋە نوپۇزى ئالدىدا تەمتىرەپ، ئۇنىڭغا ئاشكارە قارشى چىقىشقا پېتىنالمايدۇ.

1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تالىپلارنى تەشكىللەپ كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، مىسيۇنىرلارنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆيدۈرۇپ، باسما ماشىنىللىرىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.  قەشقەردىكى ئەنگىلىيە، شىۋېىت، روس كونسۇلخانلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولىدۇ. ئۇلار قەشقەر دوتىيىگە ئابدۇقادىر داموللام  ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق بېسىم قىلىدۇ. قەشقەر دوتىينىڭ پىلانلىشى بىلەن، ساتقىن مۇناپىق ئەھمەد مەزىن ئابدۇقادىر داموللامنى 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بامدات ۋاقتىدا  54 يېشىدا قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلنىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور بىر يۇقۇتىش بۇلۇپ، بۇ قانلىق ۋەقە پۈتكۈل ئورتا ئاسىيانىمۇ زىلزىلگە سالغان. بۇ كۈن ئۇيغۇرلار تارىخدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كۈن. بىز بۇ كۇننى ئابدۇقادىر داموللامنى چۇڭقۇر ياد ئىتىش ئىچىدە خاتىرىلەيمىز ۋە روھىغا دۇئا قىلىمىز. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىدىيەسىنى ياقتۇرمايدىغان موللىلار بار. شۇ دەۋردىكى قەشقەرنىڭ جاھىل كۈچلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يوقالغىنى يوق. ئۇلار يېڭىلىقنى، تەرەققىياتنى قوبۇل قىلمايدۇ، قۇرئان بىلەن ھەپتىيەك يادلاشتىن باشقىنى ئىلىم ھېسابلىمايدۇ،  تېلىۋىزۇر ۋە ئايفونلارنى ئىمانىمغا زىيان قىلدى دەپ چېقىپ تاشلايدۇ، رۇھىيەتكە ساغلام ئوزۇق بېرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ھارام دەپ چالۋاقايدۇ. كاللىسى مىڭ يىلدىمۇ داشقال پېتى تۇرىدىغان بۇنداق ئۇيغۇرلار ئەھمەد مەزىن دېگەن مۇناپىققا ئوخشاش نادان، جاھىل، سەپرا، ئەخمەق ۋە گول. ئىسلام دىنى بۇلارنىڭ قولىدا ئەڭ يىرگىنىشلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ. تارىختىن ئىبرەت ئالغان ۋاقتىمىزدا، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۆتمۈشنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلاھاتچىلىق، مەرىپەت روھىنى داۋاملىق جانلاندۇرۇشىمىز، ئەھمەد مەزىندەك قارا جاھىل، پىچاقچى سوپىلارنىڭ ئەرۋاھىنى سۈرۈپ توقاي قىلىشىمىز كېرەك.