شاۋگۈەن قىرغىنچىلقىنى ئۇنۇتماڭ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۈگۈن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنىڭ ئوت پىلتىسى دەپ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر قاباھەتلىك، ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرغان << شاۋگۈەن قىرغىنچىلقى >> يۈز بەرگەن كۈن

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشچى كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ قۇلىدا پالتا، پىچاق ۋە تۈمۈر كالتەك بىلەن قۇراللىنىپ بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى خۇددى چاشقانلارنى «ئۇر-ئۇر» قىلغاندەك قوغلاپ تۇرۇپ ئۇرغان، ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن. شۇ كۈنى كىچىسى تارقالغان رەسىملىك ۋە ۋېدىيولۇق زاۋۇت قوروسىنىڭ قانغا بۇيالغان كۈرنىشى ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ دۇنيانى ھاڭ تاڭ قالدۇرۇدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى شياۋگۇەندىكى قىرغىنچىلقىتىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە،  ئۇلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان ئۇ دەھشەتلىك مىنۇتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلغان. ئۇلار سۆزىدە كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ-قوغلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئايال ئىشچىلارنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بولۇپمۇئەڭ دىققەتنى  قوزغايدىغىنى، بۇ ھۇجۇم ئاشۇنداق دەھشەت بىلەن سەھەر سائەت 4 كىچە داۋام قىلسىمۇ، شۇ چاغقىچە بىرەر ساقچى كەلمىگەنلىكى ياكى ئۇلارنى بىرەرسىنىڭ توسۇپ قالمىغانلىقىنى شۇ سەۋەبلىك ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى ئېيىتقان. بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلىدىكى خىتاي ھۈكۈمىتى خەلقىنى مەقسەتلىك كۈشكۈرتىپ ئارقىدىن بۇ قىرغىنچىىلىققا قۇماندانلىق قىلغانلىقىنى كۈرۋالالايمىز.

شۇ چاغدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغانىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا زاۋۇتنىڭ ياتاق بىنالىرىدىن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار ئۇيغۇرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددى بىر غەلىبىنى قۇتلىغاندەك تور بەتلەردە كەڭ تارقاتقان. ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ قانلىق زوراۋانلىقنى تاماشا قىلغاچ ۋىدىيوغا تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خىتايلارغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان ئاۋازلىرىمۇ بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خىتايدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى مەزكۇر قانلىق ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە شىددىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەنىدى. ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كارتىنكىسى بولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.

xiaoguan uyghur killing

ئەمما ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق غەزەپلەندۈرگىنى، بۇ قىرغىنچىلىق يۈز بىرىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا قاتناشقان بىرمۇ كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى، ھەتتا ئۇنى بىر خىتاي ئىشچى «زاۇۋتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بىر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرا» دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىماقچى بولۇشى ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ چاغدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي بايانىدا ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


مانا مۇشۇنىڭدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ۋە بىرمۇ خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپ، زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن، 5-ئىيۇل كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچى كۇچىللىرىغا چىقىپ تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ مېڭىپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۈكۈمىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھۈكۈمەتتىن بۇ ئادالەتسىزلىككە جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇس خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ تىنىچ شەكىللىك نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ << ئ‍رۈمچى قىرغىنچىلق >> نىڭ كىلىپ چىقىشغا سەۋەب بولدى. دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۇ قاباھەتلىك كۈننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ. ۋە بۇ قاباھەتلىك كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق بۇ كۇننى ئەسلەيدۇ.

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 26 -كۈنى