Blog

12 sep
0

Open letter to Uyghur Tribunal: why wasn’t my testimony chosen?

Open letter to Uyghur Tribunal: why wasn’t my testimony chosen?

 

Abdurehim Gheni Uyghur

Uyghur Tribunal advocated and requested by World Uyghur Congress and witnesses’ live testimony have brought close attention of many observers around world.

I specifically allocated my time to hear the live testimonies and supported them as much as I can. As a witness who lost 19 family members during Chinese atrocities against Uyghur nation, I subscribed and applied for second live hearing of Uyghur Tribunal in the end of June, 2021 and contacted Behtiyar Omar, the founder of Uyghur Judicial Database, to give my testimony of three substantial points of Uyghur genocide.

First, the disappearance of 19 of my family members and all necessary evidences as well as demolishing of my family’s house, more than 2000 square meters, decorated in Uyghur traditional architectural way.

Secondly, due-lingual education policies followed by China’s Western Region Development plan, which, in turn, caused the mass migration of Han Chinese teachers to East Turkestan and destruction of Uyghur education system. As a proof, I have the testimony of the transformation of Aksu Municipal Normal College into Aksu Experimental High School.

I gave the testimony of forced labor at schools for third point. This comes from my direct experience of a-month-long, forced cotton collecting labor along with the students for two years when I was working at Normal College of Aksu Municipal. Same time, I gave the level of oppression against Uyghur students during this forced labor. Off course, I stress the importance of this testimony as it became solid evidence during US Congress Hearing against Uyghur oppression when I contacted and provided the proof of this forced labor to Rabia Kadir, the former president of WUC.

After hearing my testimony, Behtiyar Omar told me that my testimony was very crucial and he would translate my testimony into English and sent it to Uyghur Tribunal Board for review and recommend me as key witness during live hearing. However, I contacted him in August for inquiring the list of people who were confirmed for the live hearing during Uyghur Tribunal. He told me that, as an answer, there wad no news about the list and he would inform me any updates. After a week, I informed me that my live testimony was refused. Then,  I expressed my willing of giving testimony through internet instead of live testimony upon my refusal. He told me that the Uyghur Tribunal Board Members are responsible for screening witnesses and he had nothing can do.

However, when I asked if I had any rights to ask from board members about the basis of my refusal, his answer was positive.

So that, I wrote to Uyghur Tribunal website to inquire about my refusal of why I couldn’t be the one who would testify lively against China’s genocide over Uyghurs. As my family members are the greatest victims of China’s genocide, I hope that they give me the most persuasive answer.

Uyghur Tribunals is the court of proving Uyghur Genocide. What are their criteria to approve a person as a live witness? What evidences and proves to be qualified as an testifier? What are the conditions to be internet testifier?  Many Uyghurs has been testified for their family members, mostly one or two.  How can I be persuaded not being selected as a witness of 19 family members disappearing?

 

Best regards

Abdurehim Gheni Uyghur

12-09-2021

12 sep
0

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىگە ئۇچۇق خەت- مىنىڭ گۇۋالىقىم نىمە ئۈچۈن تاللانمىدى؟

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىگە ئۇچۇق خەت- مىنىڭ گۇۋالىقىم نىمە ئۈچۈن تاللانمىدى؟

كىمگە ئېيتاي دەردىمنى-خاتىرەمدىن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇر سوتى ۋە بۇ سوتتا گۇۋالىق بىرىۋاتقان گۇۋاچىلارنىڭ نەق مەيدان گۇۋالىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا دىققەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ ئىككى قېتىملىق گۇۋالىق بىرىش نەق مەيدان يىغىننى مەنمۇ ئىمكانىيتىنىڭ يىتىشچە ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ كەلدىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلشىنى تىلەپ مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كەلدىم.

مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر تىرىك شاھىت بۇلۇش سۈپتىم بىلەن مەنمۇ 2-قېتىملىق سوتتا گۇۋالىق بىرىش ئۈچۈن 2021-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۈمەر بىلەن ئالاقىلشىپ تۈۋەندىكى ئۈچ مۇھىم مەسلىدە گۇۋالىق بەردىم.

  1. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈندىن ئىتىبارەن ئىزدېرىكى بولمىغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم بۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار شۇنداقلا ئۇچتۇرپان ناھىيسىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئاساسىدا سېلىنغان باغ-باراۋانلىق 2000 كوۋادىرات مىتېر چوڭلۇقتىكى ئۈيىمىزنىڭ قانۇنسىز چېقىۋىتىلىشى.
  2. 2004-يىلى خىتاي ھۈكۈمىتى غەرىپنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش سىياستىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان قوش تىل مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇپ خىتاي ئۆلكىللىردىن شەرقى تۈركىستانغا كۆپ مىقداردا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلۋەتكەنلىكى: بۇنىڭ دەلىل –ئىسپاتى مەن 2002-يىلدىن 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن 70 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان << ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا >> مەكتىۋېىنىڭ 2004-يىلى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىشى.
  3. مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن جەريانىدا ئىككى يىل ئوقۇغۇچى باللارغا سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ 2- تۈۋەنگە ھەريىلى بىر ئايدىن پاختا تىرىش مەجبۇرى ئەمگىكىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۈزەم شاھىت بولغان بارلىق ئىشلار ھەققىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باللارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قايسى دەرىجىدە خورلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەش ( بۇيەردە قىسىقچە بۇ ھەقتە ئەسكەرتىش بىرىپ قۇياي مەن 2006-يىلى مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش ھەققىدىكى بارلىق ئۈزەم شاھىت ئىشلار ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى رابىيە قادىر خانىمغا ئىۋەرتىپ بەرگەنتىم. بۇ ماتېرىياللار شۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسدە كۈچلۈك ئىسپات بۇلغان)

بەختىيار ئۈمەر گۇۋالىقىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن گۇۋالىقمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىملىقىنى تەرجىمە قىلىدۇرۇپ سوت كوللىگىيسىگە ئىۋەرتىدىغانلىقىنى ۋە مېنى ئالاھىدە سوتتا گۇۋالىق بىرىشكە تەۋسىيە قىلدىغانلار قاتارىدا تۇنۇشتۇردىغانلىقىنى دىدى. مەن 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيەدىكى سوتقا بېرىپ گۇۋالىق بىرىش ھەققىدىكى ئىشلارنىڭ نەتىنجىسنى بىلىپ بېقىش ھەققىدە بەختىيار ئۈمەر بىلەن ئالاقىلاشتىم. بەختىيار ئۈمەر ھازىرغىچە خەۋەر يوق، كىلەر ھەپتە خەۋەر كىلىدۇ سىزگە خەۋەر قىلىمەن دىدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن مىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى سوتتا گۇۋالىق بىرىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى دىدى. مەن ئەمسە ئەنگىلىيەگە بارمىساممۇ توردا گۇۋالىق بەرسەممۇ بۇلىدۇ دىسەم، بەختىيار ئۈمەر بۇ قېتىملىق گۇۋالىققا تاللايدىغانلارنى ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرى خادىملىرى ئەمەس، بەلكى ئەنگىلىيە << ئۇيغۇر سوت >> كولىگىيسىنىڭ خادىملىرى ئۆزلىرى تاللايدىغانلىقىنى بۇنىڭغا ئۈزىنىڭ ئارلىشالمايدىغانلىقىنى دىدى. مەن ئۇنداقتا ئەنگىليە << ئۇيغۇر سوت >> كوللىگىيسى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلشىپ نىمە ئۈچۈن سوتتا ەۇۋالىق بىرىشكە تاللانمىغانلىقىمنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىم بارمۇ؟ بار دىدىم. بەختىيار ئۈمەر ھەققىڭىز بار، ئۇلار بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ دىدى.  شۇنىڭ بىلەن << ئۇيغۇر سوت >> كوللىگىيسىنىڭ تور بېتىدىكى ئالاقىلشىش ئۇسۇلى بۇيچە ئۇلارغا خەت يېزىپ نىمە ئۈچۈن مەندەك بىر 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ بۇ سوتتا گۇۋالىققا تاللانماسلىقى ھەققىدىكى سەۋەبنى سوراپ خەت يازدىم. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سەمىمى جاۋاب بىرىشنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئۇيغۇر سوتى – خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقى ئۈچۈن ئىسپات توپلاش ئۈچۈن ئېلىغان سوت تۇرسا ئەمسە سىلەرنىڭ بۇ سوتتا گۇۋالىق بىردىغانلارغا قۇيدىغان شەرتىڭلار نىمە؟ قانداق ئىسپات ۋە شەرتلەر بىلەن گۇۋالىققا توردىن بولسىمۇ قاتنىشالايدۇ؟ مەندىن باشقا يەنە بىرقانچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ غايىپ بولغان ئورۇق-تۇققانلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋالىق بەردى، ئەمما 19 ئائىلە ئەزاسى غايىب بولغان مەندەك بىر دەلىل-ئىسپاتلىق ئۇيغۇرنىڭ گۇۋالىققا تاللىنالماسلىقىنى قانداق چۈشنىشكە بۇلىدۇ؟

 

ھۆرمەت بىلەن ئابدۇرېھىم غېنى

2021-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى

29 aug
0

ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

ۋاقتىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

قېلىچنىڭ كۈچىدىن، قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىردىن

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈزنىڭ ھەقىقى كىملىكى  ئېنىق بولمىغان يېخەن نامىدىكى بىر شەخىس  ئامرىكىدا چىقىدىغان  داڭلىق ‹‹ تاشقى سىياسەت ژورنىلى›› دا ‹‹ مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرى ئۇيغۇر مەسلسسگە ياردەم بەرمەسللىكى مۇمكىن ›› سەرۋەلىك ماقالىنى ئېلان قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يېخەننىڭ بۇ يازمىسغا قارىتا ئۈزىنىڭ نارازىلقىنى ئىپادىلەپ ئۈزىنىڭ كۆز قارشلىرىنى ئىپادىلدى ۋە ماقاللارنى  ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ بىرلىكتە ئىلمى شەكىلدە رەدىيە بىرىپ يازغان ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلدىغان بىردىبىر يۇلىدۇر›› ناملىق ئوبزور ماقالىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى‹‹ تاشقى سىياسەت ژورنىلى ›› دا ئېلان قىلنىشى يېخەن نامىدىكى يازغۇچى يازغان ماقالىنىڭ ئىدىيسىگە ئۆز ۋاقىتدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق بولۇپ مۇھاجىرەتتكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن سۈيۈندۇرۈردى. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۈزەمنىڭ فەيىسبوك، تىۋېتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقەمدە ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق  ئۇيغۇر مەسلىسلىسگە دىققەت قىلىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئوقۇپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. شۇنداقلا مىنىڭ  پائالىيتىمگە دىققەت قىلىۋاتقان بەزى گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغىمۇ ئىۋەرتىپ بەردىم. گەپنى يالغۇز كىشلىك نامايىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىم ئارقىلىق بۇ ماقالىنىڭ قىممىتىنى تېىخمۇ كۈچلەندۈرىمەكچىمەن.

                                       

2018-يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا باشلىغان يالغۇز كىشلىك نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدكى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى تەشۋىقاتىمدىكى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان  قىرغىنچىلقىدىن بەكرەك 1899-يىلى نەشىر قىلىنغان خەرىتىدكى شەرقى تۈركىستان دىگەن ئسىم ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مەن شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر دەپ چۈشەندۈرگەندە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلالماسلىقى ھەتتا شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنىمۇ دىيەلمەي تۈركىستان، تۈرۈكمەنىستان، ئۆزبىكىستان دىگەندەك مەنداش ئىسىملار بىلەن ئاتىغاندا مىنىڭ روھى دۇنيارىمدا بىر خىل سىقىلىش، بىزار بۇلۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۈزەمنى تۇتۇۋېلىپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۇلارغا ئىككى پارچە سېلىشتۇرما شەكىلدىكى خەرىتە ( بۇ خەرىتىنىڭ بىرسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى مۇستەملىكە نامىدىكى شىنجاڭ، يەنە بىرسىدە شەرقى تۈركىستان ) ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قانۇنسىز بېسۋېلىنغان بىر زىمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەم ھە ئەمدى چۈشەندىم. تىبەتنڭ ئەھۋالىنى مەن بەك ياخشى بىلىمەن، ئەمما تىبەتنىڭ قوشنىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننى ۋە بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەققىدە ھىچنىمە بىلەميدىكەنمەن ، بۈگۈن تۈنجى قېتىم ئاڭلىشىم دىگەنلەر كۆپرەك ئىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈنكىدەك پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىللىرىنى ئىگەللىمىگەن ئىدى. ئامىستېردامدىكى نامايىش جەريانىدا تىبەت دىسە بىلمەيدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچىراتمىدىم، ئەمما ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دىسە بۇ ھەقتە ھىچنىمە بىلمەيدىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردىم.  شۇ مەزگىللەردە ‹‹ تىبەت›› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ تەشۋىقاتىمغا لاھىيلىگەن خەرىتىگە ‹‹تىبەت››، ‹‹ شەرقى تۈركىستان›› دگەن ئىسىمنى يوغان قىلىپ يېزىپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدىم. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زىمىننىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزقىشىنى ناھايتى قىسقا ۋاقىتىلا ئاسانلا قولغا كەلتۈرەتتىم.

ئەسىلى سۈزۈمگە قايتسام ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيا مېدىياسىنىڭ ئاساسى تىمىسى بولۇپ كىلۋاتقانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دىسە ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمۇ كۈپەيدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىگە بولغان قارشى ھەرخىل ئىدى. ئۇيغۇرلارغا ھىسدشلىق قىلغۇچى بەزى كىشلەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغانسىرى كىشلىك ھۇقۇق جەھەتتە ئارقىغا چىكىندى، خىتاي ھۈكۈمىتى كىشلىك ھۇقۇقىنى ياخشىلسا خىتايدىكى ئۇيغۇر،تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كىشلىك ھۇقۇقى كاپالەتكە ئىگە بۇلۇپ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتمۇ بارا-بارا ياخشىلنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتى خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىىگە قارشى چىققانلىق شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خالقىئارادىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگنچىلىك ھەركەتلىرىنى باستۇرۋاتقانلىقىنى ئاقلاشتىكى  بىر ۋاستە دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. مەن بۇ كۆز قاراشتىكى كىشلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەملىشىپ شەرقى تۈركىستاندىكى گومىنداك ھۈكۈمىتىنىڭ قالدۇق كۈچىنى تازلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرىشىغا ياردەملىشىپ بىرىىپ 5 يىل ئىچىدە چىقىپ كىتىمىز دىگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەرلەرنى كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ چاغدا 40 مىڭ كىشلىك شەرقى تۈركىستان مۇنتىزىم ئارمىيمىز بولغانلىقىنى (ھەتتا مىنىڭ جەمەتىمدىن  شەرقى تۈركىستان ئارمىيسىدە گېنىرال بولغان مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم ) بۇ ئارمىينى تۈرلۈك يوللار بىلەن يۇقۇتۇپ ئاخىردا ئاپتۇنۇمىيە بىرىمىز دەپ ئاپتۇنۇمىيە نامى ئىپادىلەنگەن مۇستەملىكە مەنىسدىكى‹‹ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ›› دىگەن ئىسىمنى مەجبۇرى تاڭغانلىقى، بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە قەغەز يۈزدىكى ئاپتۇنۇمىيە بۇلۇپ ھىچقانداق ئەملىي كۈچ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قەدەممۇ-قەدەم خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراپ يەر يۈزىدىن يۇقىلىش گىردابىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ مەيلى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتى دەۋرىدە بولسۇن ھىچبىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەممۇ ئۇلارنى تازا دىگۇدەك قايىل قىلالمىغان ئىدىم. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ گىئوپولىتىك ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان كىشلەرنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ھەرگىزمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ بۇ قىرغىنچلىق، بۇ ئاسلىماتسىيە مەڭگۈ تۈگمەيدۇ، چۈنكى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ ئاخىرقى نىشانى مۇستەملىكە بولغۇچىنى مەڭگۈ ئۈزىگە قارشى باش كۈتۈرەلمەس قىلۋېتىش ھەتتا يىلتىزدىن يوق قىلۋېتىش دىگەنلەرمۇ بار ئىدى. مىنڭ قوللىغۇچىللرىم ئىچىدە ھەر ئىككى ئېقىمدىن كىشلەربولغاچقا ھەتتا بەزىللىرى سەن مۇستەقىللىق دەپ بەك كۈچلۈك تەشۋىق قىلساڭ ھەم بۇ نىيتىڭدىن يانمىساڭ مەن سىنىڭ پائالىيتىڭنى قوللىمايمەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇنداقلار بىلەن مەن خېلى كۆپ مۇنازىلەشتىم، بەزەنلىرىنى قايىل قىلسام بەزەنلىرىنى قەتئىي قايىل قىلالمىغان ئىدىم. دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بىلەن سالى خۇدايارنىڭ ‹‹ مۇستەقىللىق شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلدىغان بىردىبىر يۇلىدۇر›› ناملىق ئوبزور شەكىلدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن مېنى قوللاشتا ئىككىلىنىپ قالغان تور دۇنياسىدىكى تەقىپچىلىرىمغا ۋە گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرىمغا ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۇلار ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ ماقالنىڭ ناھايتى ياخشى دەلىل-ئىسپاتلىق ئىلمى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ يېزىلغانلىقىنى، ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرنىڭ ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن -بىر مېڭىشقا تىگىشلىك يول ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. مەن بۇ قايىل بولغان قوللىغۇچىمغا بەلكى يەنە نۇرغۇن كىشلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەس، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. ساڭا تەسىر قىلغان بۇ ماقالىنى مەن ئىمكانىيتىمنىڭ يىتىشچە گوللاندىچىگە تەرجىمە قىلاي، سەن تۈزۈتىپ بەر. ئاندىن بۇ ماقالىنى گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلايلى. تېخمۇ كۆپ كىشلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنى چۈشەنسۇن دىسەم، ھە بۇلىدۇ. مەن سىنىڭ بۇ پىكىرىڭنى قوللايمەن دىدى. پات ئارىدا بۇ ماقەلە گوللاندچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلدۇ. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىنى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن

يېزىلغان ۋاقتى 2021-يىلى8-ئاينىڭ 22-كۈنى

20 aug
0

گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلار فەيىسبوكتا ئۇچۇر قىلىپ ئۈزىنىڭ گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە تۇلۇق جاۋا بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنى ئاساس قىلىپ رەتلەپ ئېلان قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭلار.

 

1. قانداق كىشلەر سىياسى پانالىق تىلسە بۇلىدۇ؟
– ئۇرۇش، زوراۋانلىق، ھەرخىل ئاپەت يەنى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ياشاش ئىمكانىيتى بولمىغانلار
– سىياسى كۆز قارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلار
– مىللىتى، دىنى سەۋەبىدىن كەمسىتىلدىغانلار
– ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقانلار
– ھەمجىنىس بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىلدىغانلار

يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار پانالىق تىلەش سالاھىيتىگە ئىگە. بۇنداق سالاھىيەتكە ئىگە كىشلەر ئامىرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كىلىپ پانالىق تىلسە بۇلىدۇ. مەن ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدە توختىلىمەن. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېرقى قىرغچىنچىلىق يۈرگىزىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇرلار سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە 100% چۈشدۇ. مەن ئاساسلىقى گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم دەپ بىلگەن بەزى نوقتىلارنى سۇئال-جاۋاب ئاساسىدا تەييارلىدىم.

1- گوللاندىيەگە قانداق بېرىپ سىياسى پانالىق تىلەيمەن؟
گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلەش ئۈچۈن ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىلىپ پانالىق تىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەمما خىتاي پاسپورتى بىلەن گوللاندىيەگە ۋىزا ئىلتىماس قىلسا تەلەپ قىلدىغان ماتېرىياللار ۋە ۋاكالەت پۇلى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يول نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
يەنە بىر يول- دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا ئامىستېردامدىن ئايرۇپىلان ئالمىشىدىغان بېلەتنى سېتىۋالسىز. ئەمما ئامىستېردامغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىڭىزنىڭ تەلىينى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. باشقىلار ئايرۇپىلانغا چىقىرپ قۇيمەن دىسە پۇل بىرىپ قويمىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسغا چۈشۈپ كەتمەڭ. ئايرۇپىلانغا چىقىرىپ قالسا تەلىيىڭىزنىڭ كەلگىنى، ئامىستېردام ئايدۇرۇمىغا چۈشۈپ قەھۋەدىن بىرنى ئىچىپ دىمىڭىزنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇدۇل ئايرۇدۇمدىكى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەن ئۇيغۇر، گوللاندىيەدىن سىياسى پانالىق تىلەيمەن دىسىڭىز ساقچى ئۇدۇل ساقچىغانغا ئېلىپ بارىدۇ. سىزنىڭ قۇلىڭىزغا كويزا سالمايدۇ. سىزگە قۇپال مۇئامىلە قىلمايدۇ.ساقچىخانغا بارغاندىن كىيىن ساقچى خادىمى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قەھۋە ئىچەمسەن ياكى چايمۇ دەپ سوراپ سىزخالىغاننى ئەكىلىپ بىرىدۇ. بەزى ساقچىلار سىز راسىت خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرمۇ بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن دۇنيا خەرىتىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سەن قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭ؟ ماۋۇ خەرىتىدىن ئۈزەڭنىڭ دۆلىتىنى كۆرسىتىپ باق دەيدۇ. بۇ چاغدىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتمەي ۋەتەننىڭ ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن سىزنىڭ بارماق ئىزىڭىزنى ئېلىپ سىزنى تىراپۇل دىگەن پانالىق تىلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمە قىلىش مەركىزىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە سىز گوللاندىيە ئەدىلىيە خادىمى بىلەن سىياسى پانالىق ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارسىز. بۇ يەردە سىز سىرىتقا چىقالمايسىز. سىز يەيدىغانغا تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ھەقسىز بىرىدۇ. ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز سىزگە ئۇيغۇرچە تەرجىمان تەرجىمانلىق قىلىدۇ. بۇ سۆھبەت جەريانىدا سىز ختاي پاسپورتىدىكى ئىسمىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس بەلكى خىتايچە يېزىلغانلقىنى ئېنىق دەپ مەن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمەن دەپ سۆھبەت خاتېرسىگە كىرگۈزۋېتىڭ. بولمىسا خىتايچە پىنيىنچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىش بەك تەسكە توختايدۇ.ئاندىن سىزنى گوللاندىيەدىكى مالۇم بىر پانالانغۇچىلار تۇردىغان ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردۇ. ئائىلە بىلەن كەلگەن بولسىڭىز ئايرىم بىر ئۆيدە تۇرسىڭز. ئەگەر بويتاق بولسىڭىز ئوپچە ياتاق شەكىللىك ئۆيدە سىزگە ئوخشاش پانالىق تىلگۈچىلەر بىلەن بىللە تۇرسىز.ئەڭ ياخشىسى توي قىلمىغان بولسىڭىز توي قىلىپ كىلىڭ، بولمىسا يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بارماق ئىزى بىرشىڭىز شەرت. ھەرھەپتىدە ئادەم بېشىغا 55 ياۋرۇدەك پۇل بىرىدۇ. ئۆي ئىجارىسى، توك-سۇ پۇلى تۈلمەيسىز. سىزنى ساغلاملىق سۇغۇرتىسغا ئەزا قىلىدۇ. ھەرقانداق كىسىلىڭىز بولسا ھەقسىز داۋالىنالايسىز. بۇ ئارلىقتا گوللاندىيەنىڭ خالىغان يېرىگە بارالايسىز، ئەمما گوللاندىيەنىڭ سىرتىغا چىقسىڭىز بولمايدۇ.

2- سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل قىلىندۇ؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل بۇلشىغا ھىچكىم بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. بۇ سىزنىڭ ئەدىلىيە مىنىستېرلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىياسى پانالىق سۆھبىتىڭىزگە باغلىق. يەنى سىز سۆھبەت جەريانىدا سىياسى پانالىق تىلشىڭىز ئۈچۈن قانداق ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلكىڭىز ۋە قانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە باغلىق. بەزى ئۇيغۇرلار تىراپۇلدىكى سۆھبەتتىن كىيىنلا سىياسى پانالىق قۇبۇل قىلىش ئوقتۇرشىنى ئالغانلارمۇ بار.ئادەتتە 6 ئاي ئىچىدە سىزگە جاۋاب بىرىدۇ. رەت قىلىنسىڭىز يەنە داۋاملىق ئادۋۇكات ئارقىلق قايتا ئىلتىماس قىلىش ھەققىڭىز بۇلىدۇ. ئادۋۇكاتنىڭ ھەققىنى سىز تۈلمەيسىز گوللاندىيە ھۈكۈمىتى تۈلەيدۇ. ھەتتا ئادۋۇكاتىڭىز بىلەن كۈرشىش ئۈچۈن بېرىپ كىلىش ئۈچۈن پويىز، ئاپتۇبۇسلارغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىغان بىكارلىق كارات بىرىدۇ. خاتېرجەم بۇلۇڭكى ھىچقانداق ئۇيغۇرنى قايتۇرۋەتمەيدۇ. شۇڭا سىز جىدىيلىشىپ پانالىقىم قۇبۇل قىلىنمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. بۇ بىر ۋاقىت مەسلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋېرچانلىق بىلەن ساقلاڭ. بۇ جەرياندا ئىشلەشكە بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت گوللاندىيە تىلى ئۈگنىشنىڭ، كىتاب ئوقۇشنىڭ، چېنىقىشنىڭ، ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.

3. سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قىلدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز نىمە؟
سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىين سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىل ساقلايسىز. بۇ ئارلىقتا سىز خىتاي پاسپورتىدىكى خىتايچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ. يەنى خىتايچە پىنيىنچە ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭ. كىملىك كارتىڭىزغا ئۈزىڭىزنىڭ ئەسلى ئىسمىڭىز يېزىلىدۇ

3- سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆيگە ئىرشەلەيمەن؟
سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ بۇرۇن ۋەتەندە نىمە ئىش قىلغانلىقىڭىز، ئەمدى نىمىە ئىش قىلماقچى، قايسى شەھەردە ئولتۇرماقچى دىگەندەك تىمىلارنى ئاساس قىلىدۇ.سىزگىمۇ ئىنتېرناتتىن ئۆي تاللايدىغان بىر مەخپى نۇمۇر بىرىدۇ. بۇ مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق ئۈزىڭزمۇ خالىغان يەردىن ئۆي تاللاپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. بولمىسا ئۆزلىرى سىزگە گوللاندىيەنىڭ خالىغان يەرلىرىدىن ئۆي تېپىپ بىرىدۇ. ئائىلە بۇيچە كەلگەن بولۇپ باللىرىڭىز جىقراق بولسا چوڭ ئۆي بىرىدۇ. بويتاق بولسىڭىز بىر ئېغىزلىق ئۆي ياكى باشقىلار بىلەن بىللە تۇردىغان ئوپچە ئۆي، تەلىيىڭىز كىلىپ قالسا بەلكى چوڭراق ئۆيمۇ بىرىپ قالىدۇ. بۇ ئىشلارغا ھىچكىم ئارلىشالمايدۇ. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنشىڭىز كېرەك. بويتاق بولسىڭىز زىيان تارتىسىز.

4. ئۆيگە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىمەن؟
سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئوقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال سىزنى قۇبۇل قىلغان شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۆي توختامى ھەققىدە كۈرىشسىز. بۇ چاغدا سىزگە بېرىپ كىلشىڭزىگە قۇلايلىق بۇلشى ئۈچۈن ھەقسىز قاتناش كارتىسى بىرىدۇ. بېرىپ سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئۆينى كۈرسىز. سىزگە ئۆي بىزەشكە، شۇنداقلا ئۆيگە لازىملىق توڭلاتقۇ، كىرئالغۇر، تېلۋوزۇر، كارۋات، يوتقان-كۆرپە، قاچا-قۇچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغۇدەك پۇل بىرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 30 پىرسەنتىنى كىيىن ھەر ئايدا سىزگە بىردىغان ياردەم پۇلىدىن ئاز ئازدىن ئۈچ يىل تۇتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنى سىزگە ھەدىيە. گوللاندىيەدە باللارغا ھەرئايدا ۋە ئۈچ ئايدا بىردىغان بىردىغان باللار ياردەم پۇلۇ بىلەن ھەر ئۈچ ئايدا بىردىغان باللار پۇلىغا ئىلتىماس قىلسىز.ئۆيگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن سىزنى گوللاندى تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە ئىۋەرتىدۇ. بۇ سىزنىڭ كىيىن ئالى مەكتەپ، كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇشىڭىز ۋە خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىڭىز ئۈچۈن ھالقىلىق پەيىت.شۇڭا تىلنى ياخشى ئۈگىنىڭ.

5. خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئالغان دىپلوم بىلەن خىزمەت قىلغىلى بۇلامدۇ؟
خىتاي ئونۋېرسىتلىرىدا ئالغان دىپلوملارنى مەخسۇس دىپلوم باھالايدىغان ئورگاندىن باھالاپ دەرىجىسنى بىكتىدۇ. خىتاي دىپلوملىرى بىلەن ئادەتتە خىزمەت تاپماق تەس. ئەگەر ئىنگىلىزتىلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بولسا ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇيالايسىز. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىزغەرپ دۆلەتلىرىدە ئادەتتە مۇئاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.غەرپ دۆلەتلىرنىڭ دىپلوملىرى بىلەن ئىش تېپىپ ئىمكانىيتى ئاسانراق. بۇنىڭ ئۈچۈن يا ئىنگىلىز تىلىڭىزياكى گوللاندىچە تىلىڭىز ياخشى بۇلشى كېرەك.

5. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيتى بارمۇ؟
بار. سىز بۇرۇن تۇلۇق كۇرۇسنى ياكى ماگىستېرلقنى تاماملىغان بولسىڭىز، ئىنگىلىز تىلىڭىز ياخشى بولسا بىۋاستە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتتىن قەرىز ئېلىپ ئوقۇيسىز، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قەرىزنى ئاز-ئازدىن قايتۇرسىز. ئوقۇش جەريانىدا بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەش ئىمكانىيتى بار. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىز ئايلىق مائاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.

6. سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن باشقا دۆلەتلەردە قالغان بالا-چاقىلىرىمنى گوللاندىيەگە ئېلىپ كىلەلەمدىم؟
ھەئە ئېلىپ كىلەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم توي خېتى بۇلشى كېرەك. ئەگەر توي خېتى بولمىسا سىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنبىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتلاس ئارقىلىق ئائىلىڭىزنى ئېلىپ كىلەلەيسىز. ئۇلارنىڭ گوللاندىيەگە كىلىش ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بىرىدۇ.

6. سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قۇبۇل قىلنىپ بولغاندىن كىيىن ئائىلەمنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئېلىپ كىلەلەيمەن؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىز ئائىلە-ئەزالىرىڭنى ئەكىلىپ بىرىش ھەققىدە سۆھبەت قىلىدۇ. سىزدىن توي قىلغانلىق كىنىشكىسنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر توي قىلغانلىق كىنىشكىڭىز بولمىسا، يەنى ۋەتەندە قالغان بولسا بۇنى چۇقۇم سىز تۈنجى قېتىم سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلىش سۆھبىتىدە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك. ئەگەر ۋەتەندە توي قىلماي تۈركىيەدە ۋە ياكى باشقا بىرەر دۆلەتتە توي قىلغان بولسىڭىز، يەنى توي خېتى ئالماي، مەسچىتتە نىكاھ ئوقۇتقان بولسىڭىز، شۇ مەسچىتتىن ياكى ئىسلام دىنى ئورۇنلىرىدىن نىكاھ ئوقۇغانلىق ئىسپاتىڭىز بولسىمۇ بۇلىدۇ. باللىرىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن قارا قىلىدۇ. د ن ئا رىڭىز باللىرىڭىز بىلەن ئوخشاش چىقسا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىلىرى بۇلۇپ بىر قانچە ئاي ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تۇلۇق تاپشۇرشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مدتېرىياللارنى تۇلۇق تاپشۇرسىڭىز گوللاندىيە كۆچمەنلەر مىنىستېرلىكىدىن تىزراق ۋىزا ئىشلىرىنى بىجىرىپ بۇلۇپ سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. بۇ جەريانىدا ئائىلىڭىز ئۈزى تۇرۇشلۇق دۆلەتىتىكى گوللاندىيە ئەلچىخانسىغا بېرىپ كۈرشىدۇ، تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. ۋىزا چىققاندا خەۋەر قىلىدۇ. ۋىزىنى قويدۇرۇپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ.

7. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بولمىسا قانداق قىلىمەن؟
سىزنىڭ سىياسى پانالىق ئىلتىماسڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلىڭزدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بولمىسا ( ئۇلارنىڭ پاسپورتى يوقلىقىنى چۇقۇم تۈنجى قېتىملىق سىياسى پانالىق تىلەش سۆھبىتىدە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك )، ئائىلىڭىز خىتايدا بولسا ئەكىلىپ بىرەلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتتە بولسا شۇ دۆلەتتىكى گوللاندىيە ئەلچىخانسى بىلەن كۈرۈشسە شۇلار چىگىردىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بىرىدۇ. بۇ جەرياننى سىزگە گوللاندىيەدىكى سىزگە مەسئول خادىملار بىجىرىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھىچقانداق ھەق تۈلمەيسىز.

8.. مەن توي قىلمىغان، ئەمما توي قىلىشنى نىشان قىلغان قىز ياكى ئوغۇل بار. ئەگەر مەن بېرىپ سىياسى پانالىق تىلىسەم، نىشانىمنى گوللاندىيەگە ئەكىلىپ بىرەمدۇ؟
ئەگەر سىز ھەقىقەتەن توي قىلمىغان بىرسى بولسىڭىز سىز چۇقۇم تۈنجى قېتىم سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتىكى سۆھبەتتە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك، يەنى قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلسى، يېشى، جىنسى ، تۇغۇلغان يىل ئاي كۇن دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تۈنجى قېتىملىق سۆھبەتتە ئېنىق دىيشىڭىز بەك مۇھىم. بۇ ۋاقىتتا دىمگەن بولسىڭىز ئەكىلىپ بەرمەيدۇ. نىكاھ ئوقۇتقان بولسىڭىز،مەسچىتنىڭ نىكاھ ئوقۇغان ئىسپاتى بولسا يىتەرلىك. ئەگەر نىكاھمۇ ئوقۇمغان بولسىڭىز، ئەملىي ئەھۋالنى ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك. يەنى بىز مۇھەببەتلەشكەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر يەنى قارشى تەرەپ تېخى ئوقۇۋاتقان، ئوقۇشى تۈگمىگەن ئوقۇشى تۈككەندە توي قىلىمىز دىگەن. مەن بۇ ئارلىقتا گوللاندىيەگە كىلۋالدىم. سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ياردەملىشىپ ئەكىلىپ بىرشىڭلارنى ئۈمىت قىلمەن دەپ ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك.

9.ئونۋېرسىتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋىزر قويدۇرۇپ بارسا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلسا بۇلامدۇ؟
ھەئە، بۇلىدۇ. ئەگەر گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز چۇقۇم بارماق ئىزىنى گوللاندىيە ئەلچخانسىغا بىرشىڭىز كېرەك. دۇبلىن كىلشىمى بۇيچە بارماق ئىزىنى قايسى دۆلەتكە بەرگەن بولسىڭىز شۇ دۆلەتتە سىياسى پانالىق تىلەيسىز. ئەگەر فىرانسىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىستان، ۋىنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارماق بىرىپ مۇشۇ دۆلەتلەرگە ۋىزا ئېلىپ كىلىپ ئاندىن گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلسىڭىز،سىزنى قۇبۇل قىلماي قايسى دۆلەتكە بارماق ئىزى بەرگن بولسىڭىز شۇ دۆلەتكە قايتۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىشلىرى سەل مۇرەككەپ.

10.تۈركىيەدىن ياكى باشقا بىردۆلەتتىن خىتاي پاسپورتى بىلەن قايسى خىل ئۇسۇلدا گوللاندىيەگە بېرىپ سىياسى پانالىق تىلىيەلەيمىز؟
بۇ سۇئالغا باشتا جاۋاب بىرىپ بولغان، شۇنداتىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قۇياي. بىرىنجى خىل ئۇسۇلدا ئۈزىڭز تۇرۇشلۇق دۆلەتتكى گوللاندىيە ئەلچىخانسىغا بېرىپ ساياھەت ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر قىيىنراق ئۇسۇل. ئىككىنجى ئۇسۇل- ئافىرىقا دۆلەتلىرى، جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلىرى، ياكى رۇسيە ياكى مالايسىيا دىگەندەك دۆلەتلەرگە خىتاي پاسپورتىغا ۋىزا قويدۇرۇش ئاسان، بەزى دۆلەتلەرگە ئېلىكتىرۇنلۇق ۋىزا قودۇرالايسىز. ئاندىن شۇ بارماقچى بولغان دۆلەتلەرگە بېلەت ئالغاندا ئامىستېردام ئايرۇدۇمىدىن ئالمىشىپ ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىسڭز، ئەمما ئاۇرۇپىلانغا چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ بۇنى تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ، چىقىرىپ قالسا تەلىيىڭىز ئۇدۇل ئامىستېردامغا كەلگەندە پانالىق تىلسڭىز بۇلىدۇ.

11.تۇركىيە نۇپۇسدىكى ئۇيغۇرلارمۇ سىياسى پانالىق تىلىسە بۇلامدۇ؟
تۈركيە نۇپستىكى بولسڭىز بولمايدۇ ، ئەمما سىزدە ۋەتەندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭزنىى ئىسپاتلايدغان پاسپورت ، كىملىك دىگەندەك نەرسىلە بولسا، تۈركىيە ساقچىلرى تۇلا ئاۋارە قىلىپ تۇرلۈك باھانىلار بىلەن تۈرمىگە سۇلاپ قويغان ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا ھەم بۇنىڭغا ئىسپات بولسا قۇبۇل قىلىدۇ.

12. سىياسى پانالىق ئىلتىماس سۆھبىتىدە دىققەت قىلدىغان ئىشلار قايسى؟
سىياسى پاناھلىق ئىلتىماس قىلىپ، ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، چوقۇم شەخسەن بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش كىرەك. ھەرگىزمۇ ئومۇمى مىللەتكە كېلىۋاتقان قىسمەتنى ئۆزىگە تەدبىقلىماسلىق كىرەك. يەنى ” مېنى پالانچى ۋاقىتتا، پالانچى يەردە، مانچە ساقچىلار ئۇردى دەسسىدى، قىيىن قىستاققا ئالدى” دىگەندەك.
ھەرگىزمۇ “5- ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى قىرغاچقا مېنىمۇ چۇقۇم قىرىدۇ دەپ قورقۇپ قېچىپ كەلدىم” دىگەندەك ئەمەس.
كەچۈرگەن قىسمەتلەر چۇقۇم شەخسى كەچۈرمىش( ياكى ئائىلە بويىچە) بولۇشى كىرەك. ئۇرۇن، ۋاقىت، قاتناشقان ئادەم ئىسىملىرى قانچە ئېنىق بولسا شۇنچە ياخشى.
لوگىكىلىق سۇئال سورايدۇ: “ئەگەر سىز ھازىر قايتىپ كەتسىڭىز، سىزنى نىمە ساقلاپ تۇرىدۇ؟”
بۇنىڭغا شەخسى نوقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرەلەش كىرەك. ھەرگىزمۇ ئامما نامىدىن سۆز قىلماسلىق كىرەك.

يەنە بىر نوقتىنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى. ئۇ بولسىمۇ قايسى تىللارنى بىلىسىز دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىش.
نورمالدا ۋەتىنىمىزنى خىتتاي بېسىۋالغان بولغاچقا، بىزگە دۆلەت تىلى دەپ خىتتايچە تېڭىلغان. ھەر بىر ۋەتەندىن كەلگەن كىشى خىتتايچىنى يامىداپ بولسىمۇ بىلىدۇ.
ئەمما جىقلىرىمىز تەرجىمانلىققا بىرەر خىتتاينىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋەتەندە ئۇنۋېرسىتىت پۈتتۈردۈم دەيدۇيۇ، خىتتايچە بىلمەيمەن دەپ تۇرىۋالىدىكەن. بۇ لوگىكىغا چۈشمەيدۇ.
ئىشنىڭ ئاسىنى خىتتايچە بىلىمەن، ئەمما مەن ھىچبىر خىتتايغا ئىشەنمەيمەن، خىتتايچە سۆزلەشنى خورلۇق دەپ بىلىمەن، شۇڭا ئانا تىلىمدا ياكى بىلىدىغان باشقا تىلدا تەرجىمان تەلەپ قىلىمەن(ئەگەر باشقا تىلدا يۈكسەك سەۋىيەدە بولۇپ ئۆزىگە ئىشەنسە)” دىسىلام بولدى. ئۇلار سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىڭىزغا ۋە تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەم خىتتاي تەرجىماننى زورلىمايدۇ.

13. سۇئال: يىشىل كارت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن باشقا دۆلەتلەرگە بارغىلى بۇلامدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت باشقا دۆلەتلەردە تۇرالايمەن؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قۇبۇل قىلنىپ سىزگە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق كارتىڭىزنى بەرگەندىن كىيىن ساياھەت قىلىش پاسپورتىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بىر ھەپتىدە ساھايەت پاسپورتى ئالالايسىز. بۇ پاسپورت بىلەن خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە ۋىزا قويدۇرۇپ بارالايسىز. قايسى دۆلەتكە بېرشىڭىزدىن قەتئىنەزەر سىزنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 4 ھەپتە تەتىل ۋاقتىڭىز بار، مۇشۇ 4 ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە گوللاندىيەگە قايتىپ كىلشىڭىز كېرەك.

تەۋسىيە ئۈچۈن:
گوللاندىيەدە تېخنىك كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى كۆپ. مەيلى سىز قايسى تخنىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بۇلۇڭ، گوللاندىيە تىلىنى ياخشى ئۈگەنسىڭىزلا ئاسان خىزمەت تاپالايسىز. شۇڭا تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار ماشىنا، ۋېلسىپىت، تېلفۇن رېمىنىۇتچىلقى، سەتراچلىق، كىيىم تىكىش، سۇۋاقچىلىق، پىچىنە پىرەنىك پىشۇرۇش دىگەندەك كەسىپلەرنى ياخشى ئۈگەنسىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئىش قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئوقۇپ بۇلۇپ تارقىتىپ قۇيۇڭ. يەنە سورايدىغان سۇئاللىرىڭىز بولسا داۋاملىق تۇلۇقلاپ قۇيمەن. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارمۇ سىلەرمۇ ئۈزەڭلار تۇرغان دۆلەتلەردە سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدكى ئۇچۇرلارنى يېزىپ ئېلان قىلىڭ. باشقىلار پايدىلانسۇن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇلغان سۇئاللار ئاساسىدا 8-ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە تۇلۇقلاندى. كەم قالغان سۇئاللار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار داۋاملىق تۇلۇقلىندۇ.

17 aug
0

نىمە ئۈچۈن قۇدرەت بارات، ئىسكەندەر ھاپىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار فەيىسبوك مۇلازىمتى تەرپىدىن چەكلىندۇ؟

نىمە ئۈچۈن قۇدرەت بارات، ئىسكەندەر ھاپىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار فەيىسبوك مۇلازىمتى تەرپىدىن چەكلىندۇ؟

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن زىناخورنى تۇتساڭ جۇپتى بىلەن – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلىردىن

2021-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى نىدا دەۋەت مەركىزدىن ئابدۇقەيىيىم قۇدۇس ئۇستاز ئۈزىنىڭ فەيىسبوكىدا پەيغەمبرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھىسالامنىڭ بىر ھەدىسىنى رەسىم ھۆججەت شەكىلىدە يوللىدى.

 

مەن بۇ ئۇستازنىڭ يازمىللىرىنى ئۇقۇپ مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ كىلىۋاتقان بىر ئۇقۇرمەن بۇلۇش سۈپتىم بىلەن ئىنكاس شەكىلدە پەتىۋا سوراپ توردۇنياسىدىكى دىنىي تونغا ئورىنۋالغان سىرلىق شەخىس ئىسكەندەر ھاپىزنىڭ ( ھەقىقى ئىسمى قۇدرەت بارات ) «ئۇيغۇر قەۋىمى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچۇرغان قەۋىم، شۇڭا ھىچ ئىشى ئوڭدىن كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرقەۋىمى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھنى ئۈتە نېرى دىيىشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدۇ» دىگەن يازمىسى بىلەن « ئۇيغۇرلاردا دوپپا بايرىمى دەپ بايرام يوق، ئۇ يېڭى چىققان ھادىسە، مۆمىن ئۈچۈن قۇربان ھېيىت بىلەن رۇزى ھېيىتتىن باشقىسى بايرام ئەمەس» دىگەندەك ئۇيغۇرلۇقنى، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئىنكار قىلدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاخىرى چىقمايدىغان ئىچكى -جىدەل ماجىراغا باشلايدىغان يازما يازغان بۇ سىرلىق شەخىس ھەققىدە پەتىۋا سوراپ بۇنداق دىنىي تونغا ئورىنۋالغان ساختا دىندارلارنىڭ ئىسلامدىكى ھۈكۈمى نىمە؟ دەپ سۇئال سوراپ ئىسكەندەر ھاپىز ( يەنى قۇدرەت بارات ) نىڭ يازمىسنى رەسىم ھۆججەت شەكىلدە يوللىدىم.

                                                 

ئەپسۇس بىر قانچە سائەتتىن كىيىن فەيىسبوك مولازىمىتىدىن سىز يوللىغان بۇ يازما بىزنىڭ فەيىسبوك قائىدىمىزگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلەندى دەپ ئۇچۇر كەپتۇ. تۈۋەندىكى رەسم بۇ ھەقتىكى ئىسپات.

                                     

 

ئەگەر يۇقارقى مەن يوللىغان يازما فەيىسبوكنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ بولسا نىمە ئۈچۈن ئىسكەندەر ھاپىز نامىدىكى قۇدرەت بارات يوللىغاندا چەكلەنمەي ئەمما مەن يوللىغاندا چەكلىندۇ؟ فەيىسبوك مۇلازىمتى ئىلگىرىمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى يوللىغان بىر قانچە ۋېدىيو ۋە رەسىملىرىمنى چەكلەپ قويغانتى. لىكىن قۇدرەت باراتنىڭ مەن رەسىم ھۆججتى شەكىلدە چاپلاپ قويغان يازمىسى خىتايغا قارشى ئەمەس ئەمما ئۇيغۇرغا قارشى تۇرسا نىمە ئۈچۈن چەكلەپ قۇيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ چۈنكى قۇدرەت باراتنىڭ سىرلىق ئىككى يۈزلىمچىلىك بىلەن فەيىسبوكتا ئۇيغۇرلار ئارسىغا سالغان يۇقارقىدەك ئىچكى -ماجىراغا ئائىت يازمىلىرى تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ئارسىدا كۈچلۈك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقتىدا بۇ ئادەم كىمدۇ؟ بۇ ئادەمنى تۇنۇيدىغانلار بارمۇ؟ بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىغا زىدىيەت، ئىچكى -جىدەل ماجىرا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشپىيۇنى ئىكەن بۇنى چۇقۇم ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك دەپ بۇنىڭ ئىزدېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەنلەر كۆپ بولغان.

                                                                     

ئەمما مەن بۇ ئىسكەندەر ھاپىز نامىدىكى سىرلىق شەخىس قۇدرەت باراتنى 100% ئىسپات بىلەن تۇتۋالسام بۇنى ئاقلايدىغان، قانات ئاستىغا ئېلىپ مېنى ئەيىپلەيدىغانلارنىڭ چىقىشى مېنى چۇڭقۇر ئويغا سالسا، قۇدرەت باراتنىڭ توردۇنياسىدا 10 نەچچە ئىسىم بىلەن يازما يېزىپ ئۇيغۇرلارنى ئىچكى جىدەل -ماجىراغا سېلۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئارقىسدا ئاجايىپ سىرلىق قوللارنىڭ بارلىقى مېنى تېخىمۇ ئەجەپلەندۇردى. بۇ ھەقتە ئابدۇغېنى سابىتنىڭ يېقىن دوستى تور دۇنياسىدىكى ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان ئابدۇلئەھەت ئەمىر قۇتلۇقنىڭ ۋاتىسئەپتە ئاۋزالىق كۈرۈشكەندە دەلىل -ئىسپات بىلەن سۆزلەپ بەرگىنى بۇنىڭ ئىسپاتى. بۇ ئاۋازلىق پاراڭ خاتېرسنى مەن ساقلاپ قويغان.
دىمەككى قۇدرەت باراتنىڭ كەينىدىكى سىرلىق قوللار بۇ ئۈزىگە چېتىشلىق شەخسنىڭ ئاشكارىلنىپ قېلنىشدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلماقتا. بۇلارنىڭ قارا قۇلى فەيىسبوك مۇلازىمتىگىچە سۇزۇلماقتا. قۇدرەت بارات ھەققىدە توختىماي يازمىلارنى يازغاننىڭ ياقى ھەتتا بىردانە قول كومپىيۇتېرىممۇ خاككىرنىڭ ھۇجىمغا ئۇچراپ كىرەكتىن چىقتى.

يېزىلغان ۋاقتى: 17-08-2021

15 aug
0

ئومۇميۈزلۈك ھەركەتلىنىش ھەققىدە تەۋسىيە

ئومۇميۈزلۈك ھەركەتلىنىش ھەققىدە تەۋسىيە

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئۈزەڭ يىمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چۇقار تېنىڭنى
ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن

ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تۈرك مېدىياسىدا ئېلان قىلنىشى بىلەنلا ، ئۈلۈشكۈن خىتاي ھۈكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنى سۆزلىتىپ ئۇنىڭ تىرىكلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ۋېدىئو چەتئەلگە نەدىن، قانداق تارقالدى، بۇنى بىلمەيمەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ھەرخىل قىياسلارنى قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسى ئۇيۇنى ۋە ھەتتا سۈيقەسىت نەزىريىسىگىچە تەھلىل قىلىشتى. ئىلگىرىمۇ نۇرتاي ھاجىم، خالمورات غۇپۇر، تاشپۇلات تىيىپلار خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا ئۈلۈپ كىتىپتۇ دىگەن خەۋەر تارقالغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە شىھىدلىك مەرتۋىسىگە يىتىشنى تىلەپ دوئا – تىلاۋەت قىلساق، بەزىلىرىمىز خۇددى ئاللاھنىڭ بۇ دۇنياغا تەيىنلىگەن قازىلىرىدەك: ئۇلار قانداق شىھىد بۇلىدۇ؟ ئۇلار دىگەن كومۇنىست تۇرسا، ناماز ئۇقۇمسا… دىگەندەك پىتنە تارقىتىپ، بىھۇدە تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلىپ، زېھنىمىزنى خوراتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ خالمورات غۇپۇر، تاشپۇلات تىيىپلارغا كىچىكتۈرۈپ ئۈلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەرلىردىن ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ئاز-تولا تىنغان بولدى.


خىتاي شەرقى تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگىرلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە تاقىتىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار، ھەتتا بەزى شەخىسلەر قولىدىن كىلىشچە تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي نۆۋەتتە بۇ لاگېرلارنى تاقايدىغاندەك ئەمەس. ب د ت ، ياۋرۇپا ئىتپاقى، خەلىقئارا جەمئىيەتلەرمۇ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈملۈك چارە قوللىنالمىدى. بىز يەنە توردىكى سىياسى مۇلاھىزچىلەرنىڭ ئارگىنتنادا ئېچىلغان يىغىن ۋە ب د ت نىڭ ئامېرىكىدا ئېچىلغان يىغىنىدا ئامرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇلاھىزلىرىنى ئوقۇغاندا بىرەر خۇشخەۋەرنىڭ بولۇشىنى كۈتكەنتۇق. ئەپسۇس ئۇنداق بولمىدى، پەقەت خىتاي بىلەن 90 كۈنلۈك سودا كىلشىمى ھەققىدە تېرە تارقشىتىشلا بولدى، 90 كۈنلۈك مۆھلەتمۇ توشاي دېدى، خىتاي يەنە ۋەدىسگە ئەمەل قىلمىدى. دېمەككى، ئۆزىمىز بىر ئىش قىلماي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرسەك، روھىمىز سۇنغىنى سۇنغان، كۆڭلىمىز پەرىشان بولغىنى بولغان. بۇ مىنىڭ چەتئەلدىكى 11 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىمدا يەكۈنلىگەن خۇلاسەم. شۇڭىمۇ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلاي، ئاۋازسىز قالغان خەلقىمنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتاي دەپ 7 ئايدىن بېرى شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى يالغۇز تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ كىلۋاتمەن، گەرچە چوڭراق بىر ئىشنى روياپقا ئېلىپ چىقالمىغان بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمدىن رازىمەن. تەشۋىقاتىمنى كۆرگەن چەتئەلىكلەر بىزگە قىزىقىپ، مۇشۇ دەۋردىمۇ خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، بۇلۇپمۇ كۆزگە كۈرۈنگەن مىللەت سەرخىللىرىغا ئېچىنىپ، ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ ماڭا تەسىللىي بىرىدۇ، كۆز يېشى تۆككەنلىرىمۇ بولدى. بۇنىڭدىن تەسەللىي تاپىمەن ھەم نامايىشىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادەم تېخمۇ كۈچىيدۇ.
قانداق قىلساق ۋەتىنىمىزىدكى جازا لاگېرىنى تاقىغۇزالايمىز؟ دېگەن مەسىلىنى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. نامايىش جەريانىدا گوللاندىيە پارلامىنىت ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سوراپ بىلىۋالغانلىرىمنىڭ ھازىرمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇلار ماڭا دېدىكى، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ساڭا ئوخشاش ھەرىكەت قىلسۇن، ئاتا-ئانسىنىڭ ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ پارلامنىت بىناسىنڭ ئالدىدا ياكى خەلىق مەيدانلىرىدا ئىزچىل نامايىش قىلسۇن، شۇ چاغدا پارلامنىت ئەزالىرى ۋە يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايسىلەر، ئۇلارپارلامېنت ئەزالىرىغا بېسىم چۇشۇرىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ھۈكۈمەتكە بېسىم قىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە يالغۇز قارشى تۇرالمىغان بىلەن، بىز ياۋرۇپا ئىتپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ياۋرۇپا پارلامىنتى ۋە ب د ت دا ئوتتۇرغا قويۇپ، ياۋرۇپا ئىتپاقى بىلەن ب د ت نى ھەركەتكە كەلتۈرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ ھەركەتلىنىشىڭلار، ئۈزەڭلارنىڭ پىداكارلىقى، جاسارىتى، ئىرادەڭلارنى ئىزچىل نامايەن قىلشىڭلار كېرەك، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.


ئابدۇراھمان ھەسەن قوزغىغان گۇۋالىق بىرىش قىزغىنلىقى نەتىنجسدە ھازىرغىچە 1000 دەك ئادەم گوۋاھلىق بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرىق قىلغان، نۇرۋېگىيە ئۇيغۇر كومتىتى تەييارلىغان «غايىپلارنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇپ تىزىملاتقان ئادەم سانى 3500 ئەتراپىدا. دىمەك بۇ سان بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت ئېلان قىلغان “بىر مىليۇن ئۇيغۇر جازا لاگىرىدا” دىگەن ساننى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەلىل بولالمايدۇ. بۇ ساننى بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تولدۇرمىساق باشقا كىم تولدۇردۇ؟ قازاق، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزجېنىدا خىتاينىڭ جازا لاگىرىدىكى ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ، ۋېدىئولاردا سۆزلەپ، ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شاڭگاڭدىكى خىتاي زىيالىلىرىمۇ ئۈزنىڭ ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرنىڭ تاقىلشى ئۈچۈن نامايىش قىلدى. ئەمما بىزنىڭ زىياللىلىرىمىزچۇ؟ گەپنى كۆپ قىلدى، يىغىن ۋە لىكسىيەلەر كۆپ بولدى، ئەمما ھەرىكەتكە كەلگەندە بوشاپ قالدى؛ تورلاردا تەكلىپ -تەۋسىيەلەر بولدى، ئەمما ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىدى.


يالغۇز كىشلىك نامايىشىمدا، جازا لاگىرىغا كىرىپ كەتكەن مەشھۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۈرۈپ ھەيران قالغان، ھەتتا ياش تۆككەن ئىنسانلارنى جىق كۆردۇم. دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر، ھالبۇكى شۇ مېھرى مۇھەببەتنىڭ تارىسنى چىكىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يەنلا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق. چەتئەللەردە ئوقۇپ كاتتا ئۇنۋانلارنى ئېلىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئۈزىنىڭ ئىشدىن باشقا ئىشقا بىپەرۋا يۈرۋاتقانلار، ئەمدى بېشىمىزنى سىلكىۋېتەيلى، ئۇيقىمىزنى ئاچايلى. خىتايلارنىڭ جازا لاگىرلىردا ئازاب چېكىۋاتقان شۇ زىيالىيلار ئەجىبا سىلەرگە ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگەنمىدى؟ يازغان كىتابلىرى، سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سىلەرگە ھېچ تەسىر قىلمىغانىدى؟ ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى چەتئەلگە چىقىشقا نېسىپ قىلمىغان بولسا، ھالىڭلار نېمە بولار ئىدى؟ زىنداندىكىلەرنى ئويلاڭلار، ئۆزەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاڭلار. ئەگەر زىنداندا بولغان بولساڭلار، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىت كۈتۈپ يۈرەر بولغىيتىڭلار، ب د ت، ياۋرۇپا ئىتپاقى، ۋە ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى بىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەركەت قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىڭلار. چۈنكى مەنمۇ ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا چەتئەل توغرۇلۇق كوچا خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىزنى ئازاد قىلىدۇ دەپ يۈرەتتىم. چەتئەلگە چىقىپ بىلدىمكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تا ھازىرغىچە ئۈزىمىزنى ئازاد قىلالماي، ئىچكى تەپرىقچىلىقنىڭ ۋاباسىدىن قۇتۇلالماي يۇرۋاتىمىز.
زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ يولباشچىلىرىدۇر، قەلبلەرگە نۇر-زىيا چاچقۇچىدۇر، ئەڭ مۇھىمى ئىشنى ئوڭشاپ قىلغۇچىدۇر. زىيالىيلىرىنىڭ يىتەكچىلكىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلق يىرتقۇچنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قويلاردەك تەرەپ تەرەپكە چېچىلىپ كىتىدۇ. چەتئەللەردىكى زىيالىيلىرىمىز يىتەكچىلىك رولنى جارى قىلدۇرالمىغاچقا، ھەر تۈرلۈك يولباشچىلار چىقىپ، تەرەپبازلىق، تەپرىقچىلىق كۆپىيىپ، كۈچىمىز چېچىلىپ، داۋايىمىزنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنىمۇ دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىمىز. ھەققانىي داۋايىمىزنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن ئەرزۇ ھالىمىزنى ھەر ۋاقىت بايان ئەيلىشىمىز، ئاخبارات ئۇرۇشى داۋامىدا پەيدا بولغان يېڭى خەۋەر، يېڭى ھىيلە-نەيرەڭلەرگە سەگەك بولۇشىمىز، خىتاي ھىيلە ئىشلەتسە بىزمۇ ئەقىللىق بولۇپ، ئۇنى قارشىسىدىن چىقىپ مات قىلالىشىمىز كېرەك. سەنئەتكارىمىز ئابدۇرەھىم ھېيىت ھەققىدىكى خەۋەر سۈيئىستېمالىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەزىزلىرىمىز مەيلى ھايات بولسۇن، تىرىك بولسۇن، خىتاينىڭ قولىدىكى تۇتقۇندۇر ۋە خالىسا ئويناپ قويىدىغان بىر پېچكىدۇر. ئۇلارنىڭ ھاياتى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ھايات-ماماتى قىل ئۈستىدە. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن، ئەسىرئىكەنلىكى، قاسساپنىڭ قوتىنىدىكى قويدەك يېتىۋاتقانلىقى ئېنىقتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۆزىمۇ ئاشكارىلىدى. شۇڭا مەن مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۈكۈمىتىگە “مىنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى نەردە؟ ئۇلار ھاياتمۇ ياكى ئۆلدىمۇ؟ ئابدۇرېھىم ھېيىتنى سۆزلەتكەندەك سۆزلەتمەمسەن؟ مەن بىلەن نىمە ئۈچۈن نورمال ئالاقە قىلدۇرمايسەن؟ ئۇلارنىڭ گۇناھىي نىمە؟” دەپ ۋېدىئولۇق سۆزلەپ تارقىتىمەن. ئاندىن مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ: ” بۇلار ھاياتمۇ؟ ئۆلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھىي نىمە؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ھېيىتتەك سۆزلمەيدۇ؟” دەپ قىسقا ۋىدىيۇ تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويىمەن. بىز ئەمدى ئاتا ئانىمىز، ئورۇق تۇققانلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە خىتاي ھۈكۈمىتىدىن ئۇلار ھەققىدە ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭكىدەك مەلۇمات بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋىدىيو ئىشلەپ، تورلاردا تارقاتساق ئۈنۈمى بۇلىدۇ. بولسا بۇ ئىشتا ئۇيغۇر زىيالىلار باشلامچىلىق قىلىپ مىللەتكە ئۈلگە كۆرسەتسە تېخمۇ ياخشى بولاتتى. ھىچ بولمىسا زىيالىلىرىمىز جازا لاگىرىغا كىرىپ كەتكەن مەشھۇرلىرىمىز ھەققىدە مەلۇمات بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋېدىئولۇق سۆزلەپ تارقاتسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ خەلىقئارانى ئالداۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئىسپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ياۋۇزئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلىيالايمىز.


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 100 يىل بۇرۇن بىزنى ئويغىنىشقا چاقىرغان ئىدى، ئەپسۇس 100 يىلدىن كىيىن يەنە بىز غەلپەت ئويقىسدا.
ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!
ئويلان ئۇيغۇر !!! ئات ئۈستىدە قامچا ئوينىتىپ، قېلىچ ۋە قالقان بىلەن ئىمپىرىيە قۇرغان، خىتاينى سەدىچىن سېپىلنى سۇقۇشقا مەجبۇرلاپ مۈشۈكتىن قوققان ساچقاندەك ياشاشقا مەجبۇر قىلغان، شانلىق مەدەنىيەتنى ئاپىردە قىلىپ ئىنسانىيەت غەزىنىسگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەتنىڭ ئەۋلادى سەن. سەن تارىخڭغا نەزەر سال، شانلىق تارىخ ياراتقان خەلىق يەنە شۇ تارىخنى يارتىشقا قادىر. بۇنى پەقەت سەنلا يارتالايسەن. چۈنكى بۇ روھ سەندە بار. روھىڭ سېنى ھەركەتكە كەلتۈرسۈن.ئۈلۈم گېردابىدا يۇقىلىشقا يۈز تۇتقان مىللىتىڭ سىنىڭ ھەركەتلىنىشىڭنى، قۇتقۇزشىڭنى كۈتمەكتە. ساڭا تەلمۈرمەكتە.يەنە نىمدىن ئىككىلنىسەن. ھەركەتكە ئۆت.

2019/02/14 18:27 دا تەھرىرلەندى

 

15 aug
0

مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامنى ئەسلەيمەن

مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامنى ئەسلەيمەن

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنىت-شىكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تۇلۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسى يۇرۇيتى.

بۇ غەپلەت زامانى ئەمەس، ئويغىنىش زامانىدۇر

ئابدۇقادىر داموللام ھىكىمەتلىرىدىن

 

بۈگۈن 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنى زامان تارىخدىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم، ئۈزىنىڭ جەدىتىچىلىك ئىدىيسى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچى مەرىپەتچى،ئۈزىنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام قەتلى قىلىنغان كۈندۈر. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلى قىلىنىشى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخدىكى ئەڭ زور يۇقىتىش.

ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەت يەنى  قاراخانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خاقان – سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىي دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جايدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك پەرىپەتپەرۋەر كىشنىڭ ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن.

                                                                     

ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەشھەتىكى <<ھەزىرتى سۇلتانىيە>> مەدىرىستە ئالغان. 15 يېشىدا قەشقەردىكى ئالى بىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدىرىسكە ئوقۇغان ۋە تېخمۇ يۇقىرى ئوقۇش ئۈچۈن  بۇخاراغا بېرىپ بىر قانچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇخارادىكى ۋاقىتلىرىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەيۇم جەۋزىيى، جامالىدىن ئافغانى، ۋە شەيىخ مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان. بۇخارادىكى جەدىچىلىك مائارىپى ئۇنىڭ ئىدىيسىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان. 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ بىر مەزگىل مۇددەرسىلىك قىلغان. 1906-يىلى ھەج قىلىش نىيتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. ھەج پەرىزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇنيا سىياسى ۋەزىيتىنى كۈزتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئاندىن مىسىرغا بارغان. مىسردىكى ۋاقتىدا داڭلىق مۇتەپپەككۇر ،ئىسلام ئالىمى، سىياسەتچى شەيخ رەشىد رىزا، << ئەللىۋا >> گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىياسەتچى، يازغۇچى ۋە گېزىتچى مۇستاپا كامىل پاشا قاتارلىق زاتلار بىلەن كۈرشۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئابدۇقادىر داموللام پىكىرى ئۆتكۈر،بىلىمي مول، ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى بۇلۇش سۈپتى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردىكى تەرەققى پەرۋەر كىشلەر، ئىسلاھاتچىلار بىلەن چۇڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ ئۈزىنىڭ ئىسلاھات نىيتى بولغان جەدىچىلىك مەكتەپلەرنى ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ جەدىچىلىك ئىدىيسى ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى قەشقەردىكى ئۇچىغا چىققان مۇتەسسىپلەرنىڭ قارشىلقىغا ئۇچۇرراپ چەتكە قېقىلىپ يىتىم قالدۇرۇلغان. نەتىنجىدە ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇرالماي 1909-يىلى يەنە قوقان، تاشكەنىت، بۇخارا تەرەپلەرگە چىقىپ بىرمەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ جەدىچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچ << جەۋاھىرۇل-ھىقان>>، << مىفىتاھۇل-ئەدەپ>> قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرپلا قالماي گېزىتلاردا بىر قىسىم ماقاللارنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ئۈزىنىڭ نۇپۇزىنى تىكلىگەن. ئابدۇقادىر داموللام 1911-يىلى ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىگە كەلگەن. غۇلجا تەرەققىيات ۋە يېڭىچە مائارىپنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ ئالدى ئىدى. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر بار ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام ئۈزىنىڭ جەدىچىلىك پىكىر بۇيچە بۇ مەكتەپلەرگە دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈررۈپ ئوقۇتۇش پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ <<ئۇسۇلى جەدىت نىڭ ئەنئەنۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. غۇلجىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۈزى بىلەن پىكىرداش كىشلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىدۇ ۋە سىياسى ۋەزىيە ھەققىدە كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇردۇ. 1912-يىلى ئابدۇقادىر داموللام ئۈزىنىڭ جەدىچىلىك ئىدىيسىنى قەشقەردىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە قەشقەرگە يىتىپ كىلىپ ئىشنى ئالدى بىلەن مائارىپتىن باشلاپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماقچى بۇلىدۇ. قەشقەرنىڭ شۆھرىتى گەرچە تارىختا ئىلىم-مەرىپەت سۈپتىدە دۇنياغا تۇنۇلغان بولسىمۇ كىيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە جاھالەت تۇمانلىرى قاپلىغان بۇ قەشقەر زىمىندا تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھاكىميتىنىڭ زۇلمى ئاستىدا خارلىنپ نادانلىق، قۇللارچە ئىتائەتمەنلىك ھايات كەچۈرۋاتقان خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چەكسىز ئېچىندۇ. ئۇنىڭ شۇڭا جەدىيچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك قارشىلىقلارغا ئۇچىرايدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام 1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىدۇ.بۇ سەپەر جەريانىدا ئۈچ يىلدەك ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىللىردە كۈزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئويلىنىش ئىچىدە ئاخىرى 1921-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ قەشقەرەە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭىلىققا تەلپۈنگەن قەشقەر ياشلىرى قەشقەردە << ياش قەشقەرلىكلەر>> نامىدا بىر تۈركۈم جەدىچى روھتىكى زىيالىلار بارلىققا كىلىدۇ. بۇ ئارلقتا ئۈزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى << نەسھەتى ئامما>> نى يېزىپ باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ ئەسەر ئىدىيسىنڭ ئىلغارلىقى، تىلنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدېلوگىيسى ۋە ئەدەبىيات تارىخدىكى تۈنجى ۋەكىللىك ئەسەر بۇلۇپ بۇ ئەسەرنىڭ تەسىردە كىشلەردە مىللىي ئاڭ ئويغىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خەلىق ئىچىدە ئەڭ مۆتىۋەر زاتلاردىن بۇلۇپ تۇنۇلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىردە قەشقەردە مەنىۋە جەھەتتە جانلىنىش مەنزىرسى پەيدا بۇلىدۇ. ئۇنىڭ زور تىرىشچانلقى ئارقىسدا قەشقەردىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كىلىپ كىشلەر ئارسىدا مىللەتچىلىك ئاڭلىرى شەكىللىندۇ. قەشقەردىكى مۇتەسسىپ موللا، قازى، ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جەدىچىلىك ھەركىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇردۇ.

قەشقەردە شىۋىت خىرىستان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى دىن تارقىتىش ھەركىتىگە قارشى 1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەرقايسى مەدىرىسلەردىكى تالىپلارنى تەشكىللەپ كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ مىسيۇنىرلارنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆيدۈرۇپ تاشلىغان، باسما ماشىنىللىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. بۇ نامايىشتىن قەشقەردىكى ئەنگىلىيە، شىۋېىت، روس كونسۇلخانلىرى قاتتىق بىئارام بولغان. ئۇلار قەشقەر دوتىينى كۈشكۈرتىپ  ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يېڭى مائارىپ، ئويغىنىش پائالىيەتلىرىنى تۇسۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بېسىم قىلغان. قەشقەر دوتىينىڭ پۇختا پىلانلىشى بىلەن مۇتەسسىپ، ساتقىن، ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىللىرى تەرپىدىن سېتىۋېلىنغان ئەھمەد مەزىن دىگەن قاتىل مەلئۇن شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخدىكى مەشھۇر ئىسلاھاتچى، مىللىتىمىزنىڭ سەرخللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللامنى 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 62 يېشىدا قەستلەپ پىچاق بىلەن بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلنىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ززور بىر يۇقۇتىش بۇلۇپ، بۇ قانلىق ۋەقە پۈتكۈل ئورتا ئاسىيانى زىلزىلگە سالغان. بۇ كۈن ئۇيغۇرلار تارىخدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كۈن. بىز بۇ كۇننى ئابدۇقادىر داموللامنى چۇڭقۇر ياد ئىتىش ئىچىدە ئەسلەيمىز ۋە روھىغا دۇئا قىلىمىز.

10 aug
0

نىمە ئۈچۈن تىۋېتىر ھىساباتىم توختۇتۇلۇپ قۇيۇلدى؟

نىمە ئۈچۈن تىۋېتىر ھىساباتىم توختۇتۇلۇپ قۇيۇلدى؟
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تىۋېتىر ھىساباتىمدا مەشھۇر ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى باياناتچىسغا خىتاپ قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتى بىزدە جازا لاگىرى يوق. بىزئۇيغۇرلارنى تېخىنىك كەسىپلەر بۇيچە تەربىيلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز ۋە قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرىمىز دەپ دۇنيانى ئالداۋاتسەن! ئۇنداقتا ماۋۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمىتى بار،بۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى يۇقىرى، بۇلارنىڭ تېخنىك كەسىپلەرگە ئېھتىياجى بارمۇ؟ بۇلار قەيەردە دەپ تىۋېنتېرغا چىقارسام يېرڭم سائەتتىن كىيىن تېۋېنتىردا مېنى چەكلىپ قۇيۇپتۇ ھەم ماڭا ئەگىشىدىغان ھەممە ئادەملەرنى يۇيۇپ 0 قىلىپ قۇيۇپتۇ. بۈگۈنكى تىۋېتىردىكى بۇ قىسقا ئۇچۇرۇم ئىس تۈتەكسىز تەشۋىقات ئۇرشدا خىتاي ھۈكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم شەرمەندە قىلدى.
                                        
waqti : 14-03-2019

10 aug
0

جەنۋەدىكى 5000 كىشلىك نامايىش ۋە جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل

جەنۋەدىكى 5000 كىشلىك نامايىش ۋە جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا خىتاي فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ فالۇڭگۇڭچىلاغا قىلغان زىيانكەشلىكىنى توختۇتۇش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىمزا قويدۇرۇپ، مەلۇم سانغا يەتكەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىردىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ قالدىم. نۇرغۇن ساياھەتچىلەرمۇ سەنمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ھەققىدە فالۇڭگۇڭچىلاردەك بىرەر ئىمزالىق جەدىۋەل قىلساڭ، سەنمۇ ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئېلىپ بارساڭ دىگەندەك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. بۇنداق ئىمزالىق جەدىۋەلنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە كىشلىك ھۇقۇق ئادۇۋكاتلىرىدىن سوراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ دىيىشچە بۇ ئىمزالىق جەدىۋەل مەلۇم چەككە يەتكەندە ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىىتلىرىغا يوللانسا ئۇلار بۇنىڭغا جىددى مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەم بۇنىڭ خىتايغا قارىتا بىرەر ھەركەت قوللىنىشتا كۈچلۈك ئىسپات بۇلدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
مەن دەرھال خىتاي فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ ئىمزالىق جەدىۋېلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى تاقاش، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قۇيۇپ بىرىش، شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ھەققىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ۋە ياۋرۇپا ئىتپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللىندىغان ئىمزالىق جەدىۋەلنى مەمتىمىن ئەلا، نۇرگۇل ساۋۇت خانىمغا لاھىيلىتىپ تەييار قىلدىم. بۇئىمزالىق لاھىيەدە بىرەر مەسلە چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمگە ئىۋەرتىپ كۈرۈپ بېقىشىنى ۋە تەكلىپ- پىكىرلەرنى بىرىشنى ئۈتىندىم. دولقۇن ئەيسا كۈرۈپ بۇ لاھىيەنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئەمما بەزى يەرلەرنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى ۋە ئۈزىمۇ بۇ پائالىيتىمنى قوللايدىغانلىقىنى ئىمزا مەلۇم چەككە يەتكەندە بدت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتى بىلەن ئالاقىلشىپ شۇلارغا يەتكۈزۈپ بىردىغانلىقىنى ئېيىتتى. بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىمزا قۇيۇشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە مەخسۇس بىر ۋېدىيو ئىشلەپ تارقاتتىم. ۋە پىدايىلار پىروگىرامىسدا مەخسۇس نەق مەيدان سۆھبىتىمۇ ئۆتكۈزدىم. دولقۇن ئەيسا ئۈزى نەق مەيدانغا تېلفۇن قىلىپ ئىمزالىق جەدىۋەلنى ئۈزى كۈرۈپ چىقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۈزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامىستېردام دام مەيدانىدا ھەر ھەپتە نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس – بەستە ئىمزا قويۇپ ھازىرغا قەدەر 5000 دىن ئارتۇق ئىمزا توپلاندى.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا باشلىندىغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ۋەزىيتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئۆتۈزۈلدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالدىدا جازا لاگىرىنى تاقاش نامىدىكى 5000 كىشلىك نامايىش پائالىيتى ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىمزالىق جەدىۋەلنى دۇنيا خارەكتېرلىك كېڭەيتىش چاقىرىقى ئېلىپ بېرىش مەخسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۈرۈشتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قۇشۇپ بۇ پائالىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرغا كېڭەيتىش چاقىرىقىمغا ئاۋاز قۇشدىغان بىرەر تەشكىلات چىقمىدى، پەقەت مەلۇم ساندىكى شەخىسلەر قوللاپ ئىمزا توپلايدىغانلىقىنى
ۋە جەنۋەدىكى نامايىشقا ئالغاچ كىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تېلفۇن قىلىپ جازا لاگىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن 5000 كىشلىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر پائالىيەت بۇلۇپتۇ. ئەمسە مەن تەييارلىغان سىز كۈرۈپ تۈزتىپ بەرگەن جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش جەدىۋېلىنى دۇنيا خارەكتېرلىك ئېلىپ بىرىپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدىكى نامايىشتىن كىيىن ب د ت غا يوللاپ بەرسەك بۇقېتىملىق پائالىيىتنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بۇلاتتى دىدىم. مەن قۇرۇلتايدىكىلەر بىلەن بۇ ھەقتە بىر كۈرشۈپ ساڭا خەۋىرىنى بىرىمەن دىدى. بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى يەنە ئىسگە سالدىم. ئەپسۇس يۇقىلاڭ باھانە، سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىشنى دۇنيا خارەكتېرلىك قىلدلمايدىغانلىقىنى دىدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ سۈزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى، ئەمما يەنە بۇ ھەقتە مۇنازىرلىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلكىنى ھىس قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلماي، مەن داۋاملىق ئامىستېردامدىكى يالغۇز كىشلىك نامايىشىمنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىمنى بۇ جەريانىدا داۋاملىق ئىمزا توپلايدىغانلىقىمنى كىيىنچە بولسىمۇ بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگە چىقىپ ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يەتكۈزۈپ بىرىشنى ئۈتىندىم. دولقۇن ئەيسامۇ ئۈزىنىڭ ياردەمدە بۇلدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
خولاسە، بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئامىستېردامدا ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نەچچە مىڭلىغان ئىمزا قويدى، ئەپسۇس ئۇيغۇرلاردىن 100 ئىمزا قۇيۇلمىدى.
ئامستېردامدىكى نامايىشمدا كىشلەرگە تارقىتىپ كىلىۋاتقان تەشۋىقات ۋاراقلىرىمدا ياردەم قىلماقچى بولساڭلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بىلەن ئالاقىلشىڭلار دەپ يېزىقلىق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ياقى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان نامايىش جەريانىدا توپلىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىگە چىقىپ ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا بىرلىكتە تاپشۇرۇپ بىرىشكە ئىگە چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن مەن تەشۋىقاتىمدا ئىزچىل يەنلا دونيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىپ مېڭىۋېرىمەن. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا قارشى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇتۇپلاشقان داۋا يۇلىغا ۋە داۋا ئىشلاردىكى بىپەرۋالىقىغا نارازىلقىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى يازدىم ، يېزىشىمدىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ پىتنە تېرىش ياكى جىدەل چىقىرىپ ھەرگىزمۇ دونيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس. مەن ئۈزەم ياشغان دەۋېردىكى ئۈزەم قىلىپ كىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمدىن خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئۈزەم شاھىت بولغان ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە بۇلارنى يېزىۋاتىمەن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
https://www.youtube.com/watch?v=iBwuVlODi68&ab_channel=AbdurehimGheniUyghur

10 aug
0

گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئوچۇق خەت

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك (ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
گوللاندىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسدە گوللاندىيە پارلامىنتىدا 3 – ئاينىڭ 27- كۈنى ش ت دىكى جازا لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۈمەربېك ئالى ئاكىمىزنىڭ گۇۋالىق بىرش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم ھەم شۇنداق سۈيۈندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە جامائىتى ۋاتساپ توپىدا سادىقجان سەلەي گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، ۋەتەندىن خىتاي ئىشپىيۇنلىرىنىڭ تېلفۇن تەھدىدىگە ئۇچرىغان ۋە ئائىلسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن بىر كىشى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. مەن بۇنى خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى گوللاندىيە سىياسى قاتلىمىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ، دەرھال مەندە يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى، ۋەتەندىن خىتاي جاسۇسلىرى ئۇرغان تېلفۇن خاتىرىلىرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئامستېردامدىكى نامايىشلىرىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ھەتتا ماڭا تەھدىد سېلىپ تىللىغانلىقىغا ئائىت سىن كۈرۈنۈشلىرىگىچە بارلىقى، ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىقمنىڭ تولۇقلىغىنى ۋە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بۇلتۇر ماڭا يازغان«سىز گوللاندىيەدە بىرەر تەھدىد ياكى بېسىمغا ئۇچرىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بىز كۆپ مەمنۇن بۇلىمىز» دىگەن خېتىنىڭ روھىي بويىچە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىگە خەت يازغانلىقىمنىمۇ ئېيتىپ ئۇچۇر قالدۇرغان ھەم ئالدىنقى ئايدا دۇبەيدىكى بىر تېلۋىزىيە قانىلنىڭ مەن بىلەن خىتاينىڭ ماڭا سالغان تەھدىتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبەتنىڭ ئۇلنىشنىمۇ ئىۋەتكەن بولساممۇ، ئەپسۇس ھىچقانداق جاۋاب قايتۇرماي كەچ بولغاندا سادىق ھاجىم مىنىڭ ئايرىمخانامغا « بۇنىڭغا باشقا ئادەمنى بېكىتىپ بولدۇق» دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن مەن: «بۇ ئىشلارنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟ كىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مېنى ئورۇنلاشتۇرمىدىڭلار؟ ئاشۇ كۈندىكى گۇۋاھلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە پۇرسەت خاراكتىرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن دەلىل ۋە ۋەزىن جەھەتتە كىمنىڭ كەچمىشى تەسىر قىلالايدىغان بولسا، شۇنى چىقىرىش لازىم ئىدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۆزەمنى ئەڭ لايىق دەپ قارايتتىم » دەپ سادىق ھاجىمغا ئۇچۇر قىلسام جاۋاب قايتۇرمىدى. ئاندىن گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىنىڭ مەسئۇللىردىن ئابدۇراھمان قاراجىمغا ئۇچۇر قىلسام، «بۇ ئىشقا ئۇبۇلقاسىم ھاجىم مەسئۇلتى، ئۈزى بىلەن كۈرۈشۈڭ» دىدى. ئوبۇلقاسىم ھاجىملار بىلەن ئالاقىلاشسسام، «بىز تەشكىلاتلار مۇنبىرى دەپ بىر مۇنبەر قۇرغان، مۇشۇ مۇنبەردە مۇزاكىرلىشىپ ئىيسا قارىمنى بېكىتكەنتۇق، يالغۇز مەنلا بېكىتمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئىيسا قارىممۇ گوللاندىيەدىكى ئۇزۇن يىللىق سىياسى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بىر ئاكىمىز، ئۇنى بىلىمەن. ئىيسا قارىمنىڭمۇ خىتايدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ تېلفۇن تەھدىتىگە ئۇچرىغىنى ۋە ئائىلسى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغنىىمۇ راسىت، ھەم مەنمۇ ئوخشاش، لىكىن مەن بۇلاردىن باشقا گوللاندىيەدىمۇ 8 ئايلىق نامايىش جەرياندا ئىزچىل خىتايلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كېلۋاتمەن، ھەم مەندە بۇنىڭ سىن ھۆججەتلىرى بار. مېنىڭ گوللاندىيەدەك بىر دېموكراتىك بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىمىنىڭ ئۆزى گوللاندىيە قانۇنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشى بولىدۇ. مېنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاش شۇنىڭدەك ھۈكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنلىرىنىڭمۇ كۈڭۈل بۇلشىگە چاقىرىق قىلىشتا پايدىسى چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلىغان ھەم مۇشۇ نۇقتىلاردىن بۇ گۇۋاھلىق بېرىشكە ئۆزەمنى ئەڭ ماس كېلىمەن دەپ قارىغان ئىدىم. گوللاندىيەدىكى بىر قانچە تېلۋىزىيە قاناللىرى ۋە ھەرقايسى گېزىتلار ش ت دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ ئېتنىك قىرغنىچىلقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى،لېكىن گوللاندىيەلىكلەر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىنى تېخى ھىس قىلغىنى يوق. لېكىن مەن بۇ قېتىملىق گوۋاھلىق پۇرسىتىدە گوللاندىيەدە ئۈزەم ئۇچرىغان خىتاينىڭ تەھدىتلىرىنى گوللاندىيە خەلقىگە ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ پۇرسەت كۈتۈپ زىيانكەشلىك قىلدىغان ئۆچ ئالدىغان خارەكتىرىنىڭ بارلىقىنى گوللاندىيە خەلقىگىمۇ بىلدۈرۈپ، تېخمۇ كۆپ يەرلىك گوللاندىيەلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىيالايمەن دەپ ئويلايمەن. ھەممىڭلار كۈرۈپ تۇرغاندەك ھازىرغىچە ئۈچ گوللاندىيەلىك بىزگە ھىسداشلىق قىلىپ مېنىڭ نامايىشمنى قوللاپ، مەن بىلەن بىللە نامايىش قىلۋاتىدۇ.
             
مەن تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ئىس تۈتەكسىز ئۇرۇشتا ئۈزەمنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئاداقىلىپ كىلۋاتقان ئاددى بىر تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مۇنبىرىگە بىر قانچە سوئالىم بار. بۇ سۇئالنى قۇيشۇم ھەرگىزمۇ ئۆچمەنلىكتىن كىلىپ چىققان بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەمەس. بولسا بۇ مۇنبەرنى قۇرغۇچىلار پىدائىلار پروگراممىسى ياكى قېرىنداشلار سىتودىيسى سەھىپىسگە چىقىپ، چەتئەلدە جۈملىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، ماڭا ئوخشاش ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز قالغان شەرقى تۈركىستانلىقلارغا مۇنبەرنىڭ قۇرلۇشى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بىرىپ ئۈزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسىقچە چۈشەندۈرۈپ تۇنۇشلۇق بەرگەن بولسا،مەنمۇ بۇ ئالتە ش ت مۇنبەر ئەزالىرىدىن ئىككىيلەننى تۇنۇپ كەتمەيدىكەنمەن بەلكى خېلى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۇنماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەيدىغان ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى،قۇرۇلۇش غايىسى ۋە ئىش پىرىنسىپىنى شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار چۇقۇم بىلشى كېرەك دەپ قارايمەن.
1- بۇ مۇنبەر قاچان، كىملەر تەرىپىدىن، نىمە مەقسەتتە قۇرۇلدى؟ رەھبەرلىرى كىملەر؟ ئەزالىرىچۇ؟ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى كىملەر سايلاپ چىقتى؟
2- نىمە ئۈچۈن بۇ مۇنبەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇنداق بىر مۇنبەرنىڭ قۇرۇلدىغانلىقى ھەققىدە گوللاندىيەدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى خەۋەردار قىلىنمايدۇ؟
3- نىمە ئۈچۈن خارلىمدا يېڭدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات جەمئىيتى ئەزالىرىدىن بىرەرسى بۇ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىدە يوق؟
4- گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار بىخەۋەر ھالەتتە قۇرۇلغان بۇ مۇنبەر ئۆزىنى گوللاندىيەدىكى ش ت لىقلارغا ۋەكالىتەن قارار چىقىرشغا سالاھىيەتلىك دەپ قارامدۇ؟ بۇسالاھىيەتنى ئۇلارغا كىم بەرگەن؟
يۇقارقى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئوچۇق خەت يېزىشىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەسەت قىلىش، ئۆزەمنى كۆرسىتىش ۋە ياكى داڭلىقلار بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بارلىق ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى، خىتاينىڭ رەزىللىكىنى گوللاندىيە خەلقىگە تېخىمۇ ياخشىراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە ۋە مىللىي مەنپەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۈلۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى داۋاسىنى قىلۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋاكالىتەن قارا چىقىرىۋاتقان شۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇش يالغۇز مىنىڭلا ئەمەس گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ش ت لىقلارنىڭمۇ ھەققى بار دەپ قارىغىنىم ئۈچۈندۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتتىم. بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىشلاردا كۆپچىلىك خەۋاردار قىلىنماي ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئىش قىلىنسا داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىمەن.كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. تۈۋەندىكىسى مەن ئالدىنقى ئايدا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە يازغان خېتىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى. ئۇنىمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بلەن ئېلان قىلدىم.
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاسىيا ئىشلىرى بۈلمىنىڭ ياردەمچى دىرىكتورى ئارىيەن فان دېن بېرىخ
سىزنىڭ ئالدنقى يىلى پادىشا ئالىيلىرى، باش مىنىستېر مارىك روتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى بىلوكقا ۋاكالىتەن سەمىمىيلىك بىلەن يازغان خېتىڭىزدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ كۆپ خۇرسەن بولغان ئىدىم. ئەپسۇس خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشپ ئېتنىڭ قىرغىنچىلىق دەرىجسگە يېتىپ دۇنيانىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرىدە قىزىق نوختا بۇلۇپ كەلمەكتە. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قايغۇلۇق خەۋەرلەر بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزنى ئىزىپ كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئۈزەمدىكى روھىي بېسىمنى يىنىكلىتىش شۇنداقلا ئىزدىركىنى قىلالمىغان ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىم بىلەن خىتاينىڭ ناتىس كامپىلىرىدىنمۇ ۋەھشى بولغان جازا لاگىرلىردا جان تالشىۋاتقان خەلقىمنىڭ ئاھۇ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23- كۈندىن ئىتبارەن 5 كۈن گوللاندىيە پارلامىنىت بىناسىنىڭ ئالدىدا ۋە شەنبە-يەكشەنبە ئىزچىل ھازىرغا قەدەر ئامستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلقىنى ئامستېردامغا ساياھەتكە كەلگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى خەلىقلەرگە ئاڭلىتىپ كىلۋاتمەن. بۇ ھەقتە بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدىم. ئامستېردامدىكى ئىزچىل ئېلىپ بارغان نامايىشمغا چەتئەلىكلەر بەك قىزىقماقتا. ئەپسۇس خىتايلار بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ھەتتا تەھدىت سېلىپ دىگەندەك ئامىمىۋى سورۇندا ماڭا ھاقارەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي ھەتتا مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ ئەتراپى ۋە خىزمەت ئورنىمنىڭ ئەتراپىدىمۇ مېنى كۈزتۈپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. مەن خىتاينىڭ بۇنداق قۇپاللىق بىلەن ماڭا ھاقارەت قىلغان ئەھۋالىدىن ، شۇنداقلا مېنىڭ كەينىمگە پايلاقچىلىققا چۈششى مىنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئالدىنقى قېتىملىق جاۋاب خېتىڭىزدە باشقا بىرەر دۆلەتتىن كەلگەن ھەر قانداق بىر بېسىمنى ھىس قىلسىڭىز ۋاقتىدا بىزنى خەۋەرلەندۈرشىڭىزنى سورايمەن ۋە مىننەتدار بۇلىمەن دىگەن سۈزىڭىزگە ئاساسەن مەن بۇ خەتنى يازدىم. مەن گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ ئۈزەمنى بىخەتەر ھىس قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلقىنى دىمۇكىراتيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىموۋىلى شۇنداقلا دۇنيادىكى داڭلىق ساياھەت شەھرى بولغان ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئەپسۇس خىتاينىڭ بۇ يولسىز قىلمىشدىن بۇنىڭدىن كىيىنكى نامايىشمنىڭ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرىمنىڭ نورمال داۋاملىششى ئۈچۈن بىخەتەرلىكىمدىن سەل ئەندىشە قىلىپ بىھۇدە كىلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ بخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامانلىقىمنى قوغدىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمەن.شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى ۋە ياكى گوللاندىيە خىتاي ئەلچىخانسى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە ئورنىتىپ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ۋاكالىتەن سۈرۈشتۈرۈپ بىرىشڭلارنى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانام ۋە ئوررۇق تۇققانلىرىمنىڭ ھاياتمۇ – ھايات ئەمەسمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بىرشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمەن.
https://www.youtube.com/watch?v=X3m9V4GgtaA&ab_channel=UrxunTarim
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم غېنى ئائىلسى
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى
ئالاقىلاشقۇچىلار:
ئابدۇسالام نىياز:
ئۇبۇلقاسىم ھاجىم ;
سادىقجان ھاجىم:
زەينىدىن :
ئابدۇسالام:
ئابلەت باكىر:
گۈلىستان :
Yezilghan waqti 11-maart-2019

10 aug
0

زىيانلىق ھاشارەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار

زىيانلىق ھاشارەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
مەن ئىشلەۋاتقان تۇپراق تەتقىقات مەركىزىدە بىر قانچە يىلنىڭ ياقى ھاشارەتلەرنىڭ DNA سىنى يىغىپ ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۋاتىمىز. ئۈسۈملۈك،زىرائەت ، مىۋە – چىۋە، دەل-دەرەخلەرگە قۇنىدىغان ھاشارەتلەر پايدىلىق ۋە زىيانلىق ھاشارەت دەپ ئىككىگە ئايرىلدىكەن. پايدىلىق ھاشارەت چۇقۇم بولمىسا بولمايدىكەن، لىكىن زىيانلىق ھاشارەتنى يۇقاتمىسا ئۈسۈملۈك، زىرائەت ۋە مىۋە – چىۋىلەرگە شۇنداقلا ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتقىمۇ زىيانلىق ئىكەن. مەسلەن دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يىرىدە مەلۇم بىر خىل ھاشارەت تۇيۇقسىز ئاۋۇپ كەتسە،بىراقلا دورا چېچىپ يۇق قىلسا ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسىى بىراقلا يۇقۇلۇپ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتقىمۇئېغىر زىينى يىتىدىكەن. شۇڭا بىزنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ DNA يىغىشتىكى مەخسەتتكى ئۈزىمىز توپلىغان DNA ئامبىردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق مەلۇم ئۈسۈملۈكتە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھاشارەتنىڭ رەسمىنى سېلىشتۇرۇپ بۇنىڭ پايدىلىق ۋە ياكى زىيانلىق ھاشارەت ئىكەنلىكگە ھۈكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۈسۈملۇكنىڭ زىيانلىق ھاشارەتنىڭ زىينىغا ئۇچۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا زىيانلىق ھاشارەتنى يۇقۇتۇشنىڭ دورىسنى تەۋسىيە قىلىش. بۇ دورا پەقەت زىيانلىق ھاشارەتنىلا يۇقۇتالايدىغان بۇلۇپ، پايدىلىق ھاشارەتكە ھىچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. گەپنى خۇلاسىلساق، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر خىتاي ھۈكۈمىتىگە نىسبەتەن زىيانلىق ھاشارەت بۇلۇپ قالدى. شۇڭا نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز…قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلەپ چىقىردىغان بىئولۇگىيەلىك قۇرالىنىڭ تەجىرىبە ماتېرىيالى قىلىنماقتا. خىتاي ھۈكۈمىتى جازا لاگىردىكلەرنىڭنىڭ ھەرخىل بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى توپلاش ئارقىلىق كەلگۈسىدە غايەت زور بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ ئورتا ئاسىيادىكى باشقا تۈركى مىللەتلەرنىمۇ كونترۇل ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك قۇرالنى ياساپ چىقىشىقا تەجىرىبە قىلماقتا. كۈزىمىزنى ئاچايلى ، كەلگۈسىدىكى بۇلدىغان چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ رەزىل سۈيقەستىنڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ،ئۇيغۇرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يۇقىلاڭ تالاش – تارتىش ۋە ئىچكى زىدىيەتلەرنى تۈگىتىپ پۈتۈن زېھنىمىزنى،كۈچىمىزنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارىتايلى. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئىنكاسقا مۇشۇ ئەسۋابقا ۋە تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدارىنىڭ تور بېتىنى يوللاپ قويدۇم كۈرۈپ بېقىڭلار.
يېزىلغان ۋاقتى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
https://www.youtube.com/watch?v=ypXl8PDwn6k&ab_channel=UrxunTarim

09 aug
0

جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا قىلدىغان پائالىيەتلىرىم ھەققىدە

جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا قىلدىغان پائالىيەتلىرىم ھەققىدە

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش كومتىتىدا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغنى ئېلىپ بېرىلماقچى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلمىغا قارشى نامايىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇردى. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ نامايىشقا قاتنىشمەن ۋە نامايىشتىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىرقى ئايرىمچىلىق يىغىنىغا قاتنىشپ گۇۋالىق بىرىمەن. كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىشتا ئۆزۈمگە خاس مېتود بىلەن ۋەتەننىڭ قىسىقچە ئەھۋالىنى شەرقى تۈركىستان نامى بار خەرىتە بىلەن چۈشەندۈرۈپ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەرىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسمنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكە نامى بولغان شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ ئالماشقانلىقىنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئالغان گېزىتتىكى خەۋەرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ چەتئەللىكلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاق رەختكە 75تىن ئارتۇق تىلدا « خىتاي ئىشخالىيتدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى تاقالسۇن، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دەپ يازدۇردۇم ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىردىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە نەچچە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا قويدۇردۇم.

 

ساياھەتچىلەر قايىل بولمىسا ئالدىراپ ئىمزا قويۇپ خەت يېزىپ بەرمەيدۇ. جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل مەلۇم چەككە يەتكەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىرىمەن. ئاق رەخىتنى تارىخىي ئىسپات شەكلىدە ساقلايمەن ھەم بۇ ئىمزالىق ئاق رەخىت ئارقىلىق يەنە بىر قىلىدىغان پىلانىم بارلىقىنى بۇرۇنلا قېرىنداشلىرىمىزغا ئېيتقان ئىدىم. ناۋادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياكى ش ت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسى تەشكىلاتلار ياكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان يەرلىك تەشكىلاتلار بولسۇن ھەرقانداق بىر سىياسى تەشكىلات ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا،ب د ت نىڭ كىشلىك ھۇقۇق كومىتېتىدا ياكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشلىك ھۇقۇق كومىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچسا پاكىت سۈپتىدە ئوخشىمغان تىللاردا يېزىلغان ئاق رەخىتنى ئىسپات سۈپتىدە ئاسايلى دېسە خۇشاللىق بىلەن ئېسىپ بېرىمەن دەپ قىسىقچە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم
‹‹تىلسەڭ تاپارسەن ›› دېگەندەك ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئيسا تېلېفون قىلىپ يۇقارقى تىلەكلىرىمنىڭ ۋۇجۇتقا چىقشىغا سەۋەپچى بولدى. بۇ ئاق رەختنىڭ ب د ت نىڭ كىرىش ئېغزىنىڭ ئالدىغا ئېسىلشىغا سەۋەپچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئىيسا ئاكىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جەنۋەدىكى ب د ت نىڭ ئالددا ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇپ ئەتە ئەتىگەن جەنۋەگە يېتىپ بارىمەن.
ب د ت كىرىش ئېغىزىدا « ئاتا – ئانام قەيەردە؟ ھاياتمۇ؟ ئۆلدىمۇ؟ تۈرمىدىمۇ ياكى جازا لاگىردىمۇ؟» دېگەن لوزىنكنى كۈتۈرۈپ ب د ت نىڭ ئىچگە كىرىش ئېغزىدا تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلمەن ھەم 75 خىلدىن ئارتۇق تىلدا يېزىلغان «خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەن ئىمزالىق رەختنى ب د ت نىڭ كىرىش ئېغزىغا ئاسىمەن. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىمنى بىلمەكچى ۋە تەكلىپ -پىكىر بەرمەكچى بولساڭلار بۈگۈن ئاخشام ھۈسەيىن تەجەللى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان نەق مەيدان سۆھبىتىمىزگە قاتناشقايسىلەر.سەپىرىمنىڭ ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلشى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ خالىس دۇئا قىلىپ قۇيشىنى ئۈمىت قىلمەن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

China: Xinjiang Camps Are Actually Vocational Schools for Criminals – WSJ

09 aug
0

La scomparsa dei miei 19 familiari è una prova vivente per i milioni di uiguri che sono stati oggetto di genocidio da parte della Cina

La scomparsa dei miei 19 familiari è una prova vivente per i milioni di uiguri che sono stati oggetto di genocidio da parte della Cina

 

Cina ! dove sono i 19 membri della mia famiglia ?

Il mio nome è Abdurehim Gheni. Vivo nei Paesi Bassi con mia moglie e i miei tre figli. Dal 23 maggio 2017, non ho avuto contatti con i miei 19 familiari che vivono nel Turkestan orientale. Non so se sono vivi, o nei “campi di concentramento” o in prigione.

Sto manifestando da solo in Piazza Dam ad Amsterdam dal 23 giugno 2018 per sensibilizzare la popolazione mondiale sulla situazione degli Uiguri, compresa la mia famiglia.

Ho anche manifestato pacificamente di fronte al parlamento olandese, all’ambasciata cinese all’Aia, di fronte alla Torre Eiffel in Francia e all’edificio delle Nazioni Unite a Ginevra. Tuttavia, non ho ancora avuto notizie dalla mia famiglia.

Ho inviato lettere al re dei Paesi Bassi, al primo ministro dei Paesi Bassi e al ministro degli Affari esteri dei Paesi Bassi per avere assistenza per ottenere informazioni sui miei familiari scomparsi.

Per conto mio,il ministro degli Affari esteri dei Paesi Bassi ha contattato l’ambasciata cinese nei Paesi Bassi, che mi ha contattato per ulteriori informazioni sull’identità dei miei familiari. Ho fornito tutti i dettagli che avevo, ma non mi hanno piu’ risposto.

Il 14 agosto 2020, ho protestato da solo davanti all’ambasciata cinese all’Aia per chiedere che le autorità cinesi mi dessero lo status di vita dei miei 19 familiari. Quando sono entrato nel cortile dell’ambasciata per avere la loro risposte, sono stato arrestato dalla polizia olandese e rilasciato due ore dopo con una multa di 1.000 euro.

abdurehim gheni arrested

Il secondo giorno della mia manifestazione davanti all’ambasciata cinese, ho ricevuto una telefonata dal mio fratellino Abdukerim Gheni in Cina, che mi ha detto di chiamare la polizia cinese. Più tardi mi ha richiamato due volte per dirmi che tutti nella mia famiglia stavano bene, ma non mi è stato permesso di parlare con nessuno di loro, solo con Abdukerim.

Il 24 settembre 2020 ho ricevuto una lettera dal ministero olandese degli Affari esteri, che trasmetteva una lettera delle autorità cinesi in cui si informava che cinque membri della mia famiglia erano stati condannati separatamente a 3-16 anni di reclusione per varie accuse e che gli altri membri della mia famiglia “vivono liberamente”.

Ho cercato di parlare con gli altri membri della mia famiglia, ma non sono riuscito a raggiungerli. Anche Abdukerim non mi ha detto cosa è successo agli altri.

Non mi fido di ciò che il governo cinese mi ha detto riguardo la libertà degli altri 14 membri della famiglia.

Se sono davvero liberi, perché le autorità cinesi non permettono ai miei parenti di essere contattati per telefono?

Tragicamente, la mia situazione non è anomala e ciò che è accaduto alla mia famiglia è diventato la norma per la maggior parte delle famiglie uigure del Turkestan orientale.

Chiedo di nuovo al governo cinese ! dove sono i 19 membri della mia famiglia?

19 of my missing family members are the living proof of China’s genocide against Uyghurs! – YouTube

09 aug
0

La desaparición de mis 19 familiares es una prueba viviente de los millones de uigures que han sido víctimas del genocidio en China

La desaparición de mis 19 familiares es una prueba viviente de los millones de uigures que han sido víctimas del genocidio en China

 

¡China! ¿Dónde están los 19 miembros de mi familia?

Mi nombre es Abdurehim Gheni. Vivo en Holanda con mi esposa y mis tres hijos. Desde el 23 de mayo de 2017, no he tenido contacto con mis 19 familiares que viven en Turquestán Oriental. No sé si están vivos, en “campos de concentración” o en prisión.

Me he estado manifestando solo en la plaza Dam de Ámsterdam desde el 23 de junio de 2018 para crear conciencia sobre la difícil situación de los uigures, incluida mi familia.

También me he manifestado pacíficamente frente al Parlamento neerlandés, frente a la Embajada de China en La Haya, frente a la Torre Eiffel en Francia y frente al edificio de las Naciones Unidas en Ginebra. Sin embargo, todavía no he sé nada de mi familia.

He enviado cartas al Rey de los Países Bajos, al Primer Ministro de los Países Bajos y al Ministro de Asuntos Exteriores de los Países Bajos para obtener información sobre los desaparecidos miembros de mi familia.

En mi nombre el Ministro de relaciones exteriores holandés se puso en contacto con la Embajada de China de los Países Bajos, la cual se contactó conmigo para obtener más información sobre la identidad de los miembros de mi familia. Proporcioné todos los detalles que tenía, pero después de eso, no recibí ninguna respuesta.

Abdurehim-Gheni-Chinas-Embassy

El 14 de agosto de 2020, protesté solo frente a la Embajada de China en La Haya para exigir que las autoridades chinas me dieran el estatus vital de mis 19 familiares. Cuando entré en la portería de la Embajada para obtener su respuesta, fui arrestado por la policía holandesa y liberado dos horas más tarde con una multa de 1.000 euros.

abdurehim gheni arrested

El segundo día de mi manifestación frente a la Embajada de China, recibí una llamada telefónica de mi hermano pequeño Abdukerim Gheni desde China, quien me dijo que llamara a la policía China. Más tarde me llamó dos veces para decirme que todos en mi familia estaban bien, pero no se me permitió hablar con ninguno de ellos, sólo con Abdukerim.

El 24 de septiembre de 2020, recibí una carta del Ministerio de Asuntos Exteriores de los Países Bajos, en la que se adjuntaba una carta de las autoridades chinas, donde se me informaba que solamente cinco miembros de mi familia habían sido condenados a prisión por diversos cargos y tendrían que pagar una sentencia entre 3 a 16 años. También se especifica que el resto de mi familia esta “viviendo libremente en Turquestán Oriental”.

Traté de hablar con otros miembros de mi familia aparte de mi hermano Abdukerim, pero no he sido capaz de contactar con ellos. Abdukerim tampoco me ha comunicado que ha pasado con los demás.

No confío en lo que el gobierno chino me ha dicho sobre la libertad de los otros 14 miembros de mi familia.

Si están libres, ¿Por qué las autoridades chinas no permiten que se contacte a mis familiares por teléfono?

Trágicamente, mi situación no es un caso atípico, y lo que le ha ocurrido a mi familia se ha convertido en lo usual para la mayoría de las familias uigures en Turquestán Oriental.

Pregunto de nuevo al gobierno chino ! ¿Dónde están  los 19 miembros de mi familia?

19 of my missing family members are the living proof of China’s genocide against Uyghurs! – YouTube

08 aug
0

شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى مەخپى ھۆججەت ھەقىقىدە ئەركىن سىدىققا سۇئال

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا. ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزغا رەھمەت. سىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇليىتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىياسى مەسلىھەتچىسى بۇلۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن، ئيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 70 يىلنىڭ ياقى ئاشكارىلماي يۇشۇرۇپ بېسۋالغان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىگە ئائىت مەخپى ھۆجىتىگە قانداق قارايسىز؟ شەرقى تۈركىستاننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپى ھۆججەتنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىزباسارى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 1-قېتىملىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىندىن سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنى دۇنياغا ئېلان قىلىشقا تىرشىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. بىز 70 يىلنىڭ ياقى داۋا قىلىپ شەرقى تۈركىستاننى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ بېسۋالغان زىمىنى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمىغاندا بۇ مەخپى ھۆججەت پۇلاتتەك ئىسپات بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىغا شاھىت بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئەزالىردىن بىرى بولغان ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئاكىمىزنىڭ پىدايىلار ئېكرانىدا بۇ ھەقتە سورىغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. شۇنداقلا تارقىتىپ قۇيشىڭىزنى ۋە بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرشىڭىزنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

Yezilghan waqti: 02-05-2020

شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى مەخپى ھۆججەتنى ئەيسا يۈسۈپ نىمىشقا ئاشكارىلمايدۇ؟ – YouTube

1236